ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى يېقىندا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئاپتوماتىك سودا مۇھىتى سىستېمىسى (ACE) بەرپا قىلىپ، ئۇنىڭغا «رايون خاراكتېرلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى» ئىقتىدارىنى قوشماقچى بولغان. بۇ ئىقتىدار قوشۇلسا، سىرتتىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ كېلىش جايى ئاپتوماتىك ھالدا تەكشۈرۈلىدىكەن.
شىركەت ۋە سودا قانۇنى ساھەسىدە نوپۇزلۇق تاراتقۇ بولغان «لېكسولوجى» (Lexology) تورىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭى ئىقتىدار قوشۇلغان بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىدا، ئامېرىكاغا كىرمەكچى بولغان خىتاي ماللىرىنىڭ تەۋەلىكى، مال ئىشلەپچىقارغۇچى زاۋۇتلارنىڭ خاس كودى تەكشۈرۈلىدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى بۇ سىستېمىنى بۇ يىل 11-ئايدا سىناق قىلىپ، 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈش كۈنىنى بېكىتىدىكەن. بۇ يېڭى سانلىق مەلۇمات ئېلېمېنتى ۋە مال تەۋەلىكىنى تەكشۈرۈش پروگراممىسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشقا ياردەم بېرىپ، خىتايدىن كېلىدىغان، ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ياكى ياسالغان، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى بولغان ھەر قانداق مال ۋە مەھسۇلاتنى كىرگۈزمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز مەشغۇلات سىستېمىسىغا بۇ ئاگاھلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى قوشۇشتىكى سەۋەبىنى سورىدۇق. بۇ ئىدارىنىڭ ئاممىۋى ئىشلار مۇتەخەسىسى جېفرى كۇئىنونېس (Jeffrey Quinones) ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى بۇ ئاگاھلاندۇرۇش ئىقتىدارى ئارقىلىق تاموژنا ۋاسىتىچىلىرى بىلەن ئىمپورت سودىگەرلىرىگە ئىمپورت قىلىنغان ماللارنىڭ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› بويىچە قايتۇرۇلۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى مەلۇم قىلىدۇ. ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› غا چېتىلىدىغان رايوندىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش ئىقتىدارىغا يېڭىدىن ئۈچ تۈرلۈك دەلىللەش فونكىسىيەسى قوشۇلغان بولۇپ، ئىمپورت قىلىنغان ماللار خىتايدىن كەلگەندە ئامېرىكا تاموژنىسى بىلەن سودىگەرلەرگە زاۋۇتلارنى پەرقلەندۈرۈش كودىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. يەنى ئالدى بىلەن پوچتا نومۇرىنى كىرگۈزۈش كېرەك؛ ئەگەر كىرگۈزۈلگەن پوچتا نومۇرى خىتاينىڭ ئىناۋەتلىك پوچتا نومۇرى بولمىسا، ئابونتلار خاتالىق ئۇچۇرى تاپشۇرۇۋالىدۇ. ئەگەر كىرگۈزۈلگەن پوچتا نومۇرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ پوچتا نومۇرى بولسا، ئابونتلار ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى تاپشۇرۇۋالىدۇ».
جېفرى كۇئىنونېس بۇ يېڭى مەشغۇلات مۇھىتىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز مەشغۇلات سىستېمىمىزدىكى بۇ يېڭى ئىقتىدار ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەمدە ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› غا ئاساسەن قارا تىزىملىككە كىرگەن شىركەتلەر ئىشلەپچىقارغان ماللارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى چەكلەيمىز. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى بېكىتكەن تەلەپلەرگە ئۇيغۇن بولغان ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق ئەمەسلىكى ئېنىق ئىسپاتلانغان ماللار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىستېمىمىزدىكى بۇ ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئىمپورت سودىگەرلىرىگە بەزى ماللارنىڭ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ قايتۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، شۇ ئارقىلىق مەزكۇر قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ».
ئوكسىفورد ئومنىيا خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش دىرېكتورى ئېلىنا بېرنىنى (Elena Bernini) ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى تۈزۈشى ۋە ئۇنى قاتتىق ئىجرا قىلىشىنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:
«ئۇيغۇر رايونى ھازىر ئاساسلىق خام ماتېرىيال ۋە ياساش سانائىتى مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكامۇ خىتايدىن تەدرىجىي ئايرىلىش ئىستراتېگىيەسىنى، يەنى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي باغنى ئۈزۈشنى ئۇيغۇر رايونىدىن باشلىدى. مەسىلەن، 2021-يىل ئامېرىكا ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى›نى ماقۇللاپ، ئۆزەك (chip) ۋە كۈنتاختا (solar panel) ياساشقا كېرەكلىك كىرىستاللىق سىلىتسىينى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى. ھالبۇكى، كىرىستاللىق سىلىتسىي خەلقئارالىق مال تەمىنلەش لىنىيەسىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم خام ئەشيادۇر. 2022-يىل 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ياۋروپا كومىسسيونىمۇ بىر قانۇننى ئېلان قىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىدى، ئەمما بۇ كومىسسيون نۆۋەتتە تۈزۈۋاتقان قانۇن لايىھەسىدە زور كەمچىلىك بار. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» كۈچلۈك بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىدىغان مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكاغا كىرگۈزمەيدۇ. ئەگەر ياۋروپا كومىسسىيونىمۇ ئۆزىنىڭ قانۇن لايىھەسىگە ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى كىرگۈزمەسلىك ماددىسىنى قوشۇپ، ئامېرىكا بىلەن ئوخشاش ئىجرا قىلىشنى باشلىسا، خىتايدىن ئايرىلىشقا پايدىسى بولىدۇ».
ئېلىنا بېرنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىدىغان كۈنتاختا دۇنيادىكى مال تەمىنلەش لىنىيەسىنىڭ 40 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. مەزكۇر قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى بىلەن بۇ نىسبەت خېلىلا چۈشۈپ كەتكەن. ئامېرىكانىڭ خىتايدىن ئايرىلىشى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنىڭ بارا-بارا ئۈزۈلۈشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىكەن، ھالبۇكى، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلۈشى يۇقىرىقىدەك قانۇنلارنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە قاتتىق ئىجرا قىلىنىشىغا باغلىق ئىكەن.