ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان شىركەتلەرنى داۋاملىق ئېنىقلاپ جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2024.08.09
8-ئاۋغۇست كۈنى، ئامېرىكا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قارار چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان يەنە 5 خىتاي شىركىتىنى قارا تىزىملىككە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىگەن.
ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدىن قارىغاندا، قار تىزىملىككە ئېلىنغان شىركەتلەر «قەشقەر قۇرۇلۇش ئىنژېنېرلىق چەكلىك شىركىتى»، قۇمۇلغا جايلاشقان «شىنجاڭ تېڭشياڭ ماگنىي مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتى»، «سېرەك توپا ماگنىي تېخنىكا گۇرۇھى»، «ئەسىر قۇياش نۇرى گۇرۇھى پاي شىركىتى»، «شىنجاڭ خاباخې ئاشېلې مىس شىركىتى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئامېرىكا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالېھاندرو مايوركاس (Alejandro N. Mayorkas) باياناتتىكى سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «بۈگۈنكى قارارىمىز ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنى ئىجرا قىلىشىمىزنى كۈچەيتىدۇ، شۇنداقلا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ تىرىشچانلىقىنى قوللىغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز ئۇيغۇر خەلقى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان باشقا گۇرۇپپىلارنىڭ ئېكسپلاتاتسىيە قىلىنىشى، خورلىنىشىغا قارشى تۇرۇش ھەمدە ئەركىن، ئادىل بازارنى قوغداش ئۈچۈن بۇ قانۇننى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىجرا قىلىمىز.»
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا چېگرا ۋە تاموژنا قوغداش ئىدارىسى، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى ھەمدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، سودا، ئەدلىيە، ئەمگەك ۋە مالىيە مىنىستىرلىقلىرى قاتارلىقلار باشقۇرۇۋاتقان «مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى» (FLETF) مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق شىركەتلەرنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىتىلغان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر» نى چەكلەشنى خىزمەت نىشانى قىلغان. ئۇلار تەكشۈرۈپ بېكىتكەن بۇ 5 شىركەتنى قوشقاندا، ھازىرغىچە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى بويىچە چەكلەنگەن شىركەتلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 73 كە يەتكەن.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئېلىۋاتقان تېخىمۇ كۆپ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇنى، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش يولىدا ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، دەپ كۆرسەتتى.
يۇقىرىدىكى بۇ قارار يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ھەمدە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ چىقىرىلىشىدا كۈچلۈك رول ئوينىغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم سۇزى (Tom Suozzi) نىڭمۇ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن:
«قانۇن دېگەن پەقەت ئىجرا قىلىنغاندىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. مەن ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنىڭ كۈچى بارلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزمۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قولىمىزدىن كەلگەن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ۋەھشىيلىكلىرىگە قارشى كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللىنىمىز. مەجلىستە قۇرۇلغان ‹ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى› نىڭ خىزمەتلىرىمۇ جىددىي داۋام قىلىۋاتىدۇ، مەن ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نى يەنىمۇ كېڭەيتىش، كۈچەيتىش ۋە تولۇق ئىجرا قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن توختىماي ھەرىكەت قىلىمەن.»
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى 2021-يىلى 6-ئايدا ئىجرا قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان خىتاينىڭ پاختا، كىيىم-كېچەك، دېھقانچىلىق، قۇياش ئېنېرگىيەسى، خىمىيەلىك بۇيۇملار، باتارېيە، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە يېمەكلىك قاتارلىق كەسىپلەر ساھەسىدىكى شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغانلىرىنى ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشتىن چەكلەپ كەلمەكتە.
ئامېرىكا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھەمدە «مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىنى ئىجرا قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى» (FLETF) نىڭ رەئىسى روبېرت سىلۋېرس ئەپەندى ئەڭ يېڭى باياناتىدا، ھەرقايسى شىركەتلەرنى تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى ياخشى تەكشۈرۈپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تىجارەت قىلىشقا چاقىرغان. ئۇ مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىكى سۆزىدە تەكىتلەپ: «بىز بۈگۈن يەنە 5 شىركەتنى قارا تىزىملىككە ئېلىش ئارقىلىق تەمىنلەش زەنجىرلىرىمىزنى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالىي قىلىش ئىرادىمىزنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتۇق. ھەرقايسى شىركەتلەر چوقۇم مەھسۇلاتلىرىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلىشى، ئۇنىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. بىز قانۇنغا خىلاپ ئىش قىلىۋاتقان شىركەتلەرنى تەكشۈرۈشنى ۋە بېكىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز ۋە پورتلىرىمىزدا ھوشيارلىقىمىزنى داۋاملىق ئۆستۈرىمىز» دېگەن.