غەرب ئەللىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان دىققەت-ئېتىبارىنى تېخىمۇ ئاشۇرماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتى خەلقئارانىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ، غەرب ئەللىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە ئامېرىكادىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە مەخسۇس بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.

مەزكۇر يىغىن 12-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىگە جايلاشقان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىدە ئېچىلدى. «خىتايدىكى ئۇيغۇرلار» تېمىسىدىكى بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكىدىكى جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى، ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناس جېيمىس مىلۋارد، ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل، ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گاي مەكدوگال قاتارلىقلار ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.

خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى 1921-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، باش شىتابى نيۇ-يورك شەھىرىگە جايلاشقان. بۇ كېڭەش سابىق سىياسىيونلار، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 12 دىن ئارتۇق مۇھىم خادىملىرى، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىرى، بانكېر، ئادۋوكات، ئۇنىۋېرسىتېت پروفېسسورلىرى، سابىق ئاخبارات خادىملىرى قاتارلىق مۇھىم ئەربابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4900 ئادەمدىن تەشكىل تاپقان چوڭ كېڭەش ھېسابلىنىدۇ.

يىغىندا ئاساسلىق مۇھاكىمە قىلىنغان تېما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە قىيىن-قىستاققا ئېلىش مەسىلىسى، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرىقى مەسىلىگە قارىتا ئىنكاسى قاتارلىقلارغا مەركەزلەشكەن.

يىغىن باشلانمىسىدا جېيمىس مىلۋارد ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ھەققىدە توختالغان. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 20-ئەسىردىن بۇيان مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئوخشىماسلىقلارنى ئىلمىي ۋە توغرا ئۇسۇللار ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باقمىغانلىقىنى، ئۇلارغا قارىتا باستۇرۇشنىڭ توختاپ قالمىغانلىقنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن باشقا مىللەتلەرنى «دۆلەتنى پارچىلىغۇچى ئامىل» دەپ قارىغانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن.

جەيمىس مىلۋارد مۇنداق دېگەن: «18-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇيغۇر دىيارى مانجۇ ئىمپىرىيەسىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ئىدى. 20-ئەسىرگە كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپ خىل مىللەتلەر مەسىلىسىدە پاسسىپ يول تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرقلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلمىدى. ئەڭ باشتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ سىياسەتشۇناسلىرى بىر دۆلەتتە كۆپ خىل مىللەتلەرنىڭ بولۇشى شۇ دۆلەت ئۈچۈن تەھدىت، دەيدىغان يەكۈننى چىقارغان. ئۇنىڭدىن كېيىن 2008-2009-يىللىرى تىبەت ۋە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشىغا بىر باھانە بولدى.»

جەيمىس مىلۋارد سۆزى داۋامىدا چېن چۈنگونىڭ تىبەت رايونىدا خىزمەت ئۆتىگەن مەزگىلىدە كىچىك كۆلەملىك «قايتا تەربىيەلەش» پروگراممىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئېتنىك زىددىيەتنى پەسەيتىشتە كۆرۈنەرلىك خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى، 2016-يىلى ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن شۇ خىل سىياسەتلەرنى ئۇيغۇرلارغىمۇ تەدبىقلىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن.

يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلاردىن ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گاي مىكدوگال خانىممۇ سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە بۇلتۇر نويابىردا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئېچىلغان خىتاينىڭ 2018-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە ئۇنىۋېرسال ۋە قەرەللىك قاراپ چىقىش يىغىنىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى باستۇرۇشلىرىغا قارىتا غەرب ئەللىرى ئىزچىل ئىنكاس بىلدۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئىزچىل خىتايدىن ئۇيغۇر دىيارىدا چەكلىمىسىز زىيارەتتە بولۇشنى، شۇ ئارقىلىق شۇ جاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئەينەن باھالاشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ياۋروپا پارلامېنتىمۇ ئوخشاش تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.»

ئۇ سۆزىدە يەنە «باڭلادىش، ھىندىستان ۋە ھىندونېزىيەگە ئوخشاش ئىسلام دۆلەتلىرى ئۆز ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىغا قارىتا كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. بىز بۇنداق ئىنكاسلارنىڭ قەيەرگە بېرىپ توختايدىغانلىقىنى بىلمەيمىز، ئەمما بۇ ھەقىقەتەن ياخشى بىر ئەھۋال،» دېگەن.

يىغىن داۋامىدا رىياسەتچى نۇرىي تۈركەل ئەپەندىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە قارىتا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى نېمە ئۈچۈن ئەمەلىي تەدبىر قوللانمايدىغانلىقىنى سورىغىنىدا ئۇ مۇنۇلارنى بايان قىلىپ ئۆتتى: «ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى داۋاملىشىۋاتقىلى شۇنچە ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا جەمئىيەتتە يەنىلا يېتەرلىك تەسىر پەيدا قىلالمايۋاتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا ئوخشىمايدىغان تاكتېكىلارنى قوللىنىپ باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ياخشى چۈشەنمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئوخشاش بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئېغىزى خىتاينىڭ پۇلى بىلەن يەملەنگەن، شۇڭا ئۇلار ئىنكاس بىلدۈرمەيدۇ.»

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇندىنلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى، ھالبۇكى بۇ قېتىملىق باستۇرۇشنىڭ تارىختىكى ئەڭ ئېغىر بالداققا بېرىپ يەتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ھازىر قىلىۋاتقىنى ئىرقىي باستۇرۇش. ئۇلار ئۆزلىرى ئەينى ۋاقىتتا تەشۋىق قىلغان ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى داڭلىق ئەربابلارنى لاگېرلارغا سولاۋاتىدۇ. بىزنىڭ بەزى دۇنياغا داڭلىق ئالىملىرىمىز، يازغۇچىلىرىمىز، تەتقىقاتچىلىرىمىز خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولاندى. كىشىلەر خىتايدىن بۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى چوقۇم سورىشى كېرەك.»