ئامېرىكا ئەلچىخانىسى: «ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىززەت-غۇرۇرىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىنى قەتئىي قوللايدۇ»

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2024.10.17
uyghur-herikiti-teshkilati-roshen-1 پراگادىكى «ئامېرىكا سارىيى» دا كۆرسىتىلگەن «ھەدەمنى ئىزدەپ» ناملىق فىلىمدىن كېيىن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم سوئاللارغا جاۋاب بەرمەكتە. 2024-يىلى 15-ئۆكتەبىر، چېخىيە.
RFA/Ekrem

ئامېرىكانىڭ پراگادىكى ئەلچىخانىسى 15-ئۆكتەبىر ئۆزىنىڭ X ھېسابىدا مۇنداق يازغان: «بىز بۈگۈن بىر نەپەر مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى بىلەن كۆرۈشۈش شەرىپىگە ئېرىشتۇق. ئۇ بولسىمۇ روشەن ئابباستۇر. ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەم ئىززەت-غۇرۇرىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، بىز ئۇنىڭ ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز.»

چېخىيە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ يىللاردىن بۇيان چېخىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە نەزەر ئاغدۇرۇلسا، چېخىيە پارلامېنتى 2021-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، چېخىيەنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قىرغىنچىلىققا قارشى كۈرەشلىرىگە باغرىنى ئاچقان دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى كۆزگە چېلىقىدۇ. نوپۇسى 10 مىليون ئەتراپىدا بولغان چېخىيەدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلىرى يىللاردىن بۇيان جانلىق داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ئامېرىكانىڭ پراگادىكى باش ئەلچىسى بىجان سابېت ئەپەندى(ئوڭدا) ۋە چېخىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ دوكتورى ئاندرېي كلىمەس(سولدا) بىلەن. 2024-يىلى 15-ئۆكتەبىر، پراگا چېخىيە.
«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ئامېرىكانىڭ پراگادىكى باش ئەلچىسى بىجان سابېت ئەپەندى(ئوڭدا) ۋە چېخىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ دوكتورى ئاندرېي كلىمەس(سولدا) بىلەن. 2024-يىلى 15-ئۆكتەبىر، پراگا چېخىيە.
RFA/Ekrem

دەرۋەقە، چېخىيەلىكلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىگە ئېتىبار بىلەن قارايدىغانلىقى 15-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم بىلەن ئامېرىكانىڭ پراگادىكى باش ئەلچىسى بىجان سابېت ئەپەندى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. باش ئەلچى چېخىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى، سىياسىيونلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، روشەن ئابباس خانىمدىن «ئۇيغۇرلار چېخىيەدىن يەنە نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟» دەپ سورىغان. روشەن ئابباس خانىم بولسا ئۇنىڭغا بىرقانچە تۈرلۈك مۇھىم تەكلىپلەرنى سۇنغان.

روشەن ئابباس خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، 13-ئۆكتەبىر چېخىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹مۇنبەر-2000› يىغىنىدىن كېيىن، 15-ئۆكتەبىر كۈنى پراگادىكى «ئامېرىكا سارىيى» دا «ھەدەمنى ئىزدەپ» ناملىق فىلىم كۆرسىتىلگەن. فىلىمدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سوئال-جاۋابلار بولۇپ ئۆتكەن. چېخىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ دوكتورى ئاندرېي كلىمەسنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن خەۋىرى بولمىغان نۇرغۇن كىشىلەر بۇ سوئال-جاۋابلاردىن ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ چۈشىنىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشكەن.

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم چېخىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ دوكتورى ئاندرېي كلىمەس(سولدا) ۋە تەيۋەن مۇئاۋىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى دوچتور سزۇ-چىەن ھسۇ(ئوڭدا) بىلەن كۆرۈشتى. 2024-يىلى 15-ئۆكتەبىر، پراگا چېخىيە.
«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم چېخىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ دوكتورى ئاندرېي كلىمەس(سولدا) ۋە تەيۋەن مۇئاۋىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى دوچتور سزۇ-چىەن ھسۇ(ئوڭدا) بىلەن كۆرۈشتى. 2024-يىلى 15-ئۆكتەبىر، پراگا چېخىيە.
RFA/Ekrem

ئاندرېي كلىمەسنىڭ تەكىتلىشىچە، چېخىيەدە ھەمدە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئازابلىق كەچمىشلىرى بايان قىلىنغان فىلىملارنى كۆپرەك كۆرسىتىشنىڭ ئەھمىيىتى زور ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى غەربلىكلەرگە يەنە ئۇيغۇر تائاملىرى، سەنئىتىگە ئوخشاش مەدەنىيەت دىپلوماتىيەسى ئارقىلىق تونۇتۇشنىڭ نەتىجىلىرىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

16-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكانىڭ پراگادىكى باش ئەلچىسى بىجان سابېت ئەپەندىنىڭ شەخسىي تۇرالغۇسىدا چاي زىياپىتى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ زىياپەتكە پراگادا چاقىرىلغان خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ تەھدىتىگە قارشى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى قاتارىدا روشەن ئابباس خانىممۇ تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ زىياپەت ئەسناسىدا، بىرقىسىم دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشكەن.

چېخىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ دوكتورى ئاندرېي كلىمەسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، چېخىيەلىكلەر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماستىن، يەنە خىتاي ۋە رۇسىيەگە ئوخشاش مۇستەبىت كۈچلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ تەھدىتلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقان خەلقلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.