ئامېرىكا ئەلچىسى مىشېل تەيلىر: «ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ»
2024.12.10
9-دېكابىر كۈنى جەنۋەدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ سەمىگە سېلىش مەقسىتىدە فىلىم قويۇش ھەمدە سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان. ئامېرىكانىڭ جەنۋەدىكى خەلقئارالىق ئورگانلارغا مەسئۇل ئەلچىلىكى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى، يەرشارى قوغداش مەسئۇلىيىتى مەركىزى ۋە خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى مۇلازىمىتى قاتارلىق 4 ئورۇن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەتكە ئامېرىكانىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە تۇرۇشلۇق دائىمىي ئەلچىسى مىشېل تەيلىر خانىم قاتنىشىپ سۆز قىلغان.
ئۇ سۆزىدە ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن:
«بىز ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن ھەر دائىم بىر سەپتە تۇرىمىز. بۈگۈنكى بۇ پائالىيەت پەقەتلا روشەن ئابباس ۋە ئۇنىڭ ھەدىسى دوختۇر گۈلشەن ئابباس ھەققىدىكى فىلىمنى قويۇش ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ شىنجاڭدىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغان بارلىق كىشىلەرگە ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىمىز ھەققىدە كۈچلۈك ئەسكەرتىش بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.»
مىشېل تەيلىر خانىم سۆزى داۋامىدا سابىق كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت باھالاپ چىقىلغان دوكلات ئېلان قىلىنغانلىقىغا ئىككى يىلدىن ئاشقانلىقى ۋە بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقانلارنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» تىن ئىبارەت خەلقئارالىق جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىلغانلىقىنى ئەسلىتىپ تۇرۇپ يەنە مۇنۇلارنى دېگەن:
«2022-يىلى 9-ئايدا، ئامېرىكا ب د ت دا كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ بۇ دىققەت قوزغايدىغان باھاسى ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش قارارىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەينى چاغدا بۇ تەدبىرنى قوللىمايدىغان دۆلەتلەرمۇ سۆز قىلىپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ناچار ۋەزىيىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى ھەم خىتاي ئۈستىدىن خەلقئارالىق ئەيىبلەش پەيدا قىلىشقا تىرىشتى. بۇ يىل كۈزدە، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە، مەن 10 دۆلەتكە ۋاكالىتەن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئالىي كومىسسار ئىشخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ تۇرۇپ، 2022-يىلدىكى باھالاشتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەۋسىيەلەرنى ئىجرا قىلىشقا چاقىردىم. ئىككى يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دوكلاتنىڭ نەتىجىسىنى ۋە ھەقىقەتلەرنى داۋاملىق رەت قىلىۋاتىدۇ.»
مىشېل تەيلىر سۆزى داۋامىدا ئامېرىكانىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنۇلارنى دېگەن:
«ئامېرىكا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بۇ ئۈمىدسىز كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئۇنتۇپ قالمىدى ۋە ئۇنتۇپ قالمايدۇ. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ قولىدا بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان نۇرغۇن چارىلەر بار. ئادالەتسىزلىك مەيلى قايسى جايدا يۈز بەرسۇن، بىز ئۇنى چوقۇم ئەيىبلىشىمىز كېرەك. ھېچقانداق دۆلەت ئادالەتتىن ئۈستۈن ئەمەس.»
مىشېل تەيلىر خانىمنىڭ سۆزىدىن كېيىن، پائالىيەتتە روشەن ئابباس خانىمنىڭ تۇتقۇندىكى ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ مەسىلىسى يورۇتۇلغان «ھەدەمنى ئىزدەپ» ناملىق فىلىم قويۇلغان ۋە ئارقىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر سۆھبەت پىروگراممىسى ئۇيۇشتۇرۇلغان.
«غايىب قىلىنغانلارنىڭ ھېكايىسى» دەپ ئاتالغان بۇ سۆھبەت پىروگراممىسىغا روشەن ئابباس خانىم بىلەن بىرلىكتە، ھەدىسى گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى زىبا مۇرات ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى جاۋاد مىر قاتارلىقلار قاتنىشىپ سۆز قىلغان.
روشەن ئابباس خانىم يىغىن ئاڭلىغۇچىلىرىغا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ بىر كۈنمۇ توختاپ قالمىغانلىقىنى» تەكىتلىگەن ۋە خەلقئارادىن بۇ ھەقتە يەنىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى قىلىشى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىدە يەنىمۇ ئاكتىپ تەدبىر قوللىنىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.
روشەن ئابباس خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە تۇرۇشلۇق دائىمىي ئەلچىسى مىشېل تەيلىر خانىمنىڭ بىۋاسىتە كېلىپ قاتنىشىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە، 9-دېكابىر كۈنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر قاتار پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى توختىتىش، ھۆر ۋە ئەركىن ياشاش ئىرادىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
«غايىب قىلىنغانلارنىڭ ھېكايىسى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ پائالىيەتكە ئامېرىكا ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى دىپلوماتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى مۇتەخەسسىسلىرى، پائالىيەتچىلەر، شۇنىڭدەك بۇ مەسىلىگە قىزىقىدىغان كۆپلىگەن كىشىلەر قاتناشقان.