ئۇلار «مەڭگۈ بىللە ياشايمىز» دەپ ۋەدىلەشكەنلەر ئىدى
ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتىدا تۇرۇشلۇق ناركوز دوختۇر ياردەمچىسى ئادالەت سابىت، 2016-يىلىنڭ ئاخىرلىرى ئۆزى بىلەن بىر كەسىپتىكى ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان ئابلىمىت ئابلىز بىلەن توردا تونۇشۇپ قالغان. ئۇلارنىڭ سۆھبىتى كېيىنچە كەسىپداشلىقتىن دوستلۇققا ئايلانغان. 2017-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئادالەت ئۈرۈمچىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلاپ كەلگەچ ئابلىمىت بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ بېقىشنى قارار قىلىپ، ئۈرۈمچىگە بارغان. تەقدىر- قىسمەت بۇ ئىككى ياشنى بىر-بىرىگە مەھكەم باغلىغان.
2017-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ئادالەت سابىت بىلەن ئابلىمىت ئابلىز بىر ئۆمۈر بىللە ياشاشقا ۋەدىلىشىپ، ئۈرۈمچىدە توي خېتى ئالغان. ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بۇ بىر جۈپلەر ئۈچۈن نىكاھ مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ مەڭگۈ بىللە ئۆتۈشى ھەم بەختلىك بىر ئائىلە قۇرۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشقان. نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، ئادالەت ھامىلىدار بولغان. ئۇنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتى توشۇپ قالغاچقا، خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكاغا قايتىشقا توغرا كەلگەن، ئەمما يولدىشى ئابلىمىتنىڭ ئامېرىكاغا بېرىش ۋىزىسى تېخى ھەل بولمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئادالەت ئامېرىكاغا قايتىپ تۇرىدىغان، ئابلىمىت ۋىزا ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ ئارقىسىدىن بارىدىغان بولغان. شۇنداق قىلىپ، ئادالەت شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكاغا قايتىپ كەلگەن.
ئادالەت ئېغىرئاياغ بولۇپ ئامېرىكاغا ئۆزى يالغۇز قايتىپ كەلگەن بولغاچقا، تۇرمۇشتا كۆپ قىينالغان، ئەمما يىراقتىكى يولدىشى ئابلىمىت تېلېفوندا ئۇنىڭغا ھەر ۋاقىت تەسەللى ۋە مەدەت بېرىپ تۇرغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ۋىزا ئالغان ھامان يولغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھالبۇكى، ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەت كۈنساناپ يامانلاشقان، 2017-يىلى ئىيۇننىڭ باشلىرىدا ساقچىلار ئابلىمىتنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭ پاسپورتىنى ئېلىۋالغان. ئۇلار ئابلىمىتقا «ۋىزا ئۈچۈن ئامېرىكا ئەلچىخانىسى بىلەن كۆرۈشۈش ۋاقتىڭ بېكىتىلگەندە ئاندىن پاسپورتۇڭنى قايتۇرۇپ بېرىمىز» دېگەن. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، 2023-يىلىنىڭ ئاخىرغىچە ئادالەت ئامېرىكادىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن كۆرۈشۈپ، جەمئىي ئۈچ قېتىم يولدىشى ئۈچۈن بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى بىلەن كۆرۈشۈش ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ساقچىلار ئابلىمىتنىڭ پاسپورتىنى قايتۇرۇپ بەرمىگەن.

ئاتا مېھرىسىز چوڭ بولغان ئەردەنئاي «ئۇيغۇر خانقىز» بولۇپ تونۇلدى
شۇنىڭدىن كېيىن ئابلىمىت ئامېرىكاغا كېلەلمىگەن، ئادالەت يالغۇز ياشاشقا مەجبۇر بولغان ئۇلارنىڭ قىزى ئەردەنئاي ئامېرىكادا تۇغۇلغان، ئارىدىن يىللار ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ قىزى ئەردەنئاي 6 ياشقا كىرگەندە، يەنى 2023-يىلى ئادالەت ئەردەنئاينى «ئامېرىكا دۆلەتلىك خانقىز» تاجىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرغان. مەزكۇر مۇسابىقىگە ئەردەنئاي «ئۇيغۇر خانقىزى» دېگەن نام بىلەن قاتناشقان. مىڭلىغان كىشىلەر بىلەن تولغان چوڭ زالىدىكى ئېكراندا «ئۇيغۇر» دېگەن خەت چوڭايتىلىپ كۆرسىتىلگەن، ئەردەنئاي «مەن ئۇيغۇر خانقىزى» دەپ ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندا، ئادالەت قىزىدىنمۇ بەكرەك ھاياجانلانغان. «مەن قىلالىدىم»، دەيدۇ ئادالەت ئۆز- ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ.
ئالتە ياشلىق ئەردەنئاي، «دادامنى سېغىندىم، مەن دادامنى ئۆيىمىزگە ئەكىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن» دېگىنىدە، ئادالەت كۆز يېشىنى زادىلا تۇتالمايدۇ. شۇ مىنۇتلاردا ئادالەت، «كاشكى، دادىڭىزمۇ مۇشۇ يەردە بولغان بولسا، سىزنىڭ قانچىلىك قەيسەر، ئەقىللىق چوڭ بولغىنىڭىزنى كۆرگەن بولسا، ھاياتىڭىزدىكى بۇ ئۇنتۇلماس مىنۇتلارنى بىز بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن بولسا، نەقەدەر گۈزەل بولاتتى-ھە؟!» دەپ پىچىرلايدۇ ئۆز-ئۆزىگە.
قىزى ئۆزىنىڭ مۇسابىقىدە ئېرىشكەن خانقىزلىق تاجىنى مېداللىرىنى كىتاب ئىشكاپىدىكى دادىسى ۋە ئانىسىنىڭ توي خاتىرە سۈرىتىنىڭ يېنىغا تىزىپ قويغاندا، ئادالەت سۈرەتتە كۈلۈمسىرەپ تۇرغان يولدىشىغا قاراپ، «قىزىمىز ياخشى چوڭ بولۇۋاتىدۇ، ئابلىمت» دەيدۇ.
«يولدىشىم ئاخىرىقى تېلېفون كۆرۈشۈشىمىزدە ئۆزىگە ئوخشىماي قالدى»
قىزى يېڭى تۇغۇلغان ۋاقىتلاردا ئادالەت بىلەن ئابلىمىت ئۈندىداردا دائىم كۆرۈشۈپ تۇرغان، لېكىن كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئەھۋال يامانلىشىشقا باشلىغان.
2022-يىلى يانۋاردا يولدىشى ئابلىمىت تۇيۇقسىزلا ئادالەتكە ۋىدىيولۇق تېلېفون قىلغان، تېلېفون بىر قانچە قېتىم ئۈزۈلۈپ كەتكەن. ئادالەت قايتۇرۇپ تېلېفون قىلغاندا، يولدىشى ئىلگىرىكىگە زادىلا ئوخشىمايدىغان سوغۇق بىر كەيپىياتتا قاتتىقراق ئاۋازدا گەپ قىلغان. ئادەتتە ئۆزىنىڭ ئۆيىدىن تېلېفون قىلىدىغان يولدىشى بۇ قېتىم ئادالەتنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ تېلېفون قىلغان، ھەتتا ئادالەتنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ تېلېفوننى ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ قويمىغان.
بۇ قېتىم ئادالەتنىڭ يولدىشى ئۆزىگە ئوخشىمىغان بىر ھالەتتە قوپال ئاۋازدا سۆزلەشكە باشلىغان: «قالايمىقان يەرلەرگە بارىدىكەنسىز، قالايمىقان ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىپ، قالايمىقان ئىشلارنى قىلىدىكەنسىز. ئۆيدە جىم ئولتۇرۇپ، بالىمىزنى باقسىڭىز بولمامدۇ!؟». ئادالەت تۇنجى قېتىم يولدىشىدىن بۇنداق قاتتىق گەپ ئاڭلىغان بولغاچقا، نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالغان. ئۇ ئىچىدە «مەن سىزنى ئامېرىكاغا ئەكېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار تەشكىللىگەن ۋە مەن بارالايدىغان بارلىق نامايىشلارغا بېرىشتىن، قىزىمغا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇسسۇلىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىگە ئاپىرىشتىن باشقا نېمە ئىش قىلمىدىم؟» دەپ ئۈنسىز ياش تۆككەن. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ جەمەتىگە تۇتۇشىدىغان يولدىشى بۇ قېتىم تېلېفوندا قىزى ئەردەنئايغا ئۇيغۇرچە ئۆگەتمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى، ئامېرىكادا بولغاندىكىن ئىنگلىزچە بىلسىلا يېتەرلىك بولىدىغانلىقىدىن ۋەز ئېيتىپ، قىزىنى ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىگە ئېلىپ بارماسلىقنى ئىما قىلغان.
«قىزىمنىڭ دادىسى بىلەن بىللە بولغىنىنى كۆرسەم، دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئايالغا ئايلانغان بولاتتىم!»
ئالتە يىلدىن بۇيان ئادالەت قىزى بىلەن يالغۇز ياشاپ كەلگەن. ھەر كۈنى تاماق ئۈستىلىدە ئانا-بالا ئىككىيلەن بىر- بىرىگە ھەمراھ بولغان. ئەردەنئاي قۇمچاقتەك قارا كۆزلىرى بىلەن ئادالەتكە ھەر قېتىم كۈلۈمسىرەپ قارىغىنىدا، ئۇ كۆزلەردە «بىر-ئۆمۈر بىللە ئۆتىمىز» دەپ ۋەدىلەشكەن يولدىشى ئابلىمىتنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولغان. ئۇ قىزىغا «كۆزلىرىڭىز، كۈلۈمسىرەشلىرىڭىز بەئەينى دادىڭىزغا ئوخشايدۇ» دەپ قىزىغا دادىسىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرسەتكەن ۋە ئالتە يىل بۇرۇنقى گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئەسلىگەن.
ئادالەت ئۆيىدە ئۇيغۇرچە مۇزىكىلارنى قويۇپ، قىزى بىلەن بىللە ئۇسسۇل ئويناپ، ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى ئېيتىپ، قىزىغا ئۇيغۇر تىلى ۋە كىملىكنى ئۆگىتىشكە تېرىشقان. ھەپتىدە بىر قېتىم قىزىنى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىگە ئاپارغان. ئۇ، ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدە ئۇيغۇر بالىلارغا ئۇسسۇل ئۆگەتكەن. ئۇ ئامېرىكاغا كېلىشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام ئانسامبىلىدا كەسپى ئۇسسۇلچى بولۇپ ئىشلىگەن بولغاچقا، ئامېرىكادا چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئۆگىتىشنى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى، دەپ بىلگەن.
ھەر قېتىملىق نورۇز ۋە يېڭى يىللىق پائالىيەتلەردە ئۇنىڭ ئۇسسۇل سىنىپىنىڭ قىزلىرى ئۇيغۇر جامائىتىگە ئويۇن كۆرسىتىپ كەلگەن. ئۇ قىزلارنىڭ قاتارىدا قىزى ئەردەنئايمۇ بار بولۇپ، بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل كىيىملىرىنى كىيىشىپ، ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىغا تەڭكەش قىلىپ شوخ ئۇيغۇر ئۇسسۇلىغا چۈشۈشى، ئۇنىڭغا ئۈمىد بېغىشلىغان، يات ئەللەردە ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ يوقاپ كەتمەيدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرغان.
ئادالەتنىڭ قىزى «ئامېرىكا دۆلەتلىك خانقىز» تاجىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئالاھىدە ماھارەت بۆلىكىدە ئۇچىسىغا ئەتلەس كۆينەك، بېشىغا چىمەن دوپپا كىيىپ، «چىمەن دوپپام» دېگەن ئۇيغۇر بالىلار ناخشىسىغا ئۇسسۇل ئوينىغان. ئەردەنئاينىڭ ئۇسسۇلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئادالەت قىزىنىڭ شۇنداق تېتىك، شوخ چوڭ بولۇۋاتقىنى كۆرگەندە، دادىسى بىلەن بىللە ئۆتكۈزىدىغان ئەڭ گۈزەل سەبىي بالىلىق ۋاقىتلىرىنىڭ ئاققان سۇدەك ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىدىن، بۇ ۋاقىتنى مەڭگۈ قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغانلىقىدىن چوڭقۇر ئەپسۇسلانغان.
ئۇ زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا قىزىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى: «قىزىمنىڭ چىرايى دادىسىغا بەك ئوخشايدۇ. قىزىمغا قارىسام، ئۇنى كۆرگەندەك بولىمەن. قىزىمنىڭ دادىسى بىللە ئوينىغىنىنى كۆرسەم، پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئايالغا ئايلانغان بولاتتىم. ئۇلۇغ ئاللاھ، شۇ كۈنلەرنى بالدۇرراق نېسىپ قىلغاي. بۇ دۇنيادا ھايات ياشاۋاتقان يولدىشىم بىلەن قىزىمىزنى بىللە چوڭ قىلىش نېمىشقا بۇنچە تەسكە توختايدۇ؟»