ئامېرىكا ئەسكەرلىرى خىتايغا قارشى مانېۋىر باشلىغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2021.01.03
ئامېرىكا ئەسكەرلىرى خىتايغا قارشى مانېۋىر باشلىغان 2020-يىلى دېكابىردا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ دېڭىز ئارمىيە پىيادىلىرى بىرلىكتە قاتناشقان ھەربىي مانېۋىردىن بىر كۆرۈنۈش.
Photo: RFA

ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە پىيادىلىرى (دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمى) خىتايدىن كېلىدىغان ھەربىي خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، غەربىي تىنچ ئوكياندىكى ئاراللار توقۇنۇشلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ھەربىي مەشىقلىرىنى كۈچەيتكەن.

«ۋال سترېت ژۇرنىلى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي سۈنئىي ھەمراھلىرى، تور ئۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچى بىلەن بولغان پەرقنى كىچىكلىتىش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى سەۋەبلىك ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينى «كۈچى تەڭلىشىپ قېلىۋاتقان رەقىب» دەپ ئاتايدىكەن.

يېقىندىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان بىر نەچچە قېتىملىق مانېۋىرلارغا ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ دېڭىز ئارمىيە پىيادىلىرى بىرلىكتە ئىشتىراك قىلغان. ئۇلارنىڭ تەقلىدىي ۋەزىپىسى بولسا بايقىلىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ھەمدە دۈشمەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە زەمبىرەكلىرى مۇھاسىرىدىكى ئارال پورتنى قايتۇرۇۋېلىش ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ بىر ھەربىي كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، بەش بۇرجەكلىك بىنا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەشىق پىلانىنى يېڭىلاشقا قايتىدىن دىققەت قىلىشقا باشلىغان.

ئامېرىكا شتاب باشلىقلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گېنېرال مارك مىللېي يېقىندا مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم خەۋپسىزلىك رىقابىتى ياراتماقتا، خىتاي ئارمىيەسى ئامېرىكا بىلەن باراۋەر بولۇشقا قاراپ يول ئالدى.»

ئۆكتەبىر ۋە نويابىر ئايلىرىدا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق يەتتىنچى فلوتى دېڭىز ئارمىيە پىيادىلىرى ۋە ياپون ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىشىپ ياپونىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئوكىناۋاغا يېقىن ئىككى ئارالنى ئىگىلەش مانېۋىرى ئېلىپ بارغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.