نيۇ-يورك ئاكسىيە بازىرى پرېزىدېنت دونالد ترامپ نويابىردا ئىمزالىغان مەمۇرىي بۇيرۇققا ئاساسەن خىتاينىڭ ئۈچ چوڭ تېلېگراف شىركىتىنىڭ پاي چەكلىرىنى ئاكسىيە تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نيۇ-يورك ئاكسىيە بازىرى باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاي كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى، خىتاي تېلېگراف شىركىتى ۋە خىتاي بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى خوڭكوڭ چەكلىك شىركىتىنىڭ پاي چەك ئوبوروتى 7-يانۋاردىن11-يانۋارغىچە بولغان ئارىلىقتا توختىتىلىدۇ، ئۇلارنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈۋېتىش رەسمىيىتى باشلاندى.»
پرېزىدېنت ترامپ نويابىردا بۇيرۇق ئىمزالاپ، ئامېرىكىلىق مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە پېنسىيە فوندلىرىنىڭ خىتاي ھەربىي كارخانىلىرىغا مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، چەكلىمە قويۇلغان شىركەتلەر قاتارىدا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خىتاي شىركەتلىرىمۇ بار ئىكەن.
«يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، «زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدىغان» لىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما قانداق تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى شەرھلىمىگەن.
ئامېرىكا دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى مايدا خىتاي كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئامېرىكادا تىجارەت قىلىشىنى چەكلىگەن. دېكابىردا ئامېرىكىدىكى تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ خۇاۋېي تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىۋېتىشنى بۇيرۇغان ئىدى.