ئامېرىكا ۋە خىتاي ھەربىي ئايروپىلانلىرى ئوخشاش ۋاقىتتا تەيۋەن تەۋەلىكىگە كىرگەن

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى يەكشەنبە كۈنى، ئامېرىكىنىڭ بىر دانە رازۋېدكا ئايروپىلانى ۋە خىتاينىڭ بىر نەچچە ھەربىي ئايروپىلانى تەيۋەننىڭ ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىنىڭ غەربىي جەنۇب بۇرجىكىگە بىرلا ۋاقىتتا كىرگەن.

ئۆتكەن ھەپتە تەيۋەن دائىرىلىرى خىتاينىڭ تەيۋەن ھاۋا بوشلۇقىغا كۈرەشچى ۋە بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنى كۆپ قېتىم يوللىغانلىقىنى دوكلات قىلغان. شۇ ئەسنادا ئامېرىكا «تېئودور روزۋېلت» ناملىق ئاۋىئاماتكىسىنى تەيۋەن بوغۇزى ئارقىلىق جەنۇبىي دېڭىزغا ئەۋەتكەن.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، يەكشەنبە كۈنى جەمئىي يەتتە خىتاي ئايروپىلانى تەيۋەن كونتروللۇقىدىكى پراتاس ئارىلىغا يېقىن دېڭىز رايونىدا ھەرىكەت ئېلىپ بارغان.

خىتاي ئايروپىلانلىرى كىرگەن رايونغا ئامېرىكىنىڭ بىر دانە رازۋېدكا ئايروپىلانىمۇ ئوخشاش ۋاقىتتا ئۇچۇپ كىرگەن.

خىتاي ئالدىنقى ھەپتە تەيۋەنگە بولغان ھەربىي بېسىمنى كۈچەيتكەن ۋە «مۇستەقىللىق ئۇرۇش دېگەنلىك» دەپ تەيۋەننى ئاگاھلاندۇرغان. 23-يانۋار ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نېد پرايس خىتاينى تەيۋەنگە تەھدىت سېلىشنى توختىتىشقا چاقىرغان ئىدى.

خىتاي ئۆتكەن ئىككى ھەپتىدىن بۇيان تەيۋەن ھاۋا بوشلۇقىغا بىر نەچچە قېتىم ئۈسۈپ كىرىپ، تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ھەربىي ئايروپىلانى بىلەن ئوخشاش رايوندا ئوخشاش ۋاقىتتا دوقۇرۇشۇپ قالمىغان ئىكەن.