ئامېرىكا ياۋروپادىكى ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇپ، دىققەتنى خىتايغا قاراتماقچى بولغان
2025.02.15

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بىلەن ئىسرائىلىيە-خاماس توقۇنۇشىنى سۆھبەت ۋە دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل قىلىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈرگەن بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى نېتانىياخو بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشكەن بولسا، بۇ ھەپتە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلنىسكى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 12-فېۋرال ئۆزىنىڭ X ھېسابىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇكرائىنا ۋە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى، ئېنېرگىيە، سۈنئىي ئەقىل ۋە دوللار توغرۇلۇق سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، پۇتىن ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى توختىتىش ئۈچۈن ئامېرىكا تەرەپ بىلەن دەرھال سۆھبەتلىشىشكە قوشۇلغان. ئىككى تەرەپ يەنە پات يېقىندا ئۆزئارا دۆلەت زىيارىتىدە بولۇشقا كېلىشكەن.
پىرېزىدېنت دونالد ترامپ يەنە شۇ كۈنى X ھېسابىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلنىسكى بىلەن ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش توغرۇلۇق سۆزلەشكەنلىكىنى، تەرەپلەر سۆھبىتىنىڭ 14-فېۋرال (جۈمە) كۈنىگە بېكىتىلگەنلىكىنى، ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى J. D ۋەنس بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو باشچىلىقىدىكى بىر ئۆمەكنىڭ بۇ سۆھبەتكە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېت ھېگسېت 13-فېۋرال كۈنى بىريۇسسېلدا ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان سۆزىدە پىرېزىدېنت ترامپنىڭ، ئۇكرائىنادا بولۇۋاتقان قانلىق ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇپ تىنچلىق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى تەكىتلىگەن. ئۇ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئېلىپ كېلىشنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى، ئۇكرائىنانىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ناتوغا ئەزا بولمايدىغانلىقىنى، 2014-يىلدىن ئىلگىرىكى چېگراسىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىناغا ئورۇنلاشمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشقا ئامېرىكانىڭ پۇل چىقارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پېت ھېگسېت ئۇكرائىنانىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنىڭ بۇ مەسىلىنىڭ سۆھبەت ئارقىلىق ھەل بولۇشىغا پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
13-فېۋرال CNN تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ «ئۇكرائىنانى ناتوغا ئەزا قىلماسلىق، ئۇكرائىنانىڭ 2014-يىلدىن ئىلگىرىكى چېگراسىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەسلىك، ئۇكرائىناغا ھەربىي ياردەم بەرمەسلىك» دېگەندەك تەلەپلىرىگە ماقۇل بولۇشىدىكى مەقسەتنىڭ، ئامېرىكانىڭ ئاساسلىق ھەربىي نىشانىنى ياۋروپادىن خىتايغا يۆتكەش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پېت ھېگسېت 11-فېۋرال گېرمانىيەدە ئامېرىكانىڭ ياۋروپادىكى قوماندانلىق باش ئىشتابىدا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاي توغرۇلۇق سۆز قىلىپ: «خىتاينىڭ نىيىتى يامان، ئۇ ئۆز ئەتراپىدىكى رايونلارغىلا ئەمەس، لاتىن ئامېرىكاسى بىلەن ئافرىقاغىمۇ چىشىنى بىلەۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئەركىن دۇنيانىڭ يېتەكچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداش بىلەن بىرلىكتە، ئاساسلىق كۈچىنى كوممۇنىست خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرىدۇ».
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەركىن ئەكرەم ئامېرىكا بىلەن خىتايدەك كۈچلۈك دۆلەتلەر ئارىسىدا ئاسانلىقچە جەڭ بولمايدىغانلىقىنى، ئەمما ھەربىي رىقابەت ۋە بۇ جەڭگە تەييارلىق قىلىشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
7-فېۋرال، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، پېت ھېگسېت ئامېرىكانىڭ يەنىلا خىتاي ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن «ئىس-تۈتەكسىز ئۇرۇش» ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، دۆلەتلەر ئارا توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان تور ھۇجۇمى، يالغان ئۇچۇر تارقىتىش، ئىقتىسادىي جازا قاتارلىقلارنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ يىغىن ئارقىلىق خىتايغا سىگنال بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا تالاش-تارتىش داۋاملىق مەۋجۇت بولىدۇ» دېگەنىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پېت ھېگسېت بۇ يىغىندا يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئاساسلىق ۋەزىپىسىنىڭ خىتاي تەھدىتىگە قارشى دۆلەت مۇداپىئە كۈچىنى، بولۇپمۇ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن مەزكۇر رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنى تېخىمۇ ئىلغار، زامانىۋى ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى، ئىنتېرنېت ۋە سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە خىتاي، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن گىئو-سىياسىي رىقابەتنى ھەر زامان بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى، ھەربىي قىسىمدا ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا مەۋجۇت بولغان ئۈنۈمسىز چىقىم، بىھۇدە چىقىملارنى قىسقارتىدىغانلىقىنى، دۆلەت مۇداپىئەسى خامچوتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكانىڭ دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ بولۇپ، 2023-يىلى 1 تىرىللىيون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەربىي تەھدىتى داۋاملىق كۈچىيىپ ماڭغان.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش بولۇش-بولماسلىقىنىڭ خىتاينىڭ ھەدىدىن ئېشىش-ئاشماسلىقىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ئامېرىكاغا شىلتىڭ ئېتىۋاتقان، ئامېرىكانىڭ ئەقلىي مۈلۈكلىرىنى ئوغرىلاۋاتقان، ئامېرىكاغا فېنتانىل سېتىۋاتقان، شۇنداقلا ئامېرىكاغا قارشى خەلق ئۇرۇشى قوزغاۋاتقان بىر دۆلەت. بۇ، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ نەگە مېڭىشىنى خىتاي بەلگىلەيدۇ دېگەنلىكتۇر. ئەگەر خىتاي پەيلىدىن يېنىپ، خەتەرلىك ھەرىكەتلىرىنى توختاتسا، ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ئۆتىمىز؛ ئەگەر ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرسا، مۇناسىۋىتىمىز قىيىنلىشىدۇ».
خىتاي تەرەپ بولسا، ئامېرىكانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي خىراجىتىنى كۆپەيتىش ياكى ئىتتىپاقداشلىرىنى قوزغىتىش ھەرىكەتلىرىنى تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 8-فېۋرال كۈنى «خىتاي ھەربىي ئىشلىرى» تورى، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئامېرىكا ئۈنۈمدارلىق مىنىستىرى ئېلون ماسكنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خامچوتىنى ئېنىقلاشقا بۇيرۇغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلغان. خىتاينىڭ «سىنا» تورىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىپ، «ئامېرىكانىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئاجرىتىدىغان پۇلى ئامېرىكادىكى ھەربىي سانائەت خوجايىنلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلىدۇ. ئېلون ماسكنىڭ SpaceX شىركىتى ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن نەچچە مىليارد دوللارلىق توختام ئىمزالىدى، شۇڭا ئۇنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ھېسابىنى تەكشۈرۈشى چوقۇم كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغايدۇ» دېگەن. بۇ خەۋەردە يەنە، ئېلون ماسكنىڭ ئامېرىكانىڭ F-35 تىپىلىق كۈرەشچى ئايروپىلانىدىن رازى بولمىغانلىقى، بۇنىڭغا مەبلەغ سېلىشى توختىتىپ، سۈنئىي ئەقىل بىلەن ئادەمسىز ئۇچقۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا خامچوت ئاجرىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى يېزىلغان. خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئېلون ماسكنىڭ كۆز قارىشىنى تەشۋىق قىلىپ، «بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇرۇشنىڭ يۈزلىنىشىنى سۈنئىي ئەقىل بىلەن ئادەمسىز ئۇچقۇ بەلگىلەيدۇ» دېگەن.
ئانالىزچى گوردون چاڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، سۈنئىي ئەقىل ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى ھەربىي رىقابىتىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئۇ، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق رىقابەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. كەلگۈسىدە قايسى دۆلەت ئەڭ ئىلغار سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى ئىگىلىسە، جاھاننى شۇ سورايدۇ».
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور بۇ ھەقتە رادىيومىزغا بەرگەن يازمىچە جاۋابىدا مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر بىر قىسىم دۆلەت مۇداپىئە چىقىمىنى، سۈنئىي ئەقىل بىلەن ئادەمسىز ئۇچقۇنى بىرلەشتۈرۈش تېخنىكىسىغا مەبلەغ سېلىشقا ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەر يەنە لازېر نۇرلۇق قوراللارغا ئوخشاش تېخنىكىلىق قوراللارغا قارشى مۇداپىئەنى كۈچلەندۈرىدىغان يۇقىرى تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ».
دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تارىختىن بېرى يۇقىرى تېخنىكا ۋە ئىقتىساد كۈچىگە ئىگە بولغان ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا دۇنيانى سوراپ كەلگەن بولسا، ھازىر بۇنىڭغا خىتاي قېتىلماقچى بولغان، شۇڭا خىتاي 4-سانائەت دەۋرى بولغان سۈنئىي ئەقىلدە ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلەشمەكتە ئىكەن.