ئامېرىكا كونسېرۋاتىپلار ئىتتىپاقىنىڭ 2021-يىللىق سىياسىي ھەرىكەت يىغىنىدا خىتايغا تاقابىل تۇرۇش تېمىسى ئەڭ ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن.
«پولىتىكو» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 26-فېۋرالدىن بۇيان فىلورىدا شتاتىدا ئېچىلىۋاتقان يىغىندا «خىتاي ئامېرىكىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ»، «ئامېرىكا سودا گۇرۇھى خىتايغا تەسلىم بولدى» قاتارلىق تېمىلاردا نۇتۇق سۆزلەنگەن.
كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى توم سكوت جۈمە كۈنى سۆزلىگەن نۇتقىدا خىتاينىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى ئۆلتۈرىۋاتقانلىىنى تىلغا ئالغان ۋە مۇنداق دېگەن: «مەن كوممۇنىست خىتايغا پايدا يەتكۈزۈپ، ئامېرىكا ئىشچىلىرىغا زىيان سالىدىغان يەنىمۇ كۆپ ناچار سودا كېلىشىملىرىگە يول قويمايمەن. ۋۇخەن ۋىرۇسى ھەققىدە ھەقىقەتنى ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈنلا خىتاي ئۆز پۇقرالىرىنى تۈرمىگە تاشلىدى ۋە ئۆلتۈردى.»
خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ ئىشتىن خەۋەردار بىر كىشى بۇ يىل ئورلاندودا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر يىغىننى پىلانلاش جەريانىدا تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ خىتاي ھەققىدە ئون نەچچە گۇرۇپپا يۇمىلاق ئۈستەل مۇھاكىمىسى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلان قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، 28-فېۋرالغىچە داۋام قىلىدىغان مەزكۇر يىغىندا يەنە، خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسى تېمىسىمۇ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرىلەردە ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن ئىكەن.