29-ئاپرېل، ئامېرىكا شتاب باشلىقلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گېنېرال مارك مىللېي ھاۋايدا كورېيە ۋە ياپونىيەلىك كەسىپداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكانىڭ «رايوننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى» قوغداشتا بەرگەن ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىگەن. گەرچە يىغىندىن كېيىن ئاخباراتقا ئېلان قىلىنغان يىغىن مەلۇماتىدا خىتاي بىۋاسىتە تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، مەزكۇر ئۇچرىشىش ئامېرىكانىڭ ھەربىي كۈچىنى ئوتتۇرا شەرقتىن خىتايغا تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك بۇراشقا قاراپ قەدەم ئالغانلىقىنى نامايان قىلىدىكەن.
س ن ن نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىن مەلۇماتىدا «قائىدىلەرنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپ» نىڭ مۇھىملىقى ۋە ئامېرىكانىڭ ھەربىي ئىقتىدارنىڭ بارلىق ئىمكانلىرىنى ئىشقا سېلىپ «كېڭەيتىلگەن تەھدىت» بىلەن تەمىنلەشكە تەييارلىق قىلىش قاتارلىق ئاتالغۇلارنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى بۇنىڭ خىتاينى نىشان قىلغان بىر ئۇچرىشىش ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىدىكەن.
بۇ ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ كورونا ۋىرۇسى تارالغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق بىۋاسىتە ئۇچرىشىشى بولۇپ، ئۇچرىشىشتا يەنە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىغا بولغان ئەندىشىلەرمۇ تىلغا ئېلىنغان.
س ن ن دە كۆرسىتىشىچە، بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ئۇچرىشىشى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئۇرۇشتىن كەلگۈسىدىكى رىقابەتكە مەركەزلەشتۈرىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدىكەن.
پرېزىدېنت جوۋ بايدېن چارشەنبە كۈنى كەچتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قىلغان تۇنجى نۇتقىدا، خىتاينىڭ «ئادالەتسىز سودا ئۇسۇلى» غا تاقابىل تۇرىدىغانلىقى، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا كۈچلۈك ھەربىي مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ، «توقۇنۇشنى باشلاش ئەمەس، بەلكى توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نى كۆزلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئاۋستىن بۇ يىل مارتنىڭ بېشىدا «خىتاي خىزمەت گۇرۇپپىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر گۇرۇپپىنىڭ تەشكىللەنگەنلىكىنى جاكارلىغان ھەمدە بۇ گۇرۇپپىنىڭ خىتاي ئامېرىكا ئارمىيەسىگە شەكىللەندۈرىدىغان خىرىسنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ يېتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
پرېزىدېنت بايدېن چارشەنبە كۈنى يەنە ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.