ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ تارىخىدا ئامېرىكا تۇپرىقىدا يۈز بەرگەن ئەڭ ئاخىرقى زور كۆلەملىك ئۇرۇش 1861-يىلىدىن 1865-يىلىغىچە داۋام قىلغان ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇشى بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان بۇ خىلدىكى ئۇرۇشلار يۈز بەرمىگەنىدى. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلانغان ئۆز تەرەققىياتىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىملاپ باشقا دۆلەتلەردىكى ئامېرىكاغا قارشى كۈچلەرگە ئۇرۇش ئېلان قىلىش ۋە بىۋاسىتە ئۇرۇشقا ئىشتىراك قىلىشقا توغرا كەلگەن ۋاقىتلاردا بولسا بۇ ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسىلا ئامېرىكا تۇپرىقىنىڭ سىرتىدا كۆرۈلگەنىدى.
ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئامېرىكا جەمئىيىتى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خەۋەر بولۇۋاتقان تاجسىمان ۋىرۇسىنى «ئەينى ۋاقىتتىكى پېئارىل خاربور (مەرۋايىت پورتى) ۋەقەسى ۋە 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىنمۇ ئېغىر بولغان بىر پاجىئە. ئەسلىدە بۇ ۋەقە بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلمەسلىكى پۈتۈنلەي مۇمكىن ئىدى» دېدى.
پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ بۇ سۆزىدە ئېيتىلغان ھۇجۇمنىڭ ھەر ئىككىسى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس ۋەقەلەردىن بولۇپ، ئامېرىكانىڭ 21-ئەسىردىكى تاشقى سىياسەتلىرىنى بەلگىلەشتە زور ۋە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقى شۇنىڭدىن كېيىنكى تارىختا ئېنىق ئەكس ئەتكەنىدى. ھالبۇكى بۇ قېتىمقى ۋىرۇس ۋاباسىنىڭ ئەنە شۇ ۋەقەلەر بىلەن باراۋەر تىلغا ئېلىنىشى ھەمدە بۇ قېتىمقى ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىشى سەۋەبلىك بۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە نېمىلەردىن دېرەك بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپلىگەن پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.
ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ ئاقىللار مەركىزىنىڭ بىرى بولغان «ئامېرىكا مۇئەسسەسە ئىنستىتۇتى» نىڭ تەتقىقاتچىسى زەك كۇپېر بۇ مەسىلە ھەققىدە جىددىي ئويلىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆتكەن ھەرقانداق مەزگىلدىكىگە قارىغاندا ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالدى، دەپ قاراشقا بولىدىغان بولۇپ، دەل مۇشۇ ھال بۇ قېتىمقى ۋىرۇس يۇقۇمىدا ئەڭ ئوچۇق ئەكس ئەتكەن. ئۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى:
«شۈبھە قىلىش ھاجەتسىزكى تاجسىمان ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇ ئەھۋال ئامېرىكادىلا ئەمەس، باشقا جايلاردىمۇ شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. شۇنداق بولغاچقا خىرىسلارغا تولغان ئىچكى سىياسەتتىكى بۇ مۈشكۈلاتقا قارىتا پرېزىدېنت دونالد ترامپ بۇ ۋىرۇسنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ۋە قانداق قىلىپ بۇنچە ئەدەپ كەتكەنلىكىنى تەكشۈرۈشكە كۈچەۋاتىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى كۆپ سانلىق ئەربابلار، جۈملىدىن پرېزىدېنت ۋە سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنت جوۋ بايدىنغىچە بولغان كىشىلەر مۇشۇ خىل قاراشقا مايىل بولغاچقا بۇ ھال تەبىئىي يوسۇندا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە بىر زور جىددىيچىلىكنى پەيدا قىلدى. بېيجىڭمۇ بۇ ھەقتە ئېنىق ئۇچۇرلار ۋە مەلۇماتلار بىلەن تەمىن ئېتىش ھەققىدىكى تەلەپلەرنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ ئۆتكەن بىرنەچچە ھەپتىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تولىمۇ كەسكىن بولغان بىر مەيدان ئىدېئولوگىيە توقۇنۇشى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى مۇشۇ قېتىملىق تاجسىمان ۋىرۇسى سەۋەبلىك راۋۇرۇس چېكىندى، بۇ ھال ئەمدى بۇندىن كېيىنكى ئالتە ئايدا تاكى بۇ يىلقى پرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نەتىجىسى چىققۇچە تېخىمۇ يامانلىشىشى مۇمكىن.»
ئامېرىكادىكى مۇستەقىل ئانالىزچى چېن پوكوڭ ئەپەندى بولسا تاجسىمان ۋىرۇسىنى «پېئارىل خاربور ھۇجۇمى» ۋە «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» گە ئوخشىتىش ھادىسىسىنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى يېتىپ كەلگەنلىكنىڭ بەلگىسى، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئامېرىكا تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆلۈم-يىتىم ۋەقەسىگە سەۋەب بولغۇچى ۋىرۇس ھۇجۇمى ھەققىدە تۈرلۈك تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئەھۋالدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئەمدىلىكتە ئۆتكەنكىگە ئوخشىمايدىغان باشقىچە بىر مەنزىرىنى يارىتىدىغانلىقى شەكسىز ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دېدى:
«مېنىڭچە پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ بۇ سۆزىنى ئۈچ قاتلاملىق مەنىگە ئىگە دەپ قاراشقا بولىدۇ. بىرىنچى، بۇ ۋەقە ئامېرىكا تارىخىدا كۆرۈلگەن تاشقى كۈچلەرنىڭ جەمئىي ئۈچ قېتىملىق ئامېرىكا تۇپرىقىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ بىرى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكاغا تاشقى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇم قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچى، بۇ قېتىمقى ۋىرۇس بالاسىدا ئامېرىكادا ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ سانى ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ جەمئىي سانىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى ھەمدە ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلگەن بىر قېتىملىق تاشقى ھۇجۇم بولۇپ قالدى. ئۈچىنچى، پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ تەرزدە سۆز قىلىشى بىر تۈرلۈك يوشۇرۇن مەنىگە ئىگە: ئامېرىكا ھازىر غايەت زور بىر ‹دۈشمەن›گە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ‹دۈشمەن›نى ھەممىلا كىشىنى ۋەھىمىگە سېلىۋاتقان تاجسىمان ۋىرۇسى ياكى مۇشۇ ۋىرۇسنىڭ يامراپ كېتىشىگە بىۋاسىتە سەۋەبكار بولغان خىتاي كومپارتىيەسى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. دېمەك، مۇشۇ ۋەقەدىن باشلاپ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە تۈپلۈك ئۆزگىرىش بارلىققا كېلىدۇ. ئەمدى ئۇلار شېرىكلىك مۇناسىۋەتتىمۇ بولمايدۇ، ئىتتىپاقداش ياكى دوستمۇ بولمايدۇ، بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىگە قايسىلا نۇقتىدىن قارىساقمۇ ئەمدى ئامېرىكانىڭ بىر دۈشمەننى تىلغا ئېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ دۈشمەننىڭ بولسا خىتاي كومپارتىيەسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىمىز.»
بىر قىسىم تور ئانالىزچىلىرى ۋىرۇس ۋاباسىنى ئامېرىكا ئۇچرىغان تاشقى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئوخشىتىش ھادىسىسىنى تەھلىل قىلىپ «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىگە ئوغرىلىقچە ھۇجۇم قىلغان ياپونىيەنى ۋە ‹ئىسلام تېررورچىلىرىنى› ئاخىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، پۇخادىن چىققۇچە ئىنتىقام ئالغان. شۇڭا بۇ قېتىمقى ۋىرۇسنى ئاشۇ ۋەقەلەرگە ئوخشىتىشنىڭ ئۆزى ئامېرىكانىڭ خىتاينى ھەرگىزمۇ بوش قويمايدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى» دېيىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا مۇشۇ مەسىلە تۈپەيلىدىن كۈچىيىۋاتقان سۈركىلىشنىڭ قوراللىق توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشى ھەققىدىمۇ پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. ئەمما زەك كۇپېر بۇ توغرىسىدا سۆز بولغاندا ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ پەقەت دىپلوماتىيە ساھەسى بىلەن چەكلىنىشى مۇمكىنلىكىنى، ھازىرچە قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىشنىڭ ئېھتىماللىقى يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
«مېنىڭ قارىشىمچە، ھازىرچە بىزنىڭ قولىمىزدا بۇ قېتىمقى تاجسىمان ۋىرۇسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرەزلىك ھالدا ئامېرىكاغا تارقاتقانلىقى توغرىسىدا ئېنىق ئىسپاتلار يوق. ئەگەر بۇ خىلدىكى ئىسپاتلار پەيدا بولسا ئۇ چاغدا بۇ ھال پۈتۈنلەي باشقىچە بولىدۇ. ئەمما ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش راۋاجلىنىپ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇشقا ئايلىنىش ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس، ئەكسىچە بۇ سۈركىلىش داۋاملىق سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە خاراكتېرىدە بولىدىغاندەك قىلىدۇ. پرېزىدېنتىمىز دەرۋەقە بۇ قېتىم ۋىرۇسنىڭ بالاسى ھەققىدە سۆز قىلىپ بۇنى پېئورل-خاربور ھۇجۇمى ۋە 11-سېنتەبىر ۋەقەسىگە ئوخشاتتى. مېنىڭچە بۇنىڭدا پرېزىدېنتىمىز مۇنداق ئىككى ئەھۋالنى كۆزدە تۇتقان: بىرى، بۇ قېتىمقى ۋىرۇس ۋاباسى بەكلا تۇيۇقسىز يامراپ كەتتى؛ ئىككىنچىسى، بۇ ۋىرۇس تۈپەيلىدىن ئامېرىكادا جان ئۈزگەن كىشىلەرنىڭ سانى تېزدىن زورىيىپ پېئورل-خاربور ھۇجۇمى ۋە 11-سېنتەبىر ۋەقەسىگە ئوخشاش غايەت زور ئۆلۈم-يىتىم ۋەقەسى كۆرۈلدى. ئەمما مەن ھازىرقى ئەھۋالدا خىتايغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، دەپ قارىمايمەن.»
چېن پوكوڭ ئەپەندى بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆز بولغاندا «ھەر بىر يامانلىقتا بىر ياخشىلىق بولىدۇ» دېگەندەك بۇ قېتىمقى ۋىرۇس ۋاباسىنى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قانچىلىك رەزىل بىر ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى دۇنياغا ئېچىپ بەردى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىليونلاپ لاگېرلارغا قامىلىشىغا قارىتا دەرگۇماندا بولۇۋاتقان ھەمدە ئەمەلىي بىر ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە قادىر بولالمايۋاتقان غەرب دۇنياسى ئەمدىلىكتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يالغۇز مەلۇم بىر خەلق ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈنمۇ بىر ئورتاق خەتەر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «دەرۋەقە بۇ قېتىمقى زور ۋابا غەرب دۆلەتلىرى ئۈچۈن بىر قېتىملىق ئۇنتۇلماس ساۋاق بولدى. ئىلگىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنى لاگېرلارغا قاماپ زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلار مەلۇم بولغاندا ئۇلار دەسلەپ بۇنىڭغا ئانچە ئىشىنىپ كەتمىدى. كېيىنچە ئىشەنگەن ھەمدە خىتاينى تەنقىدلىگەن بولسىمۇ، بۇنىڭدا رەسمىي بىر يەڭ شىمايلاپ ئوتتۇرىغا چۈشتى، دېگۈدەك ئەمىلى ھەرىكەت بولمىغان ئىدى. ھەتتا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ناتسىستلار گېرمانىيەسى پەيدا قىلغان جازا لاگېرلىرىنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چاغلىرىدىمۇ خىتاينىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى پەۋقۇلئاددە ئورنىنى نەزەرگە ئېلىپ، بۇ ھەقتە يەنىلا قۇلىقىنى يوپۇرۇپ يۈرۈۋەرگەن ئىدى. ئەمما بۇ قېتىمقى زور ۋابا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلار ياكى قازاقلار ياكى تىبەتلەرگىلا زۇلۇم سېلىۋاتقان بىر ھاكىمىيەت بولۇپ قالماستىن، يەنە ۋىرۇس ئۇچۇرلىرىنى يوشۇرۇشتەك ۋاسىتىلەر بىلەن دۇنيا جامائىتىنى ئوتقا ئىتتىرىۋاتقان بىر زور دۈشمەن ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن بىر ئورتاق تەھدىت ئىكەنلىكىنى جانلىق نامايان قىلىپ بەردى. ھالبۇكى بۇنى غەرب دۇنياسى بىر قېتىملىق غايەت زور بەدەل تۆلەش بەدىلىگە ئاندىن چۈشىنىپ يەتتى.»
نۆۋەتتە ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنى ئىجرا قىلىش مۇددىتى يېقىنلاپ قالغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ بۇ كېلىشىمنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش ياكى كەينىگە سۈرۈش خىيالىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن ۋىرۇسنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان خىتاينىڭ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى ھەققىدە كۆپلىگەن تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، مەيلى قايسىلا جەھەتتىن قارىغاندا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى داۋاملىق تۆۋەنلەپ ماڭماقتا ئىكەن.
0:00 / 0:00