«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» مەسىلىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كانادا پارلامېنتى ۋە ياۋروپادىكى 8 دۆلەتنىڭ پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغاندىن بۇيان، 30 دەك غەرب دۆلىتى بەزى خىتاي رەھبەرلىرىگە جازا ئېلان قىلغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان غەرب ئەللىرىدىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە بەزى ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنى «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى، خوڭكوڭ ۋە ماكاۋ قاتارلىق جايلارغا بېرىشىنى چەكلىگەن.
بۇلارنىڭ ئىچىدە بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل ھالدا قوللاپ كېلىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى رېيىنھارد بۈتىكوفېر ئەپەندى بىلەن مۇرات كۈچۈك ئەپەندىمۇ بار ئىكەن. بۇلاردىن سىرت ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئەنگىن ئەرئوغلۇ ئەپەندىمۇ ئۇيغۇرلارنى قوللىماقتىكەن. ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن 31-ماي كۈنى ئۇلار بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا، ياۋروپا ئەللىرىدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلباھار ھېيتىۋاجى خانىم، گۈلباھار جېلىلوۋا خانىم ۋە سايراگۈل سائۇتباي خانىملار، رېيىنھارد بۈتىكوفېر ئەپەندى، ئىلخان كۈچۈك ئەپەندى ۋە ئەنگىن ئەرئوغلۇ ئەپەندىلەرگە ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى سۆزلەپ، گۇۋاھلىق بەرگەن. «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى ئەنۋەر جان ئەپەندى ۋە لاگېر شاھىتلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى بىردەك ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئارقىدىن «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى ئەنۋەر جان ئەپەندى سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلىۋاتقان، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت قىممەت قارىشىغا ئىگە دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ياۋوپاداكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى بولۇپ، 9 دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇنى دەرھال ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەنۋەر جان ئەپەندى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 3 پارلامېنت ئەزاسىغا رەھمەت ئېيتىش ھەمدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن، 3 نەپەر لاگېر شاھىدىنى ئېلىپ ياۋروپا پارلامېنتى تۇرۇشلۇق بىريۇسسېلغا كەلگەنلىكىنى، 31-ماي كۈنىدىكى ئۇچرىشىشتا 3 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئۆزلىرىنى قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىدىن رېيىنھارد بۈتىكوفېر ئەپەندى، ئىلخان كۈچۈك ئەپەندى ۋە ئەنگىن ئەرئوغلۇ ئەپەندىلەر بۇرۇندىن تارتىپ ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كەلگەن بولغاچقا، خىتاي ئۇلارنى «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزگەن. ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزى بىلەن بىللە بېريۇسسېلغا بارغان 3 نەپەر لاگېر شاھىتى يوقۇرىقى پارلامېنت ئەزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ گۈل تەقدىم قىلغان.

فرانسىيەدىكى لاگېر شاھىتى گۈلباھار ھېيتىۋاجى خانىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 لاگېر شاھىتى 31-ماي كۈنى ئەتىگەن سائەت 11 دە رېيىنھارد بۈتىكۆفېر قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى سۆزلەپ، گۇۋاھلىق بەرگەن. گۈلباھار ھېيتىۋاجى خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بايانلىرىنى ناھايىتى قىزىقىپ ئاڭلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
گۈلباھار ھېيتىۋاجى خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بۇ ئۇچرىشىشتا، رېيىنھارد بۈتىكۆفېر قاتارلىق 3 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى «بۇنىڭدىن كېيىن بىز خىتايغا بولغان تىجارىي چەكلىمىنى تېخىمۇ كۈچەيتىمىز» دېگەن.
2021-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەت بىلەن ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا قوشۇلۇپ 30 غەرب دۆلىتى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن خىتايغا قارىتا جازا تەدبىرى يۈرگۈزگەن ئىدى. خىتايمۇ شۇ كۈنى قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتسىز 4 تەشكىلاتى بىلەن 10 نەپەر دېپلومات ۋە پارلامېنت ئەزاسىنى «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىدىن رېيىنھارد بۈتىكوفېر ئەپەندى بىلەن مۇرات كۈچۈك ئەپەندىمۇ بار ئىدى.