5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي تېلېگراف شىركىتى خۇاۋېيغا بولغان چەكلىمىنى كېڭەيتىپ، ھۆكۈمەت پېنسىيە فوندىنىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىگەنىدى. 29-ماي پرېزىدېنت ترامپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭغا بەرگەن ئالاھىدە ئىمتىيازىنى بىكار قىلغانلىقىنى، بېيجىڭنىڭ بۇ رايوندىكى ئەركىنلىكنى بوغقان ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.
«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 3-ئىيۇن بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 16-ئىيۇندىن باشلاپ خىتاي ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئايروپىلانلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئامېرىكانىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئالغان بۇ قارارلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:» ۋىرۇس مەسىلىسى ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسى بىلەن خىتاي-ئامېرىكا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا ئۆتكەن بولسا، يېقىنقى ۋەزىيەتكە قارىغاندا بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت رەسمىي جىددىيلىك ۋە ناچارلىق باسقۇچىغا ئۆتكەن «.
خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى ئاۋىئاتسىيە قاتنىشى بۇ يىل 1-ئاي مەزگىلىدە ھەپتىدە 325 قېتىم بولغان بولسا، 2-ئايدا، يەنى خىتايدىن كورونا ۋىرۇسى تارقالغانلىقى ئاشكارىلانغان مەزگىلىدە ئامېرىكا تەرەپنىڭ ۋىرۇسنى كونترول قىلىش مەقسىتىدە چەكلىمە قويۇشى بىلەن ھەپتىدە 20 قېتىمغا چۈشۈپ قالغانىدى. ئەمما، خىتاي تەرەپنىڭ بۇنىڭغا جاۋابەن ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنىڭ خىتايغا ئۇچۇشىنى پۈتۈنلەي چەكلەپ قارشىلىق ئىپادىلىگەن.
«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ مەزكۇر ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىم پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئاۋىئاتسىيە قاتنىشىنى چەكلەش قارارى بېيجىڭ بىلەن ۋاشىنگتون ئارىسىدىكى زىددىيەت كۈچەيگەندە ئېلىنغان قاراردۇر.
خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي-سىياسىي مۇناسىۋەتلەرگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكادىكى ئىقتىسادشۇناس قەيسەر مىجىت ئەپەندى ئامېرىكانىڭ بۇ قارارى ھەققىدە ئۆزىنىڭ تەھلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قارار ئارقىلىق ئامېرىكا خىتاينىڭ يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرىگە قارىتا ئۆزىنىڭ پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ. بۇ نوقۇل ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئۇچۇشىنىڭ توختاپ قېلىشى ئەمەس بەلكى كۆپ قىرلىق سىياسىي ئويۇن».
ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتى يېقىندىن بۇيان داۋالغۇپ كېلىۋاتماقتا ئىدى. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 22-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى قانۇن دوختۇرلۇقى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 9 ئورۇن ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شېرىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا تېخنولوگىيەسى سېتىپ بېرىلمەيدىغان شىركەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى جاكارلىغانىدى.
قەيسەر مىجىت ئەپەندى ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىنىڭ نۆۋەتتىكى يۈزلىنىشى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ئادەتتە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەكس ئېتىشى. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا-خىتايدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئايرىلالماس مۇناسىۋەت، چۈنكى ئىككى دۆلەتنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى دارامىتى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. لېكىن بىر-بىرىگە ‹ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ قىلىش› تاكتىكىسىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ».
رويتېرس ئاگېنتلىقنىڭ 14-ماي بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا پرېزىدېنت ترامپ: «بىز مۆرىتى كەلسە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈۋېتەلەيمىز» دېگەنىدى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان چىقارغان بىر يۈرۈش قارارلىرىنى قوللاپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئالدىغا قاراپ مېڭىشى كېرەك. خىتاينى ھازىر توسمىسا، كېيىن تېخىمۇ تەس بولىدۇ، مېنىڭچە ئامېرىكا بۇنى چۈشەندى».
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، بەلگىلىك نىسبەتتە خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكاغا كېلىپ ئوقۇشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى، خوڭكوڭغا بېرىلگەن سودا ئەۋزەللىكلىرىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاش بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ كۈتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرماقتا. 2-ئىيۇن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىم «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى ئىمزالاپ، بۇنى رەسمىي ھالدا پرېزىدېنتى دونالد ترامپقا يوللانغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئامېرىكا خىتاينى «قورشاۋغا ئېلىپ» بارلىق مۇناسىۋەتلەرنى يېڭى شەكىلدە ئورنىتىدىكەن.
0:00 / 0:00