«يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى» ماۋزۇلۇق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2022.06.13

ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا سىياسەت ۋە سودا ساھەسىدىكى ھەر تۈرلۈك ئىختىلاپلارنىڭ ئارتىشىغا ئەگىشىپ تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە خىتايغا بېقىنىپ قېلىشتەك ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىش نۆۋەتتە ئامېرىكادىكى سىياسەت ۋە سودا ساھەسى ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىگە ئايلاندى. ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشىدا ئاساسەن دېگۈدەك خىتايغا قاراپ قالغانلىقىنىڭ كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى مەزگىلىدە تولۇق نامايان بولۇشى، بۇندىن باشقا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبىدىن خىتايدا ياسىلىۋاتقان ماللارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك مەجبۇرىي ئەمگەك بەدىلىگە كەلگەن بولۇشى ۋە نەتىجىدە خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ قۇل ئەمگىكى بىلەن بۇلغىنىشىدەك مەسىلىلەر ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنى تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى قايتىدىن ئويلىشىش، ئۇنى باشقا دۆلەت ياكى رايونلارغا تارقاقلاشتۇرۇش، جۈملىدىن خىتايغا بېقىنىپ قېلىشتەك ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىشكە مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئامېرىكالىق سىياسەتچىلەرنىڭ بۇنى ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ تەقەززاسى دەپ قاراۋاتقانلىقى 9-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى» ماۋزۇلۇق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا يەنىمۇ ئايدىڭلاشتى. مەزكۇر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىكنى باھالاش كومىتېتى» (The U. S. -China Economic and Security Review Commission) تەرىپىدىن ئورونلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىندا ئالدى بىلەن مەزكۇر كومىتېتى ئەزاسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى كارتې گۇدۋىن (Carte Goodwin) سۆز قىلدى.
ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت شىركەتلىرىنى مەقسەتلىك قوللاش، ئەمما چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بازىرىغا كىرىشىگە چەكلىمە قويۇش ۋە تېخىمۇ كەڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەتلەر ئارقىلىق يەرشارى قىممەت زەنجىرىنىڭ يەرلىكلىشىشى ۋە مەركەزلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى خىتايغا مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۈچۈن ھەرخىل زىيانلىق ۋاسىتىلەرنى قوللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بىزنىڭ نۇرغۇن ھالقىلىق ماتېرىياللىرىمىز ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىمىز-دورا ياساشتىن تارتىپ، سېرەك توپىغىچە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون ۋە كومپيۇتېرغىچە خىتايدىن كېلىدىغان بولدى. يېرىم ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىق باشقا نۇرغۇن ھالقىلىق تەمىنلەش زەنجىرى شەرقىي ئاسىيادىن ئۆتىدۇ. خىتاينىڭ شەرقىي ئاسىيا رايونىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جۇغراپىيەلىك مەركەز بولۇش سىياسىتى بۇ رايونلاردىكى تەمىنلەش تورىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يەنىلا خىتاي بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بېيجىڭنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىق ۋە ئىقتىسادىي ئورنىنى قورال ئورنىدا ئىشلىتىش ئارزۇسى، ھالقىلىق تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ خىتاي ئىچى ۋە ئۇنىڭ چېگراسى ئەتراپىغا مەركەزلىشىپ قېلىشى ئامېرىكا ئۈچۈن كۈنسېرى زورىيىۋاتقان بىخەتەرلىك تەھدىتى پەيدا قىلماقتا»
كېڭەش پالاتا ئەزاسى كارتې گۇدۋىن سۆزى داۋامىدا ھازىر ھۆكۈمەت، سانائەت ۋە سودا ساھەسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھالقىلىق تەمىنلەش زەنجىرىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسىنىڭ ئەھمىيىتىنى كۈنسېرى چۈشىنىپ يېتىۋاتقانلىقىنى، مانا بۇنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇشنىڭمۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى بىرىنچى مۇھىم قەدەم بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:
«مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ جۇغراپىيەۋى-سىياسىي تەھدىتىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا چوقۇم جىددىي ھەرىكەتلىنىشى ۋە تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىن كېلىدىغان خەۋپكە قارشى كۈچلىنىشى كېرەك. ھازىر باشقا دۆلەتلەرمۇ خىتاينىڭ ئۆز ئىقتىسادىدىكى تەسىرىنى ئازايتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي كومپارتىيەسى رەھبەرلىرى بولسا ئۆزىنىڭ يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئورنىنى قوغداپ قېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىر نۇتقىدا خىتاينىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئورنىنى ھالقىلىق پەيتتە بۇزۇشقا بولمايدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. بىز بۈگۈن مانا بۇ مەسىلىلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىمىز».
كېڭەش پالاتا ئەزاسى كارتې گۇدۋىننىڭ سۆزى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىكنى باھالاش كومىتېتى كومىسسارلىرىنىڭ بىرى بولغان بوب بوروكوف (Bob Borochoff) سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە بۇ يىغىننىڭ يەرشارىدىكى تەمىنلەش زەنجىرى مۇقىمىسزلىققا دۇچ كېلىپ، قاچا يۇيۇش ماشىنىسىنىڭ زاپچاسلىرىدىن تارتىپ مىكرو ئۆزەكلەرگىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن تەمىنلىنىشىگىچە بولغان بارلىق مۇھىم ساھەلەرگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بىر مۇھىم پەيتتە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ سۆزىدە تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ خىتايغا يۆتكىلىشى نەتىجىسىدە ئامېرىكادىكى ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى، ئامېرىكالىقلار ماللارنى ئەرزان باھادا سېتىۋالالايدىغان بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن مۇددەتتە بۇنىڭ خىتايغا بېقىنىپ قېلىشتەك مۇرەككەپ بىر ئاقىۋەتنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكادا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئازىيىشى كىچىك ۋە چوڭ كارخانىلارنىڭ يېڭى مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىش پۇرسىتىنى ئازايتىپ، ھەر خىل ياشتىكى ئامېرىكالىقلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە زىيان يەتكۈزدى. مۇھىمى، خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىشقا ھەددىدىن زىيادە تايىنىش دۆلەتتە بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى پەيدا قىلدى. مەسىلەن، خىتاي ئامېرىكا مۇداپىئە سىستېمىسىنى قۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇھىم ماتېرىياللارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئىگىلىدى. ئامېرىكا مۇداپىئە سانائىتى بازىسى ئارمىيەمىزنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. . . بۇنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قۇدرىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ».
ئۇ سۆزى ئاخىرىدا ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا چوقۇم دۆلەت ئىچىدىكى مۇستەھكەم ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ھەمدە ئىتتىپاقداشلار بىلەن ماسلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ خىل ۋە بىخەتەر تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى بەرپا قىلىشى كېرەك».
9-ئىيۇن كۈنىدىكى بۇ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئامېرىكادا بۇ ساھەدە تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەر، تەتقىقاتچىلار ۋە سودا ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ چىدامچانلىقىنى كۈچەيتىش سىياسىتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇداپىئە ۋە ھالقىلىق تېخنىكىلاردىكى تەمىنلەش زەنجىرىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى كۆز قارىشى، ئامېرىكانىڭ مۇداپىئەسىگە دائىر ھالقىلىق تەمىنلەش زەنجىرىنى قوغداش قاتارلىق تېمىلار بويىچە دوكلات بەرگەن ۋە ئۆزىنىڭ تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مۇتەخەسسىسلەر سۆزلىرىدە ئامېرىكانىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپنىڭ بۇ قېتىم COVID-19 يۇقۇمى بىلەن روشەن ئاشكارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە ئامېرىكانىڭ خىتايغا بېقىنىپ قېلىشنى ئازايتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئېلىشقا تېگىشلىك زۆرۈر قەدەملەرنى تاشلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
مۇتەخەسسىسلەر سانلىق مەلۇماتلار ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاساسىدىكى دوكلاتلىرىدا ئامېرىكادا ئىشچى قوشۇنىنى يېـتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش، ئامېرىكا شىركەتلىرىنى قوللاش، ھالقىلىق ساھەلەرگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىش، تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى يۆتكەش ۋە كۆپ خىللاشتۇرۇش، كانادا ۋە مېكسىكا بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئاسىيادىن ئامېرىكاغا يۆتكەش قاتارلىق تەكلىپلەرنى بەرگەن.