مەلۇمكى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نى ئىمزالاپ، ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەيلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۆت نەپەر ئەمەلدارىنىڭ «يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» ئارقىلىق جازالىنىشى ئامېرىكا ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە. يېقىندا خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇش مەقسىتىدە چارىلەر كۆرۈشى ھەمدە بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تىلغا ئېلىنىشى دۇنيا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، شۇ جۈملىدىن رۇس تىللىق مەتبۇئاتلاردىمۇ خەۋەر قىلىنماقتا.
«دۋ. چوم» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاي ئا ق ش نىڭ بىر قاتار ئەمەلدارلىرىغا قارىتا ئېمبارگو يۈرۈزدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئامېرىكانى ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق بىلەن ئەيىبلەپ، بۇ ئېمبارگولارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرغان. خىتاي يەنە ۋەزىيەتكە قاراپ، باشقىمۇ تەدبىرلەر قوللىنىش مۇمكىنلىكى ھەققىدە تەھدىت سالغان. ماقالىدە خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارشى جازا تەدبىرلىرىنىڭ قويۇلۇشىغا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى تەكىتلەنگەن.
«كوممېرسانت» گېزىتىدە بېرىلگەن ئالېكسېي نائۇموفنىڭ ۋاشىنگتون خىتايغا قاراتقان ھۇجۇمىنى داۋام قىلماقتا» ناملىق ماقالىدە ۋاشىنگتوننىڭ بېيجىڭغا قارشى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكى ئېيتىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا خوڭكوڭدىكى ۋەزىيەت ۋە شۇنداقلا بېيجىڭنىڭ جەنۇبىي دېڭىز رايونىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى دەۋا قىلىشىمۇ سەۋەب بولغان. ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت، يەنى ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا گۇناھسىز قامالغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن قىرغىنچىلىققا مەھكۇم قىلىنىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان.
ئىگىلىشىمىزچە، ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش ۋە رىقابەتتە يەنە بىر چوڭ كۈچ-رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىمۇ مەۋجۇت ئىكەن. ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە رۇسىيە قانداق بىر ئورۇن تۇتىدۇ؟ بۇ مۇتەخەسسىسلەر قىزىقىدىغان يەنە بىر مۇھىم تېما بولماقتا.
ياڭ شىڭنىڭ «ئىنو سمى» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «رۇسىيە ئاق ش نىڭ خىتايغا قارشى ئۇرۇشىدا قورچاق بولۇپ قالمايدۇ؟» دېگەن ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، دۇنيادا كورونا ۋىرۇسى ۋەزىيىتىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە جىددىيلىشىشى بىلەن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن ئىكەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا دۇنيادىكى مۇقىملىقنى ساقلاپ قېلىشتا، بولۇپمۇ رۇسىيە ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەل قىلغۇچ رول ئويناۋاتقان بولۇپ، بۇ ئىككى مەملىكەت پەقەت كورونا ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇشتىلا ئەمەس، بەلكى باشقىمۇ ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەردە زىچ ھەمكارلاشماقتىكەن.
سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «رۇسىيە ئەمەلىيەتتە خىتاينى قوللاۋاتىدۇ ۋە ھەر خىل يوللار بىلەن ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلىشىۋاتىدۇ. رۇسىيە ھازىر خىتاينى قوللاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيەسىنى خىتايغا سېتىشنى كېڭەيتىۋاتىدۇ. شۇنداقلا رۇسىيە ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، شەرققە قاراپ ماڭدى. كېيىنكى ۋاقىتتا رۇسىيە، خىتاي ۋە ئىران بىرلىك سېپىنى قۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ بىرلىك سەپ ئامېرىكاغا قارشى بولىدۇ.»
قەھرىمان غوجامبەردى رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئۆز ئارا يېقىنلىشىشىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن سەلبىي رول ئوينايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆپ قىيىنچىلىقلار تۇغدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «‹يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى› دائىرىسىدە ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئۇيۇشتۇرغان تۆت نەپەر خىتاي ئەمەلدارىغا قويغان جازاسىنى رۇسىيە رەسمىي ئورگانلىرى ئارقىلىق تەنقىد قىلىۋاتىدۇ. خىتاي تەرەپ پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ. ئومۇمەن، رۇسىيەنىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيەسى بۇرمىلانغان ھالدا كۆرسىتىلىدۇ. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت سىستېمىسى يېقىن. ئەڭ چوڭ گەپ مانا مۇشۇ يەردە. مەركىزىي ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق مەملىكەتلەرنىڭ ئەھۋالى ئېغىر. چۈنكى ئۇلار ياخشى بولۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتاتتى. ئۇلار ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق پرىنسىپىدا ياشاۋاتىدۇ. ئۇلار كېيىنمۇ بىتەرەپ تۇرىدىغان بولىدۇ. ئەمما بۇ بىتەرەپلىك ئۇيغۇر مەسىلىسىگە زىيان. خىتاي بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى سەھنىدىن چۈشۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ.»
قەھرىمان غوجمبەردى رۇسىيە ۋە مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي تۈزۈمىگە ۋە جۇغراپىيەلىك-سىياسىي ئورنىغا باغلىق بىتەرەپلىمىلىك، چۈشۈنۈكسىز پوزىتسىيە ئىگىلىگەنلىكىنى، مۇنداق پوزىتسىيەنىڭ يەنىمۇ داۋام قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
رۇسىيەلىك پائالىيەتچى ئالېكسېي كازاك بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ تۈرك-مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ ئەھۋالىغا جەلپ قىلىشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي بۈگۈن شۇنچىلىك كۈچلۈك ئىقتىسادىي قۇدرەتكە ھەم خەلقئارا جەريانلارغا تەسىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنكى، ئۇنىڭغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەر خىل چارىلەر ئازلىق قىلىدۇ. بۇ يەردە خىتايغا قارشى تېخىمۇ چوڭ ۋە مۇھىم چارىلەرنى قوللىنىش لازىم ئىدى. ئامېرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تاۋار ئوبوروتىمۇ ئىنتايىن كۆپ مەبلەغنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدا مەنپەئەتدار دۆلەتلەرمۇ ئاز ئەمەس. ئۇلار مۇمكىن بولغان تەقدىردە بۇ ئىككى مەملىكەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ئالاقىلەرنىڭ ئۈزۈلۈشىنى خالاپ كەتمەيدۇ. رۇسىيەگە كېلىدىغان بولساق، رۇسىيەنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئورنى بارى-يوقى ئىككى پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ. خىتاي رۇسىيە ئۈچۈن باش ۋە بىردىن-بىر ئىقتىسادىي شېرىك بولۇپ قالماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن رۇسىيە خىتايغا ئوخشاش شېرىكىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن چۆچۈيدۇ. ئەمدى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارشى يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولاردىن خىتاي كۆپ چىقىم تارتىدۇ، دەپ ئويلىمايمەن. ئەمما خىتاي ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خەۋپ بۇ ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز ئېلىدە جازالىنىشى. شۇنداقتىمۇ خىتايغا قارشى ئېمبارگولار خىتاينىڭ خەلقئارادىكى نىقاپلىرىنى پەيدىن-پەي ئاچىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا خىتاي ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي لايىھەلىرى، كۆپ مىقداردىكى مەبلەغلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىكى تەسىر دائىرىسىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشماقتىكەن. بولۇپمۇ مەركىزىي ئاسىيادىكى پوزىتسىيەسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى خىتاي ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى سۈپىتىدە قارايدىكەن.
0:00 / 0:00