ئانتونى بىلىنكېن: «ئامېرىكا جىددىي مەسىلىلەردە خىتاي بىلەن داۋاملىق قارشىلىشىدۇ»

0:00 / 0:00

يېقىندا ھىندونېزىيەنىڭ بالى شەھىرىدە ئېچىلغان 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېنغا 4 تۈرلۈك «تەلەپنامە تىزىملىكى» سۇنغان.

«سىياسەتچى» تورىدا ئېلان قىلىنغان «تىزىملىككە كىرگۈزۈش دىپلوماتىيەسى ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى» ناملىق ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكاغا «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى توختىتىشقا تېگىشلىك خاتا ئىشلار تىزىملىكى»، «خىتاي ھۆكۈمىتى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئايرىم ئىشلار تىزىملىكى»، «خىتاي ھۆكۈمىتى كۆڭۈل بۆلىدىغان خىتايغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي ئىشلار تىزىملىكى»، «خىتاي بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلىشالايدىغان 8 ساھە تىزىملىكى» قاتارلىق 4 تۈرلۈك تىزىملىك سۇنغان.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ تىزىملىكتە خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن داۋاملىق سودىلىشىدىغان غەرىزى ئىپادىلەنمىگەن، بەلكى ئامېرىكانى خىتاي كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىدە يول قويۇشقا قىستىغان. شۇڭا خىتاينىڭ بۇ قىلغانلىرى 21-ئەسىردىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر دىپلوماتىيەسىدە، بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئەقىلگىمۇ، ئەمەلىيەتكىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كۈلكىلىك بىر ھەرىكەت ئىكەن.

ئامېرىكا كور ئانالىتىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى، دوكتور ئاندېرس كور بۇ ھەقتە رادىيومىزغا يوللىغان ئىنكاسىدا خىتاينىڭ ئامېرىكاغا تەلەپ سۇنۇشقا جۈرئەت قىلالىشىدىكى سەۋەب ۋە مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ خىتاي كوممۇنىزمىنىڭ ھەر قانداق سىياسىي تۈزۈمدىن ئېشىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ۋە ئۇنىڭ سىياسىي بيۇروسى باشقا ھۆكۈمەتلەرگە، جۈملىدىن ئامېرىكاغا گەپ ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقىغا ۋە ئىش ئۆگىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. خىتاي ئۆزىنىڭ ئىقتىساد ۋە ھەربىي كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ دادىل ھەرىكەت قىلىش ۋە خەلقئارادا سۆز ساھىبى بولۇشقا لايىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ قالدى».

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بۇ تىزىملىككە تېخى ئىنكاس بىلدۈرمىگەن، ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىڭ: «ئامېرىكانىڭ بۇ تىزىملىككە ئەستايىدىل قارىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بۇ تىزىملىك خىتاينىڭ قاتتىق پوزىتسىيەسىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىدى. ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى قەتئىي توختىتىشى كېرەك» دېگەن.

خىتاي 2020-يىلى ئاۋسترالىيەگىمۇ شۇنداق «تەلەپنامە تىزىملىكى» سۇنغان بولۇپ، ئاۋسترالىيەنىڭ «شىنجاڭ، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەننىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشتىن ۋاز كېچىشى» نى تەلەپ قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بۇ قېتىم بۇ تىزىملىكنى يېڭىلىغان ھەمدە ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېننى ۋوڭ (Penny Wong) غا خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتا ئورۇنداشقا تېگىشلىك مۇھىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكادىكى گېرمانىيە مارشال فوندىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئانالىزچىسى زاكارى كوپېر (Zachary Cooper) بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، خىتاينىڭ بۇ تەلەپنامە تىزىملىكى ئۇنىڭ بىر قانچە دۆلەتلەرگە قويغان تەلەپلىرىنىڭ يىغىندىسى. خىتاي ئىلگىرى ئاۋسترالىيەگىمۇ 14 ماددىلىق تەلەپنامە سۇنۇپ، خىتاي بىلەن ئاۋسترالىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشىنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا ھەرگىز ئامېرىكا رەھبەرلىرى ھەل قىلىدىغان مەسىلىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ ئولتۇرمايدۇ. مەنچە، بۇ يەردىكى ھەقىقىي مەسىلە، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىش خىيالى بارمۇ-يوق، خىتاي بۇ تىزىملىكتە ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرى ھەققىدە زادى نېمىنى ئويلايدۇ دېگەندىن ئىبارەت».

ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھېندونېزىيەدە ئېچىلغان يىغىندىكى ئۇچرىشىشتا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىغا ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكا خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشى، شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشى، تەيۋەنگە قوراللىق تەھدىت سېلىشى قاتارلىق جىددىي مەسىلىلەردە خىتاي بىلەن داۋاملىق قارشىلىشىدۇ» دېگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بولسا ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئامېرىكانىڭ ‹خىتايدىن قورقۇش كېسىلى› تۈپەيلىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتىدۇ›» دېگەن.

شۇ نەرسە روشەنكى، ئامېرىكا دىپلوماتلىرى گەرچە خىتاي بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، خەلقئارا سەھىيە، زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە قارشى تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىشىش بوشلۇقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، خىتاي ئۇنىڭغا ئاكتىپ مۇئامىلە قىلمىغان. بۈگۈنكى كۈندە كەلگەندە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەل قىلغىلى بولمايدىغان زىددىيەتلەر تۈپەيلىدىن ئۇ مەسىلىلەر بىر چەتكە قايرىپ قويۇلغان، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ قالمىغان.

ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش پرىنسىپى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشى ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان زىددىيەت مەۋجۇت بولۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تەيۋەن مەسىلىسىدىن قالسىلا بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ سەزگۈر، قىيىن مەسىلىگە ئايلانغان. زاكارى كوپېر بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنى تۇرغۇزۇپ ئۇنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى، ئامېرىكا شىركەتلىرى ئۇ جايدىن چىققان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالالمايدىغان بولدى. مەنچە، خىتاي بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئامېرىكادىن ‹ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشتىڭ› دەپ داۋاملىق قاقشايدۇ. دېموكراتىك دۆلەتلەر شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىنى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلسىمۇ، ئۇنى ھەل قىلىدىغان چارىنى تېپىپ بولالمايدۇ. ئامېرىكا بىلەن خىتاي بىر-بىرىنىڭ سىياسىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئىشلار مۇشۇنداق داۋاملىشىدۇ».

ئاندېرس كور خىتاي بىلەن بولۇۋاتقان زىددىيەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن قەتئىي ھەمكارلاشماسلىق، بەلكى ئۇلارنى جازالاش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ زىددىيەت، ھالبۇكى ئامېرىكا سودا ساھەسىدىكىلەر خىتايدىن پۇل تېپىشنىلا ئويلايدۇ. قارىغاندا بۇ مەسىلە بۇ ئىككى چوڭ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغاندەك قىلىدۇ. 1970-يىللاردىن بېرى بىز خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ۋە تاجاۋۇزچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىشقا تىرىشتۇق. ئەمما بۇ ھەمكارلىق مەغلۇپ بولدى. ھازىر پەقەت ئۆز ئارا قارشىلىقلا قالدى. بىز شىنجاڭدىن چىققان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش بىلەنلا قالماي، خىتاينى ئىقتىسادىي جەھەتتىن بوغۇشىمىز كېرەك. ئەگەر بىز بىر دۆلىتىمىزنى ساقلاپ قالىمىز، دېموكراتىيەنى ساقلاپ قالىمىز، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەيدىغان ئەركىنلىككە ئىگە قىلىمىز دېسەك خىتاينى ئىقتىساد ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ئاجىزلىتىشىمىز كېرەك. خىتاي كومپارتىيەسى دۇنياغا خوجا بولىمەن دەۋاتسا، بىز قوپۇپ ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشتۇق ھەمدە ئۇلارغا ئۆزىمىز ئېرىشكەندىنمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بەردۇق. ئاقىۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلدى، خىتاي پۇقرالىرى ۋە پۈتۈن دۇنيا خەلقىگىمۇ شۇنداق قىلدى».

زاكارى كوپېر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەن ئىزچىل شۇنداق قاراپ كەلدىم، خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بىز بىلەن ھەمكارلاشمايدۇ. مانا بۇ ئامېرىكانىڭ مەيلى ئاشكارا سورۇن ياكى ئۆز ئىچىدە بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلماسلىقىدىكى تۈپ ئامىلدۇر. شۇڭا مەنچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن شىنجاڭ مەسىلىسى توغرۇلۇق ھېچقانداق ئىشتا ھەمكارلاشمايدۇ. قىسقا مۇددەتتە ئۇنداق ھەمكارلىق بولمايدۇ، ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ئۇزۇن مۇددەتتىمۇ بىزنىڭ ئۇچرىشىشىمىزدىن بىرەر تەرەققىيات بارلىققا كېلىدۇ دەپ قارىمايمەن».