ئامېرىكا-خىتاي سۆھبىتى يەنە بىر قېتىم قاتماللىققا چۈشۈپ قالدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە يېقىنقى مەزگىللەردە كۆرۈلۈۋاتقان جىددىيچىلىك بايدېن ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ سىناقلاردىن بىرى بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋېندى شېرمان خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى ئاسىيا سەپىرىدە بۇ مەسىلە يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە قويۇلدى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «بىز ھېچكىم جەڭ قىلىۋاتقىنىمىز يوق. بىز پەقەت ئادىل ھالدا رىقابەتلىشىشنى قارشى ئالىمىز» دېگەن مەيدانى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توختاۋسىز داۋام قىلىۋاتقان ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقى، ئۇيغۇر دىيارىدا يېڭى بىر مەيدان قىرغىنچىلىقنى باشلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن ھەتتا «ھەربىي توقۇنۇش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن» دېگەن تەخمىنلەرگە سەۋەب بولغۇدەك جىددىيىلىك شەكىللىنىۋاتقاندا بايدىن ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم «كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى قاتارلىق زور ۋە ئورتاق مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىش» خاھىشىنى ئىپادىلىدى. ئەمما يېڭى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىشقا چۈشكەندىن بۇيانقى خىتايغا ئەۋەتىلگەن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارى بولغان شېرمان خانىم بىلەن بولغان سۆھبەت باشلىنىپلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارچە ئەيىبلەرنى ئامېرىكا ئارتىپ قويۇشى بىلەن سۆھبەت ھە دېگەندە نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى.

25-ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ تيەنجىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى ئالىي دەرىجىلىك باشلىقلار سۆھبىتى تېزلا دۇنيادىكى ھەرقايسى چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ باش بېتىدىن ئورۇن ئالدى. ھەممىدىنمۇ بەكرەك كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقىنى خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شيې فېڭنىڭ «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى غايەت زور دەرىجىدە خاتا يېتەكلىنىۋاتقان تەپەككۇر مېخانىزمىنى ھەمدە بەكلا خەتەرلىك بولغان سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشى لازىم. يەنە كېلىپ بىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىشنى توختىتىشى كېرەك» دېيىشى بولدى. خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ «ئامېرىكا بىزگە تەسەۋۋۇردىكى دۈشمەن قاتارىدا مۇئامىلە قىلماقتا» دېيىشى بولسا خىتاي تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەۋقەسىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارا كۆرسىتىپ بەردى.

بۇ قېتىمقى سۆھبەت ھەققىدە ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، جۈملىدىن «نيو-يورك ۋاقتى»، «بىرلەشمە ئاگېنتلىق»، «يېرىم ئارال (ئەل جەزىرە)» قاتارلىقلار ئېلان قىلغان مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقىغا چېتىشلىق، دەپ ئەيىبلەنگەن خۇاۋېي گۇرۇھىنىڭ مالىيە دىرېكتورى مىڭ ۋەنجۇنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى بىكار قىلىش، خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قويۇلغان ئېمبارگولارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى، تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلار مۇھىم سۆھبەت تېمىىسى بولغان. ئەمما خىتاي تەرەپنىڭ ھە دېگەندىلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بىر قاتار يولسىز تەلەپلەرنى قويۇشى بىلەن سۆھبەت نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان.

بۇ قېتىمقى سۆھبەت قاتماللىق ئىچىدە نەتىجىسىز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن 26-ئىيۇل كۈنى بىرلەشمە ئاگېنتلىق ۋېندى شېرمان خانىم بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئۆتكۈزگەن. زىيارەتتە شېرمان خانىم يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەركىن ۋە ئادىل بولغان رىقابەتكە تەييار ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى توقۇنۇشقا ئايلاندۇرۇش نىيىتىدە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن. ئەمما ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۈمىد قىلىنغان مۇساپىگە يەتكىلى بولىدىغان بىرەر قەدەم ئېلىشنىڭ ئىمكانىيىتى مەۋجۇت بولمىغان. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى «بىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشقانلىق» دەپ ئەيىبلىشىنى تەنقىدلەپ «بىز خىتاي تەرەپنى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىچكى مەسىلە ئەمەس، بەلكى خىتاي تەرەپمۇ ئىمزا قويغان دۇنياۋى مەسىلە ئىكەنلىكىنى چۈشەنسىكەن، دەپ ئويلىغان ئىدۇق. ئەپسۇس ئىشلار ئۇنداق بولمىدى» دېگەن. شۇنىڭدەك جوۋ بايدېن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئۇچرىشىشى توغرىسىدا ھېچقانداق مۇزاكىرە بولمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 26-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، سۆھبەتتىن كېيىن خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى خىتاي ھۆكۈمىتى كونتروللۇقىدىكى «سۇمۇرغ» تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. زىيارەتتە ئۇ ئامېرىكا تەرەپنى «ئۆزىنى ئاكا چاغلاپ، باشقىلارغا بېسىم ئىشلەتتى» دېگەن. شۇنىڭدەك «ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنەلمىگەن بولسا بىزنىڭ خەلقئارا جامائەت بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكاغا بۇنى ئۆگىتىپ قويۇش مەجبۇرىيىتىمىز بار، دەپ قارايمىز» دېگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ھاكاۋۇرلۇق ۋە قوپاللىق بىلەن تولغان مۇئامىلىسى ھەققىدە توختالغاندا خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋىللىي لام «بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ پىكىر ئىختىلاۋى بىر قېتىملىق سۆھبەت بىلەن ھەل بولىدىغان مەسىلىلەر ئەمەس» دېگەن. شۇنداقلا خوڭكوڭ مەسىلىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشى، تەيۋەندىكى ھەربىي ھالەتنىڭ جىددىيلىشىشى، ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەر ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا يول قويالمايدىغان ئىشلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بەزى ئانالىزچىلار بولسا مۇشۇ خىل رېئاللىقنى كۆزدە تۇتۇپ «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى يېقىن كەلگۈسىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلمەيدۇ» دەپ خۇلاسە چىقارغان.

بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە خىتاي تەرەپ ئالاھىدە تەكىتلىگەن بىر نۇقتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېلان قىلغان ئېمبارگو چارىلىرىنى ھەمدە خىتايلارغا قارىتىلغان ۋىزا چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش تەلىپى بولغان. گەرچە ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭمۇ بۇنىڭغا ماس ھالدا ئېمبارگو تەدبىرلىرىنى ئالغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە بىر قىسىم ئامېرىكا سىياسىيونلىرىغا ئېمبارگو ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بۇ خىل ئېمبارگو چارىلىرىنىڭ ئ‍امېرىكا ئەمەلدارلىرىغا ئ‍ەمەس، بەلكى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا خېلى ئوبدانلا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئالغا سۈرۈلمەكتىكەن.

ئىككى تەرەپنىڭ دەسلەپكى سۆھبىتى 2021-يىلى مارت ئېيىدا ئامېرىكانىڭ ئالياسكا شتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەندىمۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇشقا دائىر ھېچقانداق ئىلگىرىلەش پەيدا قىلالمىغانىدى. ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە ئېيتىلشىىچە، ئادەتتە كۈلگۈنچەك كۆرۈنىدىغان ۋېندى شېرمان خانىم تيەنجىن سۆھبىتى جەريانىدا قىلچىلىكمۇ تەبەسسۇم ئىپادىسىنى كۆرسەتمىگەن.

نۆۋەتتە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ بۇندىن كېيىن قانداق سەلبىي تەرەپلەرگە قاراپ يۈزلىنىدىغانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك تەخمىنلەر ۋە مۇھاكىمىلەر كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقماقتىكەن.