«خىتاي دۈشمەن ئەمەس» ماۋزۇلۇق ئوچۇق خەت ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر (2)

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.07.30
tramp-trump-shi-jinping ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ گ-20 يىغىنىدا. 2019-يىلى 29-ئىيۇن، ئوساكا، ياپونىيە.
AP

ئامېرىكانىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل سابىق مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇسان سورنتون باشچىلىقىدىكى 5 نەپەر سىياسىيون ۋە ئىلىم ئەھلى تەرىپىدىن پرېزىدېنت ترامپ ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يېزىلغان، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاي دۈشمەن ئەمەس» ماۋزۇلۇق ئوچۇق خەتكە ئامېرىكادىكى تاشقى سىياسەت، ئاسىيا ۋە خىتاي ئىشلىرى ساھەسىدىكى سىياسەتچى، تەتقىقاتچى قاتارلىقلاردىن بولۇپ جەمئىي 95 كىشى ئىمزا قويغان ئىدى.

«خىتاي دۈشمەن ئەمەس» ناملىق بۇ ئوچۇق خەتتە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يامانلىشىشى ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتلىرى ھەم شۇنداقلا دۇنيانىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ياخشى بىر يۆنىلىش ئەمەسلىكى ئەسكەرتىلگەن. ئوچۇق خەتتە دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىدە ئامېرىكانىڭمۇ خاتالىقى بار، دەپ كۆرسىتىلگەن. قىسقىسى، ئۇلار ئوچۇق خەتتە «بىز خىتاينىڭ ئامېرىكا دەرھال ۋە كەڭ كۆلەمدە تاقابىل تۇرمىسا بولمايدىغان بىر ئىقتىسادىي دۈشمەن ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكانىڭ مەۋجۇدىيىتى ئۈچۈن تەھدىت ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمىز،» دەپ تەكىتلىگەن.

مەزكۇر ئوچۇق خەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا كۈچلۈك بىر مەيدان مۇنازىرىگە سەۋەب بولدى. ھەتتا ئامېرىكانىڭ ھەربىي ۋە سىياسەت ساھەسىدىكى تونۇلغان كىشىلەردىن تەركىب تاپقان 100 دىن ئوشۇق كىشىنىڭ ئىمزاسى بىلەن پرېزىدېنت ترامپنى خىتايغا قارىتىۋاتقان سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان ئىمزا قويۇش ھەرىكىتى باشلاندى.

ئامېرىكادىكى داڭلىق خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى، يازغۇچى جون پومفېرت «ۋاشنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، يۇقىرىقى كۆز قاراشنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەرگە ناھايىتى كۈچلۈك رەددىيە بەردى. جون پومفېرت «ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن خىتايغا قاراتقان يۇمشاق سىياسىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەسلىكى كېرەك» ناملىق ماقالىسىدە ئامېرىكالىق سىياسەتچىلەرنىڭ تاكى ۋىيېتنام ئۇرۇشى مەزگىلىدىن تارتىپ خىتاي كوممۇنىستلىرىنى بىر پارچە ئاق قەغەزگە، يەنى «ئامېرىكا خىتاينىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەپ ئۈستىگە خەرىتە سىزسا بولۇۋېرىدىغان بىر پارچە ئاق قەغەز» گە ئوخشىتىشتىن ئىبارەت ئوخشاش بىر خاتالىقنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىقى بۇ ئوچۇق خەتنى يازغۇچىلار ۋە ئۇنىڭغا قول قويغان خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ۋە سىياسەتچىلىرى «خىتاينىڭمۇ بىر پىلانى بارلىقىدەك رېياللىقنى نەزەردىن ساقىت قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا يۈز بەرگەن بۇ سۈركىلىشتە گۇناھنى ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتىگە قويماقتىكەن.»

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھازىر يۈز بېرىۋاتقان بۇ كىرىزىستە گۇناھنى ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا قويۇش-خىتاي ھەققىدە ئامېرىكادا بۇرۇندىن تارتىپ ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەن كونا قاراشنىڭ ئەكس ئېتىشىدۇر. يەنى ئۇلار خىتايغا دۈشمەندەك مۇئامىلە قىلساڭ، ئۇ دۈشمەنگە ئايلىنىدۇ. دوستتەك مۇئامىلە قىلساڭ دوستقا ئايلىنىدۇ، دەيدۇ. ئەمما نېمىشقىدۇر بۇ تىياتىردا خىتاينىڭمۇ ئويناۋاتقان رولى بارلىقىنى كۆرەلمەيدۇ. بىز بۇ ھېكايىنى ئەمدى يېپىۋەتسەك قانداق؟»

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتىكى پىكرىنى رادىيومىز بىلەن ئورتاقلىشىپ، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى بۇ جىددىيچىلىككە قانداقتۇر ترامپ ھۆكۈمىتى ئەمەس، بەلكى يىللاردىن بېرى ئامېرىكانىڭ ياخشى نىيىتىنى سۇيىئىستېمال قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى سەۋەبچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئامېرىكانى داۋاملىق سۇيىئىستېمال قىلىدىغان بىر ۋەزىيەتنى قايتۇرۇپ كېلىمەن دېگەن يۇقىرىقى كۆز قاراشتىكىلەرنىڭ چاقىرىقىنى پەقەت بىر ئەخمىقانىلىك دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جون پومفېرتمۇ «ۋاشنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە كۆرۈلۈۋاتقان كرىزىسنىڭ سەۋەبچىسىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان: «خىتاي كومپارتىيەسى خىتايدا ھازىر يۈز بېرىۋاتقانلارنىڭ ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن بولغان كرىزىسنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى-2008-يىلىدىكى ئىقتىسادىي كرىزىس ۋە شى جىنپىڭنىڭ ھاكىمىيەتكە چىقىشى بىلەن تەڭ خىتاي بازارنى مەركەز قىلغان ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلىرىنى توختاتتى. شىنجاڭدا بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا قامىلىشىغا سەۋەب بولغان زور كۆلەملىك باستۇرۇش ئېلىپ باردى. غەربنىڭ تېخنىكىسىنى ئوغرىلاش ھەرىكىتىنى كۈچەيتتى. ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنى ھەربىيلەشتۈرمەسلىك ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى، ئۆزىنىڭ سىستېمىسىنى چەتئەللەرگىمۇ ئېكسپورت قىلىشقا ئۇرۇندى. خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە ئارزۇسىنى باستۇردى، تەيۋەندە مەخسۇس ھالدا دېموكراتىك تۈزۈمنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكەتلەرنى قىلدى، ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش سىياسەتلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ھەتتا يېقىنقى ئوباما ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە خىتاي مەقسەتلىرىگە يېتىش يولىدا ئۆزىنى كۆپ كۈچلەندۈرۈۋالدى.»

ئامېرىكىدىكى «پۇقرالار كۈچى ھەرىكىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى دوكتور ياڭ جيەنلى ئەپەندى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 40 يىلدىن خىتاينى قوللاپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ ئۇنى سۇيىئىستېمال قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا 40 يىلدىن بۇيان بىر قېتىممۇ خىتاينى يالغۇز قويۇشقا ئۇرۇنۇپ باقمىدى. ئۇلار خىتاينىڭ شەرتسىز ھالدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىغا يول قويدى. ئامېرىكا خىتايغا ئۆز بازىرىنى تولۇق ئېچىپ بەردى. پەقەت بازىرىنىلا ئەمەس ئامېرىكادىكى ھەممە نەرسىنى ئۇلارغا ئېچىپ بەردى. خىتاي كومپارتىيەسى تەربىيەلىگەن تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىدا سەھنە قۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا خىتايدا نېمە بولدى؟ خىتايدىكى بارلىق ئىسلاھاتچىلار كۈچىيىش تۈگۈل، يوقالدى. شى جىنپىڭ بازار ئىسلاھاتىنى توختاتتى. ئادەتتىكى خەلق ئاممىسىدىن تارتىپ خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىغىچە بولغان ھەممە يەردە كونترولنى كۈچەيتىپ قۇدرىتىنى مۇجەسسەملەشتۈردى. شىنجاڭدا لاگېرلار ئېچىلدى، ئىجتىمائىي كەيپىيات باستۇرۇلدى. . . مانا مۇشۇلار ھەممىسى ئامېرىكا بىز خىتايغا دوستانە بولساق خىتايمۇ شۇنداق بولىدۇ، دەيدىغان چۈشنى كۆرۈۋاتقاندا يۈز بەردى. ئەمدى، ئامېرىكا ئويغىنىشى كېرەك!»

دەرۋەقە، يۇقىرىقى ئوچۇق خەت ئامېرىكادا نۇرغۇن مۇنازىرىلەرگە ۋە تەنقىدلەرگە سەۋەب بولدى. بۇ ھەقتە تونۇلغان تەتقىقاتچى گوردون چاڭمۇ تىۋىتتېردىكى ئىنكاسىدا يۇقىرىقى ئوچۇق خەت قوللىغۇچىلىرىنى تەنقىدلەپ، «بۇ كىشىلەرنى خىتاينىڭ زومىگەرلىكلىرى، ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرى ۋە ھاكىممۇتلەق كونتروللۇقلىرى بىئارام قىلماي، ئەكسىچە پرېزىدېنت ترامپ بىئارام قىلماقتا» دەپ يازغان. ئۇ يەنە 24-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكادىكى «ۋول-سىترىت ژۇرنىلى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت ترامپنى «ئامېرىكانى خىتاينىڭ تەسىرى ئاستىدىكى دۇنيادىن ساقلاپ قېلىۋاتقان بىردىن-بىر رەھبەر،» دەپ كۆرسەتكەن.

نۇرىي تۈركەل ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر ئامېرىكىدا خىتايغا قارشى كەسكىن تەدبىر قوللىنىشنى ياقىلايدىغان پىكىر ئېقىمى ئاساسىي ئېقىم بولۇپ، بۇ ھەقتە مەيلى دېموكراتلار بولسۇن، ياكى جۇمھۇرىيەتچىلەر بولسۇن، ئوخشاش پىكىردە بولماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.