ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئالىي مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.08.15
MIT-Sensetime شاڭتاڭ پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى تاڭ شياۋئوۋ (سولدا) بىلەن ماسساچۇستېس تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (MIT) نىڭ مەكتەپ مۇدىرى لېئو رافائېل رېف (Leo Rafael Reif) (ئوڭدا) ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى. 2018-يىلى 24-ئاپرېل، شاڭخەي
cri.cn

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى 5-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى مەررىك گارلاندقا (Merrick Garland) قا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئۇنى ئامېرىكا ئالىي مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان دېلولارنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جونى ئېرنىست (Joni Ernst) ۋە ئۇنىڭ كېڭەش پالاتاسىدىكى يەتتە نەپەر جۇمھۇرىيەتچى خىزمەتدىشى تام كاتىن، پېتې رىكېتس، رىك سكوت، ئېرىك شىمىت، سىنتىيا لۇممىس، مارشا بىلاكبۇرن ۋە توم تىللىس بۇ مەكتۇپقا ئىمزا قويغان.

بۇ مەكتۇپتا بايدىن-ھاررىس ھۆكۈمىتىدىكى ئورگانلارنىڭ 70 پىرسەنتىنىڭ ئامېرىكا ئالىي مائارىپ قانۇنىنىڭ 117-ماددىسىغا ئەمەل قىلمىغانلىقى، مىليارد دوللارلىق چەت ئەل تەسىرىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئېقىپ كېرىشىگە يولغا قويغانلىقى، شۇنداقلا بۇ ھەقتە كېڭەش پالاتاسىنىڭ مەخسۇس دوكلاتىغا پەرۋا قىلماي ھازىرغىچە ھېچقانداق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon Chang) بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «كۆپلىگەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىرى چەت ئەللىك شېرىكلەرنىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا قوشقان تۆھپىسى، يەنى مەبلەغ ياكى فوند جەھەتتىكى ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئىجرا قىلمىدى. بىلىشىمىزچە، ترامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە بۇ مەجبۇرىيەت ئىجرا قىلىندى، ئەمما بايدىن ھۆكۈمىتى ئۇنداق قىلغاندەك ئەمەس. بۇ خىل مەلۇم قىلىش مەجبۇرىيىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ناھايىتى مۇھىم. يەنى بىزنىڭ چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە چەت ئەل ئورگانلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدىكى سۆز-ھەرىكەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشىمىز ئۈچۈن، ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ چەت ئەللەردىن ئالغان مەبلەغلىرىنى مەلۇم قىلىشى ناھايىتى مۇھىم. شۇڭا مەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى جونى ئېرنىست ۋە باشقىلار كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا جىددىي ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىدىن تولىمۇ خۇشالمەن».

كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى مەررىك گارلاندقا يازغان مەكتۇپىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكانىڭ ئىلمىي ساھەسى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ئاشكارىلانمىغان ۋە نازارەت قىلىنمىغان پۇل-مۇئامىلە مۇناسىۋىتى، دۆلىتىمىزگە خەۋپسىزلىك خەۋپىنى ھېس قىلدۇرماقتا. بۇ خىل مۇناسىۋەت ئامېرىكانىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلاش، قانۇنسىز سىڭىپ كىرىش، ھەتتا جاسۇسلۇق قىلىش قىلمىشلىرىغا يول ئېچىپ بېرىدۇ. ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ خىل ئەندىشىنى ئېتىبارغا ئېلىپ، بۇ مەسىلىنى تېزدىن ھەل قىلىش ئۈچۈن قوشۇمچە تەدبىر قوللىنىشى زۆرۈر».

ئامېرىكا پىتتسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت پەنلىرى دوكتورانتى ئېرىك دۇرنىكا (Erik Durneika) خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى تەسىرى، ئېلىنغان مەبلەغلەرنىڭ مەلۇم قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئامېرىكا ئالىي مائارىپ قانۇنىنىڭ 117-ماددىسى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا تەسىس قىلىنغان سان-ساناقسىز كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى تاقىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما دۆلەتلىك ئىلىم ساھەسى جەمئىيىتى 2023-يىلى 7-ئايدا 10 دەك كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ تېخىچە تاقالمىغانلىقىنى بايقىغان. ئامېرىكادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار چەت ئەل ئورگانلىرىدىن ياكى چەت ئەللەردىكى غەيرىي رەسمىي ۋە باشقا قاناللاردىن مەبلەغ ئالغاندا، بۇنى مەلۇم قىلىش مەسئۇلىيىتى بولىدۇ ۋە بۇ مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. يەنى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ئۇچۇق ئاشكارا بولۇش، قانۇن تۈزۈمگە رىئايە قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت (دۈشمەن) دۆلەتلەردىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن تاپشۇرۇۋالغان مەبلەغلەرنىلا كۆرسەتمەيدۇ. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەبلىغىنى قوبۇل قىلغان، مەخپىي جاسۇسلۇق قىلىش ياكى تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، چەت ئەلدىكى ئورگانلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغان مۇناسىۋەتلىك يەككە تەتقىقاتچىلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشمۇ زۆرۈردۇر. بۇ مېنى ئىككىنچى نۇقتىغا ئېلىپ كېلىدۇ. جونى ئېرنىستنىڭ ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەسىرىنى تەكشۈرۈش تەلىپى، چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى قوغداشنىڭ كاپالىتى سۈپىتىدە بەك زۆرۈر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ خىتاي تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن تېمىلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شەخسىي بىخەتەرلىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېقىنقى بىر قانچە يىلدا، ئامېرىكالىقلارنىڭ ئالىي مائارىپقا بولغان ئىشەنچىسى كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە تۆۋەنلىدى».

مەزكۇر مەكتۇپتا يەنە كېڭەش پالاتا ئەزالىرى يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكا مائارىپ سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشىنى ئازايتىش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقى؛ بۇ تەھدىتلەرنى تېپىپ چىقىش ۋە ئۇنى ئازايتىش ئۈچۈن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا ئورگانلار بىلەن قانداق ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقى توغرىلىق 2024-يىلى 2-سېنتەبىرگىچە ئېنىق جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

دوكتور گوردون چاڭ بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ئامېرىكادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا بىر قانچە جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى، خىتاي كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى ئارقىلىق ئامېرىكادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا تەسىرى كۆرسىتىدۇ. گەرچە كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئاساسلىق مەشغۇلاتلىرى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىۋېرسىتېت باشقۇرغۇچىلىرى خىتايدىن بەك ئېھتىيات قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار مەكتەپ ھويلىسىدا خىتايغا قارشى سۆز ھەرىكەتنى چەكلەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن خىتاي بۇ يوچۇقتىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكانىڭ ئۇنىۋېرسىتېت سىستېمىسىنى خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن لىق تولدۇردى. خىتاي ئوقۇغۇچىلار كۆپىنچە ئەھۋاللاردا تولۇق ئوقۇش پۇلى تۆلەۋاتىدۇ. بۇ خىتايلارنىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلارغا قوشقان ناھايىتى مۇھىم ئىقتىسادىي تۆھپىسىدۇر. شۇڭا باشقۇرغۇچىلار خىتايدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئالدىراپ خاپا قىلمايدۇ. خىتاي ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا سادىر قىلغان ھەر خىل ئىشلاردىن ئاسانلا قۇتۇپ كېتەلەيدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن خىتاي دىپلوماتلىرى، باشقۇرغۇچىلىرى، ھەتتا خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ ئامېرىكادىكى مەكتەپ قورۇلىرىدا ئۇلارنى تەكشۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ. بۇ پۈتۈنلەي خاتا. ئامېرىكانىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پەرقلىق ھۆكۈمەتلىرى خىتايلارنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىدا بۇنداق قىلىشىغا يول قويدى. بۇنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ».

ئېرىك دۇرنىكا ئالىي مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈش ئامېرىكادىكى ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «مەن تۆۋەندىكى مۇھىم نۇقتىنى تەكىتلىمەكچى، بۇنى ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ مەسىلىسى دەپ قاراش كېرەك. دېموكراتچىلار ئۆزلىرىنىڭ مەجلىس ئەزالىرىنى بۇ تەكشۈرۈشنى قوللاشقا دەۋەت قىلىشى كېرەك. ئالىي مائارىپ چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىدىن خالىي جاي بولۇشى كېرەك. بۇ يەردە شەخسلەرنىڭ سىياسىي تەۋەلىكى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قىلغان ئىشىغا قارىتا جازالىنىشتىن قورقماي ئەركىن پىكىر بايان قىلالىشى كېرەك. بۇ يەردە يەنە پىرېزىدېنتنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا دەۋەت قىلىش، شۇنداقلا ئامېرىكادىكى ئالىي مائارىپ ئورگانلىرىغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىشمۇ بەك مۇھىم. خىلاپلىق قىلغان ئۇنىۋېرسىتېتلارنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن، ئىجرائىيە تارماقلىرى ئامېرىكا مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىلەن ماسلىشىپ، ھەرىكەت قىلىش كېرەك. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، ئالىي مائارىپ قانۇنىنىڭ 117-تارمىقىدا، ھازىرچە ئۇنىۋېرسىتېت ياكى ئۇنىڭغا قاراشلىق ئىنستىتۇتلارنىڭ بىر كالېندار يىلىدا 250 مىڭ دوللاردىن ئاشىدىغان ياكى ئېشىپ كەتكەن سوۋغات ياكى ئىئانە توختاملىرىنى دوكلات قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. شەخسلەر ھازىرقى چەكتىن بەك تۆۋەن بولغان كۆپ خىل ياردەم يولى ئارقىلىق قىلىنغان ئىئانىنى ئاشۇرالايدىغانلىقى ئۈچۈن، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بۇ چەكنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىشنى ئويلىشىشى كېرەك. ۋەكىللەر بىلەن سايلىغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە بولمىسا، بۇمۇ يۈز بەرمەيدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.