ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا تېخىمۇ كۆپ كۈچىنى خىتايغا قارىتىدىكەن

0:00 / 0:00

21-ئاۋغۇست، «ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي كۈچىنى خىتايغا قارىتىدىكەن.

بۇ ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تالىبان كۈچلىرى ئالدىنقى ھەپتە ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان پەيتتە، 25 مىڭ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمى باشقا دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز ئارمىيە ئەسكەرلىرى بىلەن غەربىي تىنچ ئوكيان ئاراللىرىدا بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئېلىپ بارغان. بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ زور كۆلەملىك ھەربىي مانىۋېر بولۇپ، ياپونىيە، ئەنگىلىيە، ئاۋستەرالىيە قوشۇنلىرىمۇ بۇ مانىۋېرغا قاتناشقان. بۇ مانىۋېرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئامېرىكا ئارمىيەسى 20 يىل ئاۋۋال ئافغانىستانغا كىرگەندىن بۇيانقى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدىكەن. يەنە بىر جەھەتتىن، ئافغانىستان قولدىن كەتكەندىن كېيىن، خەلقئارانىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان ئامېرىكا، ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىغا بۇ مانىۋېر ئارقىلىق تەسەللىي ۋە مەدەت بەرمەكچى بولغان.

خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى گوردون چاڭ ئەپەندى ئامېرىكانىڭ پەقەت گەپ بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن خەلقئارانىڭ ئىشەنچىسىنى قايتا تىكلىيەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكانىڭ دىپلوماتىيە تارىخىدىكى بۇ ئەڭ ئېغىر مەغلۇبىيەتتىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىناۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەمدى گەپ بىلەن بولمايدۇ، بىزنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنىمىز ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قوللىنىش. مەسىلەن، دېڭىز ئارمىيە ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنى تەيۋەنگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خىتاينى توسۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكادا ھۆكۈمەت ئالماشسا ياخشى، چۈنكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بۇ بىر مەيدان ئاپەتنى پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ خاتالىقى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى تونۇپ يەتتى».

ئافغانىستاندىكى مالىمانچىلىق ئامېرىكانىڭ غەرب دۇنياسىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىلا ئەمەس، خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارشى ئامېرىكانى قوللاپ كېلىۋاتقان ئاسىيا دۆلەتلىرىنىمۇ قاتتىق ھەيران قالدۇرغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوت قويرۇقلۇق قىلىپ، بۇ دۆلەتلەرنى ئامېرىكانىڭ ھەربىي كۈچىگە ئارتۇق ئىشىنىپ كەتمەسلىككە چاقىرغان، بولۇپمۇ تەيۋەنگە «ئامېرىكاغا تايانساڭ، ئامېرىكاغا ئىشەنسەڭ، ئاقىۋىتىڭ ئافغانىستاندەك بولىدۇ» دېگەن سىگنالنى بەرگەن. خىتاي دائىرىلىرى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» ئارقىلىق نىيىتىنى ئوچۇق ئىپادىلەپ، «ئەگەر ئىككى قىرغاقتا ئۇرۇش پارتىلاپ قالسا، تەيۋەن چوقۇم ئامېرىكا تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىدۇ. ھالبۇكى، خىتاي تەيۋەننى ھەر زامان ئۆز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى قارايدۇ،» دەپ داۋراڭ سالغان.

«يەر شارى سىياسىتى» ئاقىللار مەركىزىدىن دوكتور ئەزىم ئىبراھىم بۇ يەردىكى مەسىلىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئۆز ئىناۋىتىنى يوقىتىش مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەن ئامېرىكانىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە ئۆز ئىناۋىتىنى يوقىتىپ قويغىنىغا ئىشەنمەيمەن. ئامېرىكا تەيۋەن، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيەگە ھەربىي ياردەم بېرىشنى ئالىبۇرۇن قارار قىلىپ بولغان. مەنچە بۇ ئىناۋەت مەسىلىسى بىلەن ئالاقىسى يوق بىر ئىش. ئامېرىكا يەنىلا ئاتلانتىك ئوكيان ۋە تىنچ ئوكياندىكى قۇدرەتلىك كۈچ».

ئامېرىكا يىللاردىن بېرى تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش ۋە تەيۋەننىڭ ھەربىي ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق تەيۋەنگە ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقانىكەن. نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ ياپونىيەدە 50 مىڭ ئەسكىرى، جەنۇبىي كورىيەدە 28 مىڭ ئەسكىرى بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېك ساللىۋېن ئامېرىكانىڭ بۇ يەردىكى ئەسكەر سانىنى ئازايتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكتور ئەزىم ئىبراھىم ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشى خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بولغان تەقدىردىمۇ، خىتايغا پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەنچە، ئۇزاقنى ئويلىغاندا بۇنىڭدىن خىتاي، رۇسىيە ۋە پاكىستان ئەڭ چوڭ مەنپەئەت ئالىدۇ. ئامېرىكا بۇ رايوننى ئالغان بىلەن ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتەلمىدى. خىتاي بولسا بۇ رايونغا كۆپلەپ مەبلەغ سالدى، پاكىستانغىلا 62 مىليارد دوللار خەجلىدى. ئەمما بۇ رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ئامېرىكا نۇرغۇن چىقىم بىلەن ساقلاپ بېرىپ كېلىۋاتقانىدى. ئامېرىكا بۇ يەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن خىتاي يېڭى تالىبان ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ».

ئافغانىستاندىكى مالىمانچىلىق داۋام قىلىۋاتقان بۇ مەزگىلدە ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى كامالا ھاررىس ئاسىيادىكى تۇنجى زىيارەت نۇقتىسى بولغان سىنگاپورغا بېرىپ، ئامېرىكانىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئۇزاق مۇددەت ھەمكارلىق ئورنىتىپ، خىتاي تەھدىتىگە بىرلىكتە قارشى تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە سىگنال بەرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز بىلىمىزكى، خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبىي دېڭىزدىكى كۆپلىگەن رايونلاردا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقى ھەققىدە جار سېلىپ، داۋاملىق بېسىم ۋە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. خەلقئارا تەرتىپنى بۇزۇپ، دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا خىرىس قىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ۋە ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بۇ تەھدىتلەرگە تەڭ ئۇچراۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئەركىن ۋە ئېچىۋېتىلگەن تىنچ ئوكيان رايونى بەرپا قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداشقا تىرىشىدۇ».

ئامېرىكا راند (Rand) سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى سىكوت ھارولد كامالا ھاررىسنىڭ بۇ زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بايدېن ھۆكۈمىتى خىزمەت باشلىغاندىن تارتىپلا ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى؛ چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنى ئاساس قىلىپ، دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلدى. بۇنىڭدىن روشەنكى، ئامېرىكا خىتاينى خەتەرلىك رەقىب دەپ تونۇيدۇ. خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولىدىغان ئۇرۇش خەۋپى ئاساسەن چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەن ئارىسىدا مەۋجۇت. شۇڭا بايدىن-ھاررىس ھۆكۈمىتىگە كۆرە، بۇ رايون ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكاغا ياردەم بېرىشى مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ 40 يىلدىن بېرى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقتىن مەنپەئەتلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خىتايغا ئوچۇق سىگنال بېرىدۇ. خىتاي ئەگەر تەيۋەنگە تەھدىت سالسا، بۇنىڭغا ئامېرىكالا ئەمەس، ياپونىيە ياكى بۇ رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ دەرھال ئىنكاس قايتۇرىدۇ».

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئاساسلىق دىپلوماتىيە كۈچى ۋە ھەربىي كۈچىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا قارىتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بولۇپ، ترامپ ھۆكۈمىتى ياپونىيە، ھىندىستان، ئاۋسترالىيە بىلەن بىرلىشىپ «تۆت دۆلەت بىخەتەرلىك دىيالوگى» قۇرغان بولسا، جوۋ بايدېن ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ «تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى» (Quad) قۇرغانىدى.

ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ ئاساسلىق دىققىتىنى «تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى» غا مەركەزلەشتۈرۈش ۋە بۇ ئىتتىپاقتىكى دۆلەتلەر بىلەن تېخىمۇ ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىش پۇرسىتى بولىدىكەن. ئامېرىكا، ياپونىيە، ھىندىستان، ئاۋسترالىيە ھەربىي ئەمەلدارلىرى ئالدىنقى ھەپتە تور ئارقىلىق كۆرۈشۈپ سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ يىل كۈزدە ئىككىنچى قېتىملىق يىغىن ئېچىش ۋاقتىنى بېكىتكەن، بۇ دۆلەتلەر يەنە بۇ يىل 4 دۆلەت دېڭىز ئارمىيەسى ھەربىي مانىۋېرى ئېلىپ بارىدىكەن.

ئەزىم ئىبراھىم ئافغانىستاندىكى مالىمانچىلىقنىڭ بۇ «4 دۆلەت ئىتتىپاقى» غا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەنچە، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەردىن خىتاي، رۇسىيە، پاكىستان ياكى ھىندىستان بولسۇن، ھېچقايسىسى بۇ رايوننىڭ مۇقىمسىز بولۇشىنى خالىمايدۇ. ھازىر مېنىڭ تەسەۋۋۇر قىلالايدىغىنىم خەلقئارانىڭ تالىباننى بىر-بىرلەپ ئېتىراپ قىلىشى. تالىباننىڭ كۈتىدىغىنى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئېتىراپ قىلىشى، بۇ يەردە پاكىستان بىلەن قاتار ئۇلارنى ئېتىراپ قىلىدۇ، چۈنكى تالىبان ئۇلارنىڭ شىمالدىكى ئىتتىپاقدىشى؛ بۇ ۋەزىيەت يەنە تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، تالىبان ھۆكۈمىتىنى تاللاشتىن باشقا چارە يوقتەك قىلىدۇ».

«ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىدىكى بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئافغانىستاندىكى مالىمانچىلىق «تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى» نىڭ ھەمكارلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بولۇپمۇ ھىندىستان ئۆزىنىڭ بېقىنىدا تالىباندەك قاتتىق قول شەرىئەت دۆلىتىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن تەھدىت ھېس قىلغان. ياۋروپا دۆلەتلىرى بولسا ئامېرىكانىڭ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە كۆپرەك كۈچ ئاجرىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ھالبۇكى، تەھلىلچىلەر بىردەك ھالدا، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشى ئاساسەن خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئەمدىكى مەسىلە بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىككى دۆلەتكە قانداق دادىللىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇشى، دەپ قارىغان.

گوردون چاڭ ئەپەندى ئافغانىستان مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى ئافغانىستاندىكى ئىشلارغا مەركەزلىشىپ قالغانلىقتىن باشقا مەسىلىلەر، جۈملىدىن خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر تىلغا ئېلىنمايۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىلەر ئەلۋەتتە مۇھىم، ئۇنىڭغا پەقەت نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىلا دىققەت قىلىنمايۋاتىدۇ. ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە سېلىنىۋاتقان قورقۇنچلۇق زۇلۇم بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدىكى تۈپ مەسىلىدۇر، چۈنكى بىز خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دۇنياۋى قىممەت قارىشى ئۈستىدە كۈرەش قىلىۋاتىمىز».