2021-يىلىدىكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان خەتەرلەر

0:00 / 0:00

ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىغان ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش» دەپ ئاتاشقا باشلىغانلىقى مەلۇم. بۇ خىلدىكى ئ‍ومۇمىي جەھەتتىن بۇزۇلۇۋاتقان مۇناسىۋەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىساد ۋە دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى ئەھۋالىغا قاراپ چىقىش، شۇ ئارقىلىق بۇنىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەخمىن قىلىش مەقسىتىدە 8-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى باھالاش كومىتېتى» مەخسۇس گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىردى.

مەزكۇر كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رابىن كلېۋلەند خانىم ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە نۆۋەتتە كۆرۈلۈۋاتقان ئاساسىي مەسىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي ئىقتىسادىي ساھەسىنى شەكىللەندۈرىدىغان بارلىق كارخانا سىستېمىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىش كۆرۈشكە مەجبۇرلاپ ئۇلارنى «كومپارتىيەنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىگە مۇتلەق ئىتائەت قىلىش» قا بۇيرۇماقتىكەن. بۇ خىلدىكى شىركەتلەر ھۆكۈمەتنىڭ بىۋاسىتە كونتروللۇقىدا بولۇشتەك «بىر تۇتاش بۇيرۇق» نىڭ تەسىرىدىن بۇ شىركەتلەرگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن باغلىنىشلىق بولغان ئامېرىكا تەۋەسىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارمۇ بۇ خىل مۇتلەق كونتروللۇقنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانماقتىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بىۋاسىتە ھالدا خىتايغا مەبلەغ سېلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى كونتروللۇقىدا پۇت-قولى چۈشەپ قويۇلغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىمۇ ئېغىر توسقۇنلۇقلارغا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن. كومپارتىيەنىڭ ئارزۇسىغا سەللا خىلاپلىق قىلغان شىركەتلەر «ۋەيران بولۇش» قا دۇچ كەلگەنلىكتىن ئامېرىكا سودىگەرلىرىنىڭ خىتايغا مەبلەغ قىلىپ سېلىنغان نەچچە مىليارد دوللارلىق مەبلىغى بىر كېچىدىلا «غايىب بولغان» ئىشلار كۆپ قېتىملاپ كۆرۈلمەكتىكەن. ئەمدىلىكتە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي ساھەگە قارىتىلغان مۇتلەق كونتروللۇقتىن ھالقىپ، ئامېرىكا پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىگىمۇ ئېغىر تەھدىتلەرنى پەيدا قىلماقتىكەن.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتە كۆرۈلۈۋاتقان يىرىكلىشىشتىكى بىر مۇھىم سەۋەب بولغان خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە مەسىلىسى ھەمدە بۇنىڭغا چېتىشلىق بولغان ئىقتىسادىي ئالاقە ساھەسىدىكى چېكىنىش گۇۋاھلىق يىغىنىنىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى باسقۇچىنىڭ مەركىزىي تېمىسى بولدى. بۇ ھەقتىكى گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر قاتارىدا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ۋىلسون مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، قانۇن پەنلىرى پروفېسسورى مايكىل دېيۋىس ئالاھىدە گۇۋاھلىق بەردى. پروفېسسور مايكىلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدىكى سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى بارلىق مەۋجۇت سىياسەتلەرنىڭ 50 يىلغىچە ئۆزگەرمەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ «يۈكسەك ئاپتونومىيە» نىڭ كاپالىتى بولغان بۇ تەدبىرلەر 2004-يىلىدىن باشلاپ بىر-بىرلەپ ئەمەلدىن قېلىشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن خوڭكوڭدا بۇنىڭغا قارشى تۈرلۈك نامايىش پائالىيەتلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان ھەمدە دېموكراتىيە ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ئەيىبلەنگەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق ئەيىبنى خوڭكوڭ خەلقىگە ئارتىپ قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەبىتلىكىنى بۇ رايونغا قەدەر كېڭەيتكەن. ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىنىڭ بۇ ھەقتىكى چۇقانلىرى بولسا «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىق» دەپ تەنقىدلىنىشكە باشلىغان. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئەسلەپ ئۆتكەچ «خوڭكوڭدا دېموكراتىيەنىڭ باستۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئىلىم ساھەسى ۋە پۇقرالار جەمئىيىتىمۇ ئېغىر تەقىبكە دۇچ كېلىشكە باشلىدى. سۆز ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى چەكلەندى. شۇنىڭ بىلەن خوڭكوڭ خەلقى خەلقئارا دۇنيادىن ياردەم كۈتۈشكە مەجبۇر بولدى» دەپ كۆرسەتتى. .

گۇۋاھلىق يىغىنىنىڭ بازار ئىقتىسادى ۋە سانلىق مەلۇماتلار ساھەسىدىكى باسقۇچىدا «خاررىس برىسكىن خەلقئارا ئادۋوكاتلىق مەركىزى» نىڭ ئادۋوكاتى دان خاررىس مەخسۇس گۇۋاھلىق بەردى. . ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئۆتكەن ئون يىل مابەينىدە ئىزچىل خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانا ۋە شىركەتلەرگە بولغان مۇتلەق كونتروللۇقنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ چىققان. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىنى باستۇرۇشتەك تارىخىي ئەنئەنىسى بولغان بۇ قىلمىشى ھەمدە سۆز ۋە مەتبۇئات ساھەسىدىكى يۈكسەك سەزگۈرلۈكى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيەدىن خىتايغا مەبلەغ سالغان نۇرغۇنلىغان فىلىم سودىگەرلەرنىڭ شىركەتلىرى تەقىبكە، ھەتتا ۋەيران بولۇشقا دۇچ كەلگەن. تور دۇنياسىغا بولغان كونتروللۇق تۈپەيلىدىن غەرب شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى تارماق شىركەتلىرى نورمال خىزمەت ئالاقىسىنى ساقلاشقا ئىلاجسىز قالغان. چۈنكى بۇ شىركەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى خىتايدىكى بازار ئىقتىسادىنى نەزەردە تۇتۇپ شۇ جايدا كېڭىيىشنى ئويلىغان، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ساھەنى مۇتلەق كونترول قىلىدىغانلىقىنى بىلمەستىن بۇ جايلارغا مەبلەغ سالغان. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «بۇ خىل كونتروللۇق شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى. بۇ كىشى دۇنيانىڭ ئۆزى ھەققىدە نېمىلەرنى دېيىشىدىن پەرۋايى پەلەك ھالدا ئۆزى خالىغان ئىشنى قىلىدىغان بىر ئادەم. بۇنداق ئەھۋالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بارلىق ئامېرىكا شىركەتلىرىنى خىتاي بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىشقا ھەمدە خىتاي بىلەن سودا قىلىشقا خاتىمە بېرىشكە چاقىرىشى لازىم. ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى ئەمدى خىتايدىن مېكسىكا، پولشا ياكى تايلاندقا يۆتكەشنىڭ پەيتى كەلدى» دەپ كۆرسەتتى. .

ئامېرىكادىكى «سرېشېر» شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ پېشقەدەم ئاخبارات خادىملىرىدىن رېبىكا فاير خانىم بۇ ھەقتە مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ خىلدىكى ئىقتىسادقا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئەندىزىسىنىڭ ئاللىقاچان ما يۈن (جېك ما)، تېنسېنت (تېڭشۈن)، دېدى قاتارلىق سودا ماگناتلىرى ۋە ئىقتىسادىي «ئىمپېرىيە» لەرنى ئۆزىنىڭ سىزغان سىزىقىغا چۈشۈرۈپلا قالماستىن يەنە پائالىيەت دائىرىسى خىتايدا بولغان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىمۇ ئېغىر زىيانلارغا ئۇچرىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. . ئۇ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي تەرەققىياتلارنى سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئامېرىكا تۇپرىقىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشۇ خىلدىكى كونتروللۇق پائالىيەتلىرىگە قايسى دەرىجىدە ھەمدەمدە بولۇۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈشى، شۇنىڭدەك سودا ۋە ئىقتىساد ساھەسىگە دائىر ئۇچۇر بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان مەخسۇس ئورگان تەسىس قىلىش لازىملىقىنى بىلدۈردى.

يىغىننىڭ چۈشتىن كېيىنكى بۆلىكىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى سانائەت ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جېرېمىي پېلتېر، جورج مېيسون ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنسىتۇتىنىڭ پروفېسسورلىرىدىن جيوۋاننى سىنېل، دېيۋىد خانكې قاتارلىقلار خىتايغا قارىتىلغان ئېكسپورت تاۋارلىرىنى كونترول قىلىش، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىي ساھەسى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى يېڭىلىشى لازىملىقى، چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىشىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى قايتىدىن ئويلىنىش قاتارلىق تېمىلار بويىچە گۇۋاھلىق بەردى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق يىغىنىنىڭ خاتىرىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يوللىنىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يول خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىشىدا مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولىدىكەن.