نەچچە ئون يىل مابەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكاغا قارشى ئىقتىسادىي كېڭەيمىچىلىك قىلىۋاتقان بولۇپ، «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش خىتاينىڭ بۇ مەقسەتكە يېتىشىدىكى ئەڭ مۇھىم نىشانىغا ئايلانغان.
يېقىندا ئامېرىكا خۇدسون ئاقىللار مەركىزى مۇتەخەسىسلىرى خىتاينىڭ نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان گىئو-ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشلىرى، قوللىنىۋاتقان سىياسەت ۋە ۋاسىتىلىرى ھەمدە ئۇنىڭ ئاجىز نۇقتىلىرى ھەققىدە نەق مەيدان سۆھبىتى ئېلىپ بارغان.
خۇدسون ئاقىللار مەركىزى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىكى بۆلۈمى باشلىقى پاترىك كرونىن (Patrick Cronin)، ئالىي تەتقىقاتچى جون لى (John Lee) ۋە توماس دېستېربېرگ (Thomas Duesterberg) قاتارلىقلار ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ سۆھبەتتە تەتقىقاتچى جون لى تەييارلىغان دوكلات، يەنى خىتاينىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەرىكەتلىرى ھەققىدە بېرىلگەن مەلۇماتلار ئاساس قىلىنىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جاھانگىرلىكى بايان قىلىنغان، كۆزلىگەن مەنپەئەت ۋە نىشانلىرى كۆرسىتىلگەن، شۇنداقلا خىتاينىڭ كۈچلۈك ۋە ئاجىز تەرەپلىرى تەھلىل قىلىنغان؛ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بۇ خىل ئىقتىسادىي تەھدىتكە قانداق تاقابىل تۇرالايدىغانلىقى، يەنى غەرب ئەللىرىنىڭ ئۆزىدە بار كۈچىدىن ۋە خىتاينىڭ ئاجىزلىقىدىن قانداق پايدىلىنىش كېرەكلىكى ھەققىدە قىممەتلىك پىكىر ۋە كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
سۆھبەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان پاترىك كرونىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەتقىقاتچى جون لى بۇ دوكلاتىدا خىتاينىڭ يەر شارىلاشقان ئىقتىساد ۋە ئورتاق ھەمكارلىق قائىدىسىگە ئەمەل قىلماي كېلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تاشقىي سودا، تەمىنلەش لىنىيەسى، يۇقىرى پەن-تېخنىكا، كاپىتال ۋە پۇل سودىسىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، ئامېرىكانىڭ ئورنىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
تەتقىقاتچى جون لى بۇ سۆھبەتتە پىكىر بايان قىلىپ، نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادىدا كۆرۈلۈۋاتقان رىقابەتنى 5 نۇقتىغا خۇلاسىلەپ مۇنداق دېگەن: «بىرىنچىدىن، ئامېرىكا ئەزەلدىن سودىغا ئېتىبار بېرىدىغان مەۋجۇت ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى قوغداۋاتىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئامېرىكا بەزى ساھەدە خىتاي بىلەن سودىلاشماسلىق يولنى تۇتقان ئەھۋالدا، خىتايمۇ ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەپ، ئامېرىكادىن تامامەن ئايرىلىش يولىغا مېڭىۋاتىدۇ؛ ئامېرىكا يۇقىرى تېخنىكا، يۇقىرى باھالىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار بېرىۋاتىدۇ؛ تۆتىنچىدىن، خىتايدىكى ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىلەر كۆپىيىپ، ئىقتىسادىي كېڭەيمچىلىكى توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتىدۇ».
تەتقىقاتچى جون لى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ بۆلگۈنچىلىك ئىستراتېگىيەسى، يەنى خىتاينىڭ يەر شارىلاشقان ئىقتىساد رامكىسىدىن چىقىپ، ئۆز ئالدىغا «خىتاي ئىقتىساد رامكىسى» شەكىللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاينى مەركەز قىلغان بۇ ئىقتىساد رامكىسىدا خىتاينىڭ دۆلەت كارخانىلىرى يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىكەن؛ بۇ كارخانىلار خىتاينىڭ دۆلەت خەزىنىسىدىن ئالغان پۇل بىلەن غايەت زور قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىپ، خىتاينىڭ گىئو-ئىقتىسادىي كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن. خىتاينىڭ دۆلەت كارخانىلىرى خىتاينىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي گەۋدىسى بولۇپ، ئەگەر ئۇلار دۇنيا ئىقتىسادىدا باشلامچى ئورۇنغا ئۆتۈپ قالسا، ھەر قانداق سودا كېلىشىمى ۋە ئىقتىسادىي شەرتنامىلەر خىتاينىڭ پايدىسىغا ماڭىدىكەن. خىتاي بۇ جەرياندا خەلقئارا سودا تەرتىپى ۋە قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلمايدىكەن، بەلكى ئۆز ئالدىغا قائىدە تۈزۈپ ئۇنى باشقىلارغا تاڭىدىكەن.
جون لىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ مەقسىتى خىتاي كارخانىلىرىنى دۇنيا بازىرىغا مەڭگۈلۈك خوجا قىلىش، دۇنياۋى تەمىنلەش لىنىيەسى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتلەردە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش. بۇنداق بولغاندا، ئامېرىكا ھەر جەھەتتە يەكلىنىش، ئىقتىسادتا يېتىم قېلىش، ياۋروپا، ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مەنپەئەتلىرىدىن قۇرۇق قېلىش، ئاقىۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇش ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىكەن.
جون لى مۇنداق دېگەن: «بىز نۆۋەتتە مۇنداق ئۈچ ئىشنى قىلىشىمىز كېرەك: بىرىنچىدىن، بىز نېمىشقا خىتاينىڭ ئىقتىساد ۋە تېخنىكا ئارقىلىق ئىستراتېگىيەلىك ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش نىشانىغا تاقابىل تۇرمايمىز؟ چۈنكى خىتاي دەل شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا ئىقتىسادىدا بۆلگۈنچىلىك قىلىۋاتىدۇ. ئىككىنچىدىن، بىز خىتاينىڭ تېخنىكا يېڭىلاش ئىستراتېگىيەسىگە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك، چۈنكى تېخنىكا خىتاينىڭ ئىلغار دېموكراتىك دۆلەتلەردىن ئېشىپ كېتىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئۈچىنچىدىن، بىز خىتاينىڭ ئىلغار تېخنىكا ۋە يۇقىرى باھالىق مەھسۇلات بازىرىنى ئىگىلەش ۋە ئۇنى بىۋاسىتە ئېكسپورت قىلىش پىلانىغا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك».
ئۇ يەنە يېڭىدىن تۈزۈلگەن «تىنچ ئوكيان سودا كېلىشىمى» (TPP) ئارقىلىق خىتايغا تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن: «بىز بۇ كېلىشىم ئارقىلىق تۆۋەندىكى 5 ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز: بىرىنچىدىن، ئىستراتېگىيەلىك ھالقىلىق كەسىپلەردىكى تەمىنلەش لىنىيەسىنى خىتايدىن ئايرىپ، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە، تەيۋەن، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەرگە يۆتكىيەلەيمىز. ئىككىنچىدىن، يۇقىرى تېخنىكىلىق، قىممەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشتا ئورتاق قائىدە ۋە ئۆلچەم يارىتالايمىز. ئۈچىنچىدىن، مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىشنى قانۇن-نىزاملارغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىشقا باغلىيالايمىز؛ تۆتىنچىدىن، تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەردە خىتاينىڭ پۇل-مۇئامىلىسىگە چېتىلمىغان ئىقتىساد مەنبەسى تاپالايمىز؛ بەشىنچىدىن، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشىغا يول ئاچالايمىز، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي بۇلاڭچىلىقىغا تاقابىل تۇرالايدىغان ئىقتىساد ئورگانلىرىنى قۇرۇپ چىقالايمىز».
جون لىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ياۋروپادىن كىرگۈزگەن سۈنئىي ئەقىل، ئىلغار ماشىنا ئادەم، بىرىكمە ماتېرىيال ۋە يېڭى ئەۋلاد توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ساھەسىدىكى تېخنىكىسىنى چەكلەش ناھايىتى مۇھىم ئىكەن. خىتاينىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيىسى تۆۋەن بولسىمۇ، ئىلغار تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىش، ئارقىدىن ئۇلارنىڭ تېخنىكىسىنى ئوغرىلاپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۈستۈنلۈك قازىنىش ماھارىتى يۇقىرى ئىكەن. ئۆتكەن ئون يىلدا خىتاينىڭ چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى خۇسۇسىي كارخانىلىرىنىڭ 80 پىرسەنتى يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىشقا كۆپلەپ مەبلەغ ئاجراتقان بولۇپ، كۆپىنچىسىنىڭ باش شىتابى ئامېرىكادا ئىكەن. شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىن كېلىۋاتقان بۇ مەبلەغلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، خىتاينىڭ تېخنىكا ئوغرىلاش قىلمىشىغا زەربە بېرىشى كېرەك ئىكەن.
تەتقىقاتچى توماس دېستېربېرگ جون لىنىڭ بۇ دوكلاتىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، غەرب ئەللىرى بىلەن خىتاينى مەركەز قىلغان ئىقتىسادىي، سىياسىي رايون ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتتىن باشقا، خىتاي بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭمۇ مۇھىم بىر كۈرەش مەيدانى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ دوكلاتتا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاجىز ۋە ئۆز-ئۆزىگە زىت تەرەپلىرى يورىتىپ بېرىلگەن. خىتاي بىر ياقتىن مائاشنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئىستېمالنى ئاشۇرماقچى بولغان، ئەمما بىر ياقتىن ئەرزان مال ئىشلەپچىقىرىشقا ئېتىبار بەرگەن ۋە ئىش ھەققىنى تۆۋەن بەرگەن. ھالبۇكى خىتاي كارخانىلىرى ئەرزان مال ئارقىلىق دۇنيا بازىرىنى ئىگىلىمەكچى بولغان. بۇ دوكلاتتا يەنە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغان رۇسىيەنى قوللىغان خىتايدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرىق قىلىنغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ياۋروپانى خىتايغا بىرلىشىپ قارشى تۇرۇشقا قايىل قىلالايدىغان يېتەرلىك سەۋەبلەر ئىكەن.
سۆھبەتنىڭ ئاخىرىدا جون لى ئاڭلىغۇچىلاردىن كەلگەن «خىتاي كەلگۈسىدە رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئورنىنى ئىگىلەمدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ دوكلاتتا دېڭىز ئىقىسادىنى بەكرەك تىلغا ئېلىشىم، خىتاي ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا مۇھىم ئەمەس دېگەنلىكىم ئەمەس. مەنچە، دېڭىز ئىقتىسادى ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم. ئوتتۇرا ئاسىياغا كەلسەك، سىز ئويلىغاندەك، خىتاي رۇسىيەنىڭ ئورنىنى ئېلىشى مۇمكىن. ئەمما ئامېرىكادەك دېموكراتىك دۆلەتلەر ئوتتۇرا ئاسىيادا تەرەققىي قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ، چۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ تۈزۈمى پەرقلىق، ھۆكۈمىتى چىرىك. ئامېرىكا شىركەتلىرىمۇ ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىپ بولالمايدۇ».
تەتقىقاتچى جون لىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ بايلىقىنى نامرات، قالاق، چىرىك دۆلەتلەرگە سەرپ قىلىپ تۈگەتسە ئۇنىڭغا يول قويۇش كېرەك. چۈنكى خىتاينىڭ مەبلىغى يا قايتىپ كېلىدۇ، يا كەلمەيدۇ. ئەمما ئامېرىكا يۇقىرى ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىدىغان جايلارغا، بولۇپمۇ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە مەبلەغ سالسا، ئىقتىسادىي جەھەتتە پايدىسى بولغاندىن باشقا، خىتاينىڭ بۇ رايونلاردىكى تەسىرىنى چەكلەش جەھەتتە ئىجابىي رول ئوينايدۇ.