بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ كېلىمات مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى جون كەررى 22-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئاقلىغان.
جون كەررى «بىلۇمبېرگ» گېزىتى مۇخبىرىنىڭ «بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قايرىپ قويۇپ، كېلىمات ئۆزگىرىشىنى تاللىغانلىقى» ھەققىدە سورىغان سۇئالىغا جاۋابەن مۇنداق دېگەن: «ھايات دائىم قىيىن تاللاشلارغا تولغان بولىدۇ، بولۇپمۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە دائىم مۇشۇنداق تاللاشلار بولىدۇ.»
جون كەررى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئۆز ئاغزى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭ رايونىدا راستىنلا بىر مەسىلە بار. خىتاي پەقەتلا قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى تەمىنات زەنجىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكنى ئىشلىتىپلا قالماستىن، بەلكى بىلىشىمىزچە قۇياش ئىنىرگىيەسى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان باشقا بىر قانچە مېنېرال ماددىلار ئۈچۈنمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىدۇ.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «شۇنداق، بۇ يەردە بىر قاتار ئوخشىمىغان مەسىلىلەر مەۋجۇت. ئەمما ھەممىدىن مۇھىمى، بۇ پىلانېت چوقۇم قوغدىلىشى كېرەك».
يېقىندا جوۋ بايدېن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن. ئەمما ئاقساراي 90 مىنۇتلۇق سۆھبەتتە نېمىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئېنىق ئاشكارىلىمىغان. ئاقساراي باياناتچىسى پەقەت كەڭ دائىرىلىك، ئىستراتېگىيەلىك بىر مۇزاكىرە بولغانلىقى، ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتى، قىممەت قارىشى قاتارلىق ئوخشىمىغان نۇقتىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق پىكىرگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىۇڭ دېرىكتورى ئۆمەت قانات ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ھازىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ماقۇللىنىشىنى ساقلاۋاتقان بىر قانچە مۇھىم قانۇن لايىھەلىرىمىز بار ئىدى. بۇ قانۇن لايىھەلىرى تېخىچە ماقۇللۇقتىن ئۆتمەي تۇرغان ئىدى. جون كەررىنىڭ باياناتىدىن كېيىن بۇنىڭ سەۋەبى ئېنىق بولدى.»
ئامېرىكا پىرزېدىنتى جوۋ بايدېن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئامېرىكانىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا مىقياسىدا خىتايغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرماقچى بولغان ئىدى. يەنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋە خوڭكوڭدا ئېلىپ بارغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرى ھەمدە تەيۋەنگە تەھدىت سېلىش ھەرىكىتى سەۋەبلىك ئامېرىكا خىتاي بىلەن كۆپ جەھەتلەردە توقۇنۇشقان ئىدى.
«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفى رىچاردسون بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «‹كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى› نىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك گورۇپپلارغا قارىتا ئۆتكۈزۈۋاتقان ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› ىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى شۇكى، نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كېلىمات مەسىلىسىنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن تېگىشكىلى بولمايدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى، بىز خىتاينىڭ قىلمىشلىرىغا قارىتا جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىنى ۋە جاۋاپكارلىقىنىڭ سۈرۈشتە قىلىنىشى تەلەپ قىلىمىز.»
جون كەررى 31-ئاۋغۇست خىتاينى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى مايكېل مىكائۇل يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت بايدېننىڭ كېلىمات مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى جون كەررىنى ئامېرىكانىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى خىتايدەك ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغان بىر ھاكىمىيەت بىلەن سۆزلەشمەسلىككە چاقىرغان ئىدى. ئەمما جون كەررىنىڭ كېلىمات مەسىلىسىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇش ھەققىدىكى سۆزى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ سۆزى بىلەن بىردەك بولغان. نەنسى پېلوسى ئالدىنقى ھەپتە خىتاي بىلەن كېلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىدە سۆھبەتلىشىشنىڭ «ھەممىدىن مۇھىم مەسىلە» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
ئامېرىكالىق خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى گوردون چاڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «جون كەررى بۇ يىل يانۋاردا كېلىماتنىڭ ‹ھالقىلىق مۇستەقىل مەسىلە› ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ كېلىمات مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ‹كىشىلىك ھوقۇقنى قۇربان قىلمايدىغانلىقى› نى ئېيتقانىدى. لېكىن چارشەنبە كۈنىدىكى سۆزىدە ئامېرىكانىڭ ‹قاتتىق تاللاش› قا دۇچ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى سۆزى، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى كېلىمات توغرىسىدىكى باياناتىغا زىت كېلىدۇ. ئامېرىكا خىتاينىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقى› ۋە ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› لىرىگە ھەرگىز سەل قارىماسلىقى كېرەك. بۇنىڭغا سەل قارىسا، ھەرگىز بولمايدۇ.»
نەنسى پېلوسى خانىم كامبىرىج ئۇۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە، خىتاينىڭ ھاۋانى بۇلغاشتا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى؛ ئامېرىكانىڭمۇ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر قاتارىدا مەيلى كورونا ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بولسۇن، مەيلى تېرورلۇققا قارشى كۈرەشتە بولسۇن ۋە ياكى كېلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىدە بولسۇن، چوقۇم خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
ئۆمەر قانات ئەپەندى، ئامېرىكا ئەگەر خىتاي بىلەن ھەمكارلاشسا، خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قويىدىغان شەرتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەلەرنى ئىجرا قالدۇرماسلىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ماقۇللىنىشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە قانۇن لايىھەلىرىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ بايدېن ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئالاقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشىنى داۋاملاشتۇرىغانلىقنى تەكىتلىدى.