ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رەقەملىك جاسۇسلۇق ئۇرۇشى ۋە ئۇيغۇرلار

0:00 / 0:00

2023-يىلى 18-سېنتەبىردىن 20-سېنتەبىرگىچە ۋاشىنگتوندا گۇگۇل باش شىركىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئۈچ كۈنلۈك تور بىخەتەرلىكى يىغىنى ئېچىلغان. بۇ يىغىنىدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ باشلىقى كرىستوفىر ۋراي، نۆۋەتتە تور ھۇجۇمى ۋە توردىكى جىنايى قىلمىشلارنىڭ نەدىن باشلىنىپ قەيەردە ئاخىرلاشقانلىقىنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ قىيىنلىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە خۇسۇسىي تارماقلارنىڭ تور تەھدىتىگە قارشى مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.

كروستوفېر ۋراي: «خىتاي خاككېرلار قوشۇنى FBI تور خادىملىرىمىزدىن ئاز دېگەندە 50 ھەسسە كۆپ»

كرىستوفىر ۋراي مۇنداق دېگەن: «خىتاينى دۇنيادىكى باشقا ھەرقانداق بىر چوڭ دۆلەتكە سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ تولىمۇ چوڭ ۋە كۈچلۈك خاككېرلىق پىلانى بار». ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن «ئەگەر FBI نىڭ تور ۋاكالەتچىلىرى ۋە ئاخبارات ئانالىزچىلىرىنىڭ ھەر بىرى مەخسۇس خىتايغا مەركەزلەشسە، خىتاي خاككېرلىرى يەنىلا تور خادىملىرىمىزدىن ئاز دېگەندە 50 ھەسسە ئېشىپ كېتىدۇ».

ئامېرىكاغا خىتايدىن كېلىۋاتقان رەقەملىك تور ھۇجۇمى ۋە جاسۇسلۇق جىنايەتلىرىنىڭ كۆپلەپ پاش بولۇشىغا ئەگىشىپ، 2023 يىلى-9 ئاينىڭ-13 كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «2023-يىللىق تور ئىستراتېگىيەسى» نى ئېلان قىلىپ، خىتاينى «ئاساسلىق تەھدىت» دەپ ئېلان قىلغان. «2023 تور ئىستراتېگىيەسى»، بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ 2018-يىلدىن كېيىن ئامېرىكانىڭ تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن يولغا قويغان يېڭى ئىستراتېگىيىسى ئىكەن.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋراي، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن FBI غا تەخمىنەن 63 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، ئۇنىڭ 192 خىزمەت ئورنى بىلەن تور خىزمەتچىلىرىنى كۆپەيتىشىگە ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تور ھۇجۇمى ۋە جىنايى قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇشتىكى تىرىشچانلىقىنى كۈچەيتكەن. مەسىلەن، پرېزىدېنت جوۋ بايدېن رەھبەرلىكىدىكى ئاقساراي، 2024-مالىيە يىلىدا تور بىخەتەرلىكى مەبلىغى سۈپىتىدە پارلامېنتتىن 26 مىليارد 200 مىليون دوللار تەستىقلاشنى تەلەپ قىلغان، بۇ 2023-يىلدىكى 15 مىليارد 600 مىليون دوللاردىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان.

خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قايتۇرما ھۇجۇمى

ئامېرىكا، خىتاينىڭ تور ھۇجۇمى ھەرىكىتىنى جاسۇسلۇق، ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ۋە ئامېرىكانىڭ مۇداپىئە تورىغا سىڭىپ كىرىش دەپ كۆرسەتكەن. ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى، خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تورىدا-21سېنتەبىر كۈنى باش بەتتە ئېلان قىلغان «دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ‹رەقەملىك جاسۇسلۇق» نىڭ سىرىنى ئاشكارىلىدى» ناملىق خەۋىرىنى «ئامېركاغا قارشى قايتۇرما ھۇجۇم» دەپ قارىماقتا.

بۇ ماقالىدە خىتاي ئۆزىنى «رەقەملىك جاسۇسلۇق» نىڭ قۇربانى قىلىپ كۆرسەتكەن بولۇپ، چەت ئەلدىكى جاسۇسلۇق ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خىتايغا قارشى تور ھۇجۇمىنى كۈچەيتكەنلىكى، جاسۇسلۇق تور ئارمىيەسى قۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدا «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ‹ئالغا ئىلگىرىلەش› ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، رۇسىيە، ئىران، خىتاي ۋە شىمالىي كورىيەنى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى قىلىپ بېكىتكەن. ئامېرىكا تور قوماندانلىق شتابى ‹ئاكتىپ مۇداپىئە› دېگەن نام ئاستىدا باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىماقتا» ؛ «ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرى بۇ خىلدىكى قورال ۋە ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق 10 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان خىتاي ۋە رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى 45 دۆلەت ھەم رايونغا تور ھۇجۇمى ئېلىپ باردى» دېگەندەك ئامېرىكاغا قارشى قاراتمىلىق ھۇجۇم بايانلىرىنى ئىشلەتكەن.

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ-21 سېنتەبىر بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يۇقىرىقى ئالامەتلەر خىتاي-ئامېرىكا جاسۇسلۇق ئۇرۇشىنىڭ كەسكىنلەشكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ھالبۇكى، خىتاي ئۆز خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكاغا قارشى جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ يىل 7-ئايدا، مىكروسوفت شىركىتى تور جاسۇسلۇق ھۇجۇمىنى ئاشكارىلاپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن بۇنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق ھۇجۇمدا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر قانچە ئەمەلدارىنىڭ مەخپىيلەشتۈرۈلمىگەن ئېلېكترونلۇق خەت سىستېمىسى ئۇلارنىڭ خىتايدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدىن ئىلگىرى خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا سودا مىنىستىرى جىنا رايموندو ۋە ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنسنىڭمۇ ئېلخەت ھېساباتلىرى بار ئىكەن. مىكروسوفت شىركىتى يەنە تەخمىنەن 25 تەشكىلاتنىڭ ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ئېيتقان.

«ۋال-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، ئەمەلدارلار ۋە بىر قىسىم دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا مىكروسوفت شىركىتىنى تېخىمۇ قاتتىق تەكشۈرگەن ۋە ئۇنى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىدە مەغلۇپ بولغان دەپ ئەيىبلىگەن. مىكروسوفتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ ئىشنىڭ قاچان يۈز بەرگەنلىكىنى بىلمەيدىكەن، ئەمما خاككېرلار 2023-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقىنى زىيارەت قىلىشقا باشلىغان، ئەمما ئۇلار بىر ئايدىن كېيىن ئاندىن بايقالغان، بۇنىڭ بىلەن مىكروسوفت دەرھال ھېساباتلىرىنى تاقىۋەتكەن.

خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان تور جاسۇسلۇقىدا خۇسۇسىي تارماقلار بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇھىم نۇقتىغا ئايلانماقتا

ئۇنداقتا، خىتاي خاككېرلار قوشۇنىنىڭ ئامېرىكادىن 50 ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ رەقەملىك جاسۇسلۇق تېخنىكىسىنىڭ ئامېرىكادىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەمدۇ؟ بۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بېركېلىي ئۇچۇر ئىنستىتۇتى ۋە ئاخبارات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى شياۋ چياڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى:

«‹خاككېر› دېگەن ناھايىتى ئومۇميۈزلۈك ئۇقۇم، مۇنداقچە ئېيتقاندا، قانۇنسىز ھالدا مەخپى تور ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈش ياكى ئۇنىڭغا ئېرىشكۈچىلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئىنتايىن كۆپ. ئۇلار نىڭ بەزىدە بۇنداق قىلىشغا ئۇ قەدەر زور تېخنىكىمۇ كەتمەيدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ خاككېرلار سانىنىڭ كۆپ بولۇشى، ئۇنىڭ تېخنىكىسىنىڭ يۇقۇرىلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەمما خىتايدا بۇ خىل خاككېرلار سانى ھەقىقەتەن پەۋقۇلئاددە زور، ھەتتا بەزىلىرى بۇ تېخنىكىلارنى ئۆزلىكىدىن ئۈگەنگۈچىلەر بولۇشى مۇمكىن. خىتاي ئۇلارنىڭ تېخنىكىسىغا قاراپ بۇ خىل ئىشلارغا سالغان. شۇڭا تەكشۈرۈشلىرىمىزدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق جاسوسلۇق ھەرىكەتلىرىدە مەخسۇس ئۆزى تەربىيەلىگەن دۆلەت جاسوسلۇق خادىملىرىدىن باشقا، يەنە جەمئىيەتتىنمۇ ئىنتايىن كۆپكىشى قوبۇل قىلغانلىقى مەلۇم بولدى.»

ئۇنداقتا، خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان تور ھۇجۇمى ئۈچۈن ئامېرىكادىكى خاككېرلاردىنمۇ پايدىلىنىش ئېھتىمالىمۇ بارمۇ ؟ شياۋ چىاڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

«بۇنداق مۇمكىنچىلىكمۇ بار، بىز دەۋاتقان خاككېرلارنىڭ ھەرىكىتى ئاساسەن جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. تىنچلىق مەزگىلىدە ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆ ئارا بۇ خىل جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ئومۇمەن مەۋجۇت. پەقەت خىتايلا خاككېرلارغا ئىگە ئەمەس، لېكىن خىتاي بىر قەدەر كۆپ مەبلەغ سالغانلىقى ئۈچۈن سانىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن، ئۇلارنىڭ تور ھۇجۇملىرى ھەققىدىكى دوكلاتلاغا قارىغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ھەرىكىتى سىياسىي ياكى ھەربىي مەخپىيەتلىك بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى ئىقتىساد، سودا شېركەتلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىغىچە كەڭ دائىرىدە بولماقتا. بولۇپمۇ ئامېركددا بۇنىڭ ئېلىپ كېلىۋاتقان زىيىنى بەك چوڭ. شۇڭا ئامېركا ھۆكۈمىتى ئىككى دۆلەتنىڭ مەخسۇس يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىىدا بولسۇن ياكى تەتقىقات دوكلاتلىرىدا بولسۇن، خىتاي جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ تەھدىت يارىتۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. يامان غەرەزلىك تور پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خاككېرلار ۋە ئاپپاراتلارغا خىتاينىڭ كۆپلەپ مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى، خىتاي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خاككېرلاردىن باشقا يەنە خۇسۇسىي تور شىركەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى تور ھۇجۇمىدا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقى مەلۇم.»

خەلقئاردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭمۇ خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاينىڭ رەقەملىك جاسوسلۇق ھەرىكىتىدە ئۇيغۇرلارنى نىشانلىشىدىكى مەقسىتى نېمە؟

پروفېسسورى شياۋ چياڭ ئەپەندى مۇنداق بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «چۈنكى خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئىچكىي سىياسي مۇقىملىقىدىن باشقا يەنە خىتايغا قارشى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئوخشاش ئۆزىگە قارشى كۈچلەردىن مۇداپىئەلىنىشى كېرەك. شۇڭا ئۇيغۇر مۇستەقىللىقى پائالىيەتچىلىرى بولسۇن ياكى تەيۋەن مۇستەقىللىقى پائالىيەتچىلىرى بولسۇن، داۋاملىق خىتاينىڭ بۇ خىل تور ھۇجۇملىرىنىڭ نىشانى بولۇپ كەلمەكتە. مەن ئۈزۈممۇ بۇنىڭ ئىچىدە، بىزنىڭ رەقەملىك ھوقۇق ۋە ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى ئاساس قىلغان خىتاي ئېنتىرنېت دەۋرى تەتقىقات گۇرۇپپىمىزمۇ 20 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئىنتېرنېت تورىنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتىمىز، ئۇ جەرياندا بىزمۇ خىتايدىن كەلگەن سانسىزلىغان ھۇجۇملارغا ئۇچراپ كەلدۇق. بىزگە مەلۇم بولغانلىرى ھەققىدە دوكلات تەييارلىغان بولساقمۇ، مەلۇم بولمىغانلىرى قانچىلىك، بۇنى بىلمەيمىز، شۇڭا بۇ خىل تور جاسوسلۇق ھەرىكەتلىرى خىتاينىڭ ھاكىم مۇتلەق تۈزۈمىدە ئۆزىگە قارشى پىكىردىكىلەرنى باستۇرۇوش ئۇلارنىڭ بىر ئۇسۇلى. ھەتتا بۇنى چېگرا ئاتلاپمۇ ئېلىپ بارماقتا.»

چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئوۋ نىشانى بولۇپ كەلمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىنى ۋە ھەر تۈرلۈك ۋاسىتىلىك ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

شۇنداقلا بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ خاككېرلىق ئۇسۇللاردىمۇ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى بۇنىڭ ئاساسەن چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى نىشانلىغانلىقىمۇ كۈپ قېتىم ئاشكارلانغان ئىدى.

تەتقىقاتچىلار، خىتاي خاككېرلىرىنىڭ بىر قىسىم ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپلىرىنىڭ ساختىلىرىنى ياساش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى نىشانغا ئالغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان.

ئاندىرويىد ۋە كۆچمە بىخەتەرلىككە ماھىر تەجرىبىلىك يۇمشاق دېتال تەتقىقاتچىسى لۇكاس ستېفانكو (Lukas Stefanko) «فوربېس» قا قىلغان سۆزىدە، «سىگنال پلوس» دەپ ئاتالغان ۋە قانۇنلۇق نۇسخاسى بىلەن ئوخشاش ئىشلەيدىغان ساختا «سىگنال» ئەپىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنى جاسۇسلۇق قىلىش، دېگەن. ئۇ بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشانلىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، چۈنكى بۇ ساختا «سىگنال» ئەپىدە كۆرۈلگەن كودنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنى نىشانلىغان باشقا ھەرىكەتلەردە ئىشلىتىلگەن كود بىلەن ئوخشايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇنىڭ ئالدىدا فېيسبۇك شىركىتىنىڭ باياناتىدا تور جاسۇسلىرى ئۇيغۇلارنى «ئىز قوغلاپ قىلتاققا چۈشۈرىدىغان» بىر قانچە ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەر ۋە ئەپلەرنى ئېلان قىلغان.

گۇگۇل مۇتەخەسسىسلىرى ئۆتكەن يىلى خىتاي تور جاسۇسلرىنىڭ «ئالما» ۋە «ئاندروئىد» تېلېفونلىرىدىكى ئەپلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، ئۇلار، «خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرى پەن-تېخنىكانىڭ ياردىمىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە باشقا كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەرنى ‹ئوۋ نىشانى› قىلدى،» دېگەنىدى.

تور مۇتەخەسىسى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت: «ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇش كېرەك»

بىز ئۇيغۇر تور مۇتەخەسىسلىرىدىن شىۋېتسارىيە دۆلەتلىك تېلېكومنىڭ ئۇچۇر-تېخىكا مۇتەخەسىسى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرىشىت ئەپەندىدىن، مۇھاجرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھۇجۇملىرىغا قانداق تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە مەسلىھەت سورىدۇق.

ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ كومپيۇتېرلىرىغا ۋە كۆچمە ئالاقە ۋاستىلىرىگە قىلىۋاتقان خاككېرلىق ھۇجۇمىنى كېڭەيتىپ كېلىۋاتلىقى، شۇنداقلا بۇنىڭ خىتاي ئىرقىي قىرىنچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان پەۋقۇلئاددە كۈچەيگەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ بار بولغان قوغدىنىش قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ، تېخنىكىلارنى ئۆگىنىپ ۋە يېڭىلاپ تۇرۇشى، ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۆزىنى قوغداشقا پايدىلىق بەزى تېخنىكىلىق بىلىملەرنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىگىرى خىتاي تور جاسوسلىرى كىشىلەرگە ئۆزىگە تونۇشلۇق بىرىنىڭ ئېلخەت ئادرىسىنى ئىشلىتىپ يۇقۇملانغان دېتاللارنى ئەۋەتىش ئارقىلىق جاسوسلۇق قىلسا؛ نۆۋەتتە خىتاي خاككېرلىرىنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى قىزىقتۇرىدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپلىرىنىڭ ساختىلىرىنى ياساش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى نىشانغا ئالغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇ خىتايدا ئىشلەنگەن تېلېفونلارنى قوللانماسلىق، خىتايغا تەۋە ئەپلەرنى كۆچمە ئالاقە ۋاستىلىرىدا ئىشلەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلدى.