نۆۋەتتىكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە يېڭى ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتامدۇ؟
2021.10.08
ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جېك سۇللىۋان 6-ئۆكتەبىر خىتاي تاشقىي ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى بىلەن سۆھبەتلەشكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۇچرىشىش بۇ يىل 9-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق مۇھىم سۆھبىتى ھېسابلىنىدىكەن.
ئامېرىكادىكى «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ياڭ جيەنلى ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ كۈڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياڭ جيەنلى ئەپەندىنىڭ قارشىچە، بۇ سۆھبەت ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۇ بايدىن ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى قارشىلىق، رىقابەت ۋە ھەمكارلىقتىن ئىبارەت 3 لىنىيە بويىچە داۋاملىشىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقىي سىياسىتىدىن قارىغاندا، ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى 3 لىنىيەگە بۆلۈش مۇمكىن. بۇلارنىڭ بىرسى قارشىلىشىش، ئىككىنچىسى رىقابەتلىشىش، ئۈچىنچىسى ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش مۇناسىۋىتى. بۇ يەردىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە بايدېن ھۆكۈمىتى يەر شارى ھاۋا كېلىماتىنىڭ ئۆزگىرىش مەسىلىسىنى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەپ قارايدۇ. شۇڭا بۇ مەسىلىدە ئۇ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ خىل ھەمكارلىقتا يەنە يادرو قوراللار مەسىلىسى، شىمالىي كورىيە مەسىلىسى، نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان ۋىرۇس يۇقۇمى مەسىلىسى قاتارلىقلارنىمۇ تىلغا ئېلىش مۇمكىن.»
ياڭ جيەنلى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىغا ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئامېرىكا بىلەن بولغان قارشىلىشىش تۈپەيلىدىن ئۆزىنىڭ خەلقئارادا داۋاملىق يېتىم قېلىشىنى خالىمايدۇ. شۇڭا ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئىككى تەرەپنىڭ چېكىنىش ئارزۇسى ئىپادىلەنگەندەك كۆرۈنىۋاتىدۇ. مانا بۇ نېمە ئۈچۈن يېقىندا بايدېن بىلەن شى جىنپىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، جېك سۇللىۋان بىلەن ياڭ جيېچىنىڭ مەخپى سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنىڭ سەۋەبى، دەپ قارىساق بولىدۇ.»
ياڭ جيەنلى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن كېيىن بايدېن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل ئاخىرىچە كۆرۈشۈشى ياكى ئېكرانلىق ئۇچرىشىشى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىش ۋەزىيىتىنى يارىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
مەزكۇر سۆھبەت ھەققىدىكى خەۋەرلەردە، سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما جېك سۇللىۋان بىلەن ياڭ جيېچى ئوتتۇرسىدىكى سۆھبەت جەريانىدا يەنە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، خوڭكوڭ مەسىلىسى ۋە تەيۋەن بوغۇزىدىكى ۋەزىيەت قاتارلىق تېمىلارنىڭمۇ تىلغا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ياڭ جيەنلى ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ، مانا بۇ نۇقتىلار بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە مەلۇم جەھەتتە ئۆز-ئارا قارشىلىشىش مەيدانىنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دېدى.
ياڭ جيەنلى مۇنداق دېدى: «بايدېن ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىلەردە ئامېرىكانىڭ قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ. بۇ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى، خوڭكۇڭ مەسىلىسى، تەيۋەن مەسىلىسى ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى قاتارلىقلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. بايدېن ھۆكۈمىتى 9 ئايدىن بۇيانقى تاشقىي سىياسىىتىدە بۇ نۇقتىلاردا ئۆزىنىڭ قەتئىي پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ. بۇ ئۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا مەن بۇ جەھەتتە ئامېرىكانىڭ مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ، دەپ قارىمايمەن.»
ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن تۈركىيەدىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە خىتاينى ئىستراتېگىيەلىك رەقىپ دەپ بەلگىلىگەن. شۇڭا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئامېرىكانىڭ مەيدانى ھەم ھەمكارلىق ھەم تاقابىل تۇرۇش بولىدىكەن.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارشىچە، ئامېرىكا-خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى خەلقئاراغا بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئىلگىرىكى دانولد ترامپ ھۆكۈمىتىگە ئوخشىمىغان ھالدا مەلۇم دەرىجىدە يۇمشاش ۋەزىيىتى يارىتىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدىكەن.
ئەركىن ئەپەندى يەنە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئىختىلاپ بولىدىغان مەسىلىلەرنىڭ يەنە داۋاملىق مەۋجۇت بولىدىغانىقىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە خوڭكۇڭ مەسىلىسى، ئۇيغۇر مەسىلىسى، تەيۋەن مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى تالاش-تارتىشلار يەنىلا داۋام قىلىدىكەن. ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە يوقىرىقى مەسىلىلەردە چېكىنمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتىكەن.