ئامېرىكىنىڭ ئىستىخبارات ئەمەلدارى: خىتاي دۇنيادىكى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە ئەڭ چوڭ تەھدىت

پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى خىتاينىڭ دۇنيادىكى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ تەھدىتكە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىنىڭ دۆلەتلىك ئىستىخبارات مۇدىرى جون راتكلېف بۇ سۆزلەرنى «ۋال سترېت ژۇرنىلى گېزىتى» دە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق دېدى: «ئىستىخباراتلار شۇنى ئېنىق كۆرسىتىدۇكى: بېيجىڭ ئامېرىكا ۋە يەرشارىنىڭ باشقا جايلىرىغا ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى ئويلايدۇ.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي بۈگۈن ئامېرىكىغا ئەڭ چوڭ تەھدىت، شۇنداقلا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى دۇنيا مىقياسىدا دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت.»

راتكىللېف يەنە خىتايغا بولغان دىققەتنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىستىخباراتقا ئاجرىتىلغان 85 مىليارد دوللارلىق فېدېراتسىيە خامچوتىدىن مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى راتكلىف ترامپ تەرىپىدىن ئۆتكەن يىلى ئەتىيازدا ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستىخبارات خىزمىتىگە تەيىنلەنگەن ئىدى.