ئامېرىكانىڭ نىشانىنى خىتاينىڭ لىتىيلىق ئىيون باتارېيەلىرىگە قارىتىشى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لىتىي ئىشلەپچىقىرىشى

0:00 / 0:00

دۇنيا ئېلېكتىرلىك ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى ھەققىدە سۆز بولغاندا، لىتىيلىق ئىيون باتارېيەسى ۋە ئېلېكتىرلىك ئاپتوموبىل مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيا بازىرىنى مونوپول قىلىۋاتقان خىتاينى تىلغا ئالماي ئۆتكىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى كەڭ ئومۇملاشقان ئۇيغۇر رايونى بولسا ئىيونلۇق باتارېيە ۋە ئېلېكتىرلىك ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى بولغان لىتىي، نىكېل، سېرەك توپا قاتارلىق قىممەتلىك رۇدا ۋە مىنېرال ماددىلارنىڭ ئاساسلىق بازىسى بولماقتا. ئىگىلىنىشىچە، خىتاينىڭ چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ لوپنۇر كۆلى بازىرى قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەركەزلەشكەن «سانائەت باغچىسى» نامىدىكى بۇ خىل كان ۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئېچىۋاتقانلىقى ۋە كېڭەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم.

«پېتېرسون خەلقئارا ئىقتىساد ئىنستىتۇتى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى كالېن ھېندرىكىسنىڭ ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي دۇنيا گىرافىت مەھسۇلاتىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنى، سېرەك توپىنىڭ 60 پىرسەنتىنى، كوبالتنىڭ يېرىمىنى، لىتىي مەھسۇلاتىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى كونترول قىلماقتا ئىكەن. خىتاي يالغۇز 2022-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا مانگاننىڭ 95 پىرسەنتى، كوبالت ۋە گىرافىتنىڭ تەخمىنەن 70 پىرسەنتى، لىتىينىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى، نىكېلنىڭ 60 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى پىششىقلاپ ئىشلىگەن. بۇ سانلىق مەلۇمات خىتاينىڭ دۇنيا ئېلېكتىرلىك ئاپتوموبىل ۋە باشقا يېشىل ئېنېرگىيە تۈرلىرىدىكى مونوپوللۇق ئورنى ۋە بۇنىڭدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ تۇتقان ئورنىنى نامايان قىلىپ بەرمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئامېرىكا تاموژناسىمۇ يېقىندىن بېرى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە، ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈش نىشانىنى خىتاينىڭ ئېلېكتىرلىك باتارېيەسى ۋە باشقا ئاپتوموبىل خام ئەشيا ماتېرىياللىرىنىڭ ئىمپورتىغا قاراتقان. «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان بىر يىل مابەينىدە، ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا قاراتقان تەكشۈرۈش نىشانى كۈنتاختا، پەمىدۇر ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئاساس قىلغان ئىدى. لېكىن رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا تاموژناسىنىڭ دىققەت نەزەرى لىتىيلىق ئىيون باتارېيەسى، ئاپتوموبىل كامىرى ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى بولغان ئاليۇمىن، پولات قاتارلىق مەھسۇلاتلارغىمۇ قارىتىلماقتا ئىكەن.

بۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئېلېكتىرلىك ئاپتوموبىل باتارېيەسى ۋە باشقا ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنىڭ ئامېرىكا تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلىنىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بۇ ساھەدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ كېڭەيتىشى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەن.

يالقۇن ئۇلۇغيول ئەنگلىيە ھاللام شېفېلد ئۇنىۋېرسىتېتى ھېلېنا كېننىدى مەركىزى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرى. مەزكۇر تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىنى تەييارلاشقا قاتناشقان دوكتور يالقۇن ئۇلۇغيول، 22-ئاۋغۇست زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ئىمبارگونىڭ ئېلېكتىرلىك ئاپتوموبىل باتارېيەسى ۋە باشقا ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ئالاھىدە نىشان قىلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا رۇدا ماتېرىياللىرىنى ئېرىتىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەشنى، باتارېيە ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ كېڭەيتىۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.»

يالقۇن ئۇلۇغيولنىڭ ئېيتىشىچە، خەلقئارالىق داڭلىق ئاپتوموبىل ماركىلىرىنىڭ ئاساسەن ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دەپسەندىچىلىكتە قولى بولغان تەمىنلىگۈچى كارخانىلارغا چېتىشلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن پايدىلىنىش خەۋپى بار ئىكەن. يالقۇن ئۇلۇغيول مۇنداق دىدى: «ۋولكىسۋاگېن، BMW ۋە باشقا داڭلىق ئاپتوموبىل ماركىلىرىنىڭ ئاساسەن ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دەپسەندىچىلىككە چېتىشلىق شىركەتلەردىن پايدىلىنىش خەۋپى ناھايىتى يۇقىرى. مانا بۇ بەلكىم ئامېرىكانىڭ بۇ ماتېرىياللار ۋە زاپچاسلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىشىدىكى سەۋەب بولسا كېرەك.»

ھاللام شېفېلد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى لاۋرا مۇرفىي باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، دۇنيادىكى داڭلىق ئاپتوموبىل ماركىلىرىنىڭ ئاساسەن ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق شىركەتلەر بىلەن تەمىنلەش-تەمىنلىنىش مۇناسىۋىتى بارلىقى، بۇ شىركەتلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسىغا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا تاموژناسى، خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا لىتىي ۋە ئېلېكتىرلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشتا كېرەكلىك باشقا ماتېرىياللارغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىۋاتقان ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، تەكشۈرۈش نۇقتىسىنى بۇ مەھسۇلاتلارغا قاراتقان.

نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چارقىلىق ناھىيەسىدىكى لوپنۇر كۆلى سانائەت باغچىسى ۋە يېڭى ماتېرىياللار ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ لىتىي كاربونات ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىگە ئايلانغانلىقى مەلۇم. خىتاينىڭ چەت ئەلگە قاراتقان ھۆكۈمەت تەشۋىقات قانىلى CGTN نىڭ بۇ يىل 7-ئايدا بەرگەن بىر خەۋىرىدە، بۇ سانائەت باغچىسىدىكى ھالقىلىق بىر لىتىي كاربونات ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنىڭ ئىشقا كىرىشكەنلىكى، بۇ تۈرنىڭ يىلىغا 120 مىڭ توننا لىتىي كاربوناتى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇنىڭ ئالدىدا «بانچمارك مىنېرال» (Banchmark Menirals) تورى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لىتىي مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىشىغا 2 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقى، بۇ رايوننىڭ لىتىي ئىشلەپچىقىرىشىنى بىر قاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

لېكىن بەزى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ بۇ مەھسۇلاتلاردىكى مونوپوللۇق ئورنىغا بايقۇت قىلىش ياكى چەكلەش ئارقىلىق تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغانلىقى، چۈنكى بۇ مەھسۇلاتلار ئەرزان باھالىق ئېلېكتىر توكى ۋە باشقا يوشۇرۇن قوشۇمچە ياردەملەرنىڭ تۈرتكىسىدە خىتايغا ئىنتايىن ئەرزان توختايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. گېرمانىيەدىكى برېنرۈتېر تەتقىقات ئورنىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىجرائىيە دىرېكتورى جوناتان برېنرۈتېرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينى بۇ مەھسۇلاتلاردا بايقۇت قىلىش ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ۋاز كەچتۈرۈش مۈشكۈل ئىكەن.

جوناتان برېنرۈتېر مۇنداق دەيدۇ: «ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى خىتايدىن باشقا جايدا قۇرۇشىڭىز كېرەك. چۈنكى، سىز خىتاينىڭ ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىشقا پەقەت سىزنىڭ چەكلىك كۆلەمدىكى ئىمكانىيىتىڭىز بىلەن تەسىر قىلالمايسىز. مەسىلەن، بىر مىسال ئالساق، ئامېرىكانىڭ دۇنيا كۈنتاختا بازىرىنىڭ PV سودىسىدا ئىگىلىگەن كۆلىمى 10 پىرسەنت ئەتراپىدا. ھالبۇكى، بۇنىڭ دۇنيا پولىسىلىكون (كىرېمنىي) ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ 90 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان خىتايغا نىسبەتەن چوڭ تەسىرى بولمايدۇ. شۇڭا، سىزنىڭ بۇ مەھسۇلاتلارنى شىنجاڭدىن ئېكسپورت بازىرىغا چىقىرىشىنى بايقۇت قىلىش ئارقىلىق خىتاينى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش مۇمكىنچىلىكىڭىز يوق. چۈنكى، خىتاينىڭ ئىچكى بازىرى بەك چوڭ. مانا نېگىزلىك مەسىلە.»

لېكىن جوناتان برېنرۈتېرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى خىتايدىن باشقا جايغا يۆتكەش ئىكەن. جوناتان برېنرۈتېر بۇ ھەقتىكى يېقىنقى بىر قېتىملىق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا يەنە مۇنداق دېدى: «ھېچ بولمىغاندا، ئەگەر سىز ئۆزىنىڭ بازىرىنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلىپ قېلىشتىن يىراق تۇتماقچى بولسىڭىز، سىز بۇ مەھسۇلاتلارغا قارىتا ئۆزىڭىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى بەرپا قىلىشىڭىز كېرەك. لېكىن بۇ خىتاينىڭ مەھسۇلات بازىرىدىكى مونوپوللۇق ئورنىنى كۆزدە تۇتقاندا ئۇنچىلىك ئاسان ئىشمۇ ئەمەس. لېكىن ئامېرىكانىڭ <مال باھاسىنى كونترول قىلىش قانۇنى> ئۇنىڭغا قارشى تەمىنلەش زەنجىرى بەرپا قىلىش يولىدىكى مۇھىم قەدەم.»

لېكىن شۇنداقتىمۇ ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا ئىدارىسى باياناتچىسىنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، دىققەتنىڭ ئېلېكتىرلىك باتارېيە ياكى باشقا ئاپتوموبىل ماتېرىياللىرىغا قارىتىلىشىدەك «بۇ خىل ئۆزگىرىش ۋاقىت جەھەتتىن ئۇلارنىڭ ئىستراتېگىيەسى ۋە ھەرىكەت مەشغۇلاتىدا ھەرقانداق بىر ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئىپادىلىمەيدىكەن.» باياناتچى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىغا قارىتىلغان تەكشۈرۈشنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىگە دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەرمىگەن. پەقەت ئۆزلىرىنىڭ دىققىتى «ئامېرىكا تەمىنلەش زەنجىرىدىكى يۇقىرى خەۋپلىك نۇقتىلارغا» مەركەزلەشكەنلىكىنى ئېيتقان.

يالقۇن ئۇلۇغيولنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ دىققەت نۇقتىسىنى ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىغا قارىتىشى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىشتە مۇھىم بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەسىلە ئامېرىكادىن ھالقىغان خەلقئارالىق سانائەت مەسىلىسى ئىكەن. يالقۇن ئۇلۇغيول مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، بۇ جازالاش تەدبىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە خاتىمە بېرىشتە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ھەم ئىنتايىن مۇھىم. ھالبۇكى، بۇ يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى بۇ مەسىلە ناھايىتى كەڭ دائىرىدىكى بىر سانائەت مەسىلىسى، بۇ پۈتكۈل سانائەت ساھەسىنىڭ دىققەت بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ يالغۇز ئامېرىكانىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل يەر شارىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن تازىلىشىنى شەرت قىلىدۇ.»

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەھسۇلاتلارنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن تازىلاش بىرىنچى قەدەم بولسا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى بايقۇت قىلىش ئىككىنچى قەدەم، مۇۋاپىق نازارەت قىلىش ئۈچىنچى قەدەم ئىكەن. ئۇ، ئەگەر مۇۋاپىق نازارەت قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولمىسا، ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشىنىڭ ئەڭ ياخشى چارە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا ئىدارىسىنىڭ بۇ يىل 7-ئايدا دۆلەت مەجلىسىگە يوللىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىدا، «يوشۇرۇن خەۋپلىك ساھەلەر» نىڭ لىتىيلىق ئىيون باتارېيەسى، ئاپتوموبىل كامىرى ۋە باشقا ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىنىڭ نوپۇزلۇق 4 نەپەر ئەزاسى ئامېرىكا ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى روبېرت سىلۋېرغا خەت يېزىپ، «چېگرا قوغداش تاموژنا ئىدارىسىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نىڭ ئىجرا قىلىنىش ئىستراتېگىيەسىگە، ئۇنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا مۇناسىۋەتلىك تاۋارلاردا دۇچ كەلگەن خىرىسلارنى قانداق ھەل قىلىشنى، قانداق ئۇسۇل ۋە تېخنىكىلارنى ئىشلىتىشنى پىلانلىغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشى» نى تەلەپ قىلغان ئىدى.