مايكول مىكول: «ئامېرىكا خەلقى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ماھىيىتىنى كۆرۈپ يەتتى»

0:00 / 0:00

يېقىندا خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىدىن ئېرىك برۋون (Eric Brown) بىلەن نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولغان رەئىسى مايكول مىكول (Michael McCaul)بىلەن خىتاي تەھدىتى توغرۇلۇق تور سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن.

بۇ سۆھبەتتىن ئىلگىرى، يەنى 10-مارت كۈنى، مايكول مىكول ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم تاشقىي سىياسىتى توغرۇلۇق پىكىر بايان قىلغانىدى.

ئۇ سۆزىدە ئالدى بىلەن خىتاي مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسىنى پەيدا قىلىش ۋە دۇنياغا تارقىتىشتا باش جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى، ئۆز خەلقى ۋە دۇنيا خەلقى ئۈچۈنمۇ ئاپەت پەيدا قىلغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ ئامېرىكانى ئاپەتنىڭ مەنبەسى دەپ قارايدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاينى ھەرگىز نورمال رەقىب دەپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ئالياسكادا ئۆتكۈزىدىغان سۆھبىتىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن. بىز 40 يىلدىن بېرى خىتاي بىلەن ئىدېئولوگىيەلىك كۈرەش قىلىپ كەلدۇق، مۇستەبىتلىككە قارشى دېموكراتىيەنى، باستۇرۇشقا قارشى ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلدۇق. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ماھىيىتىگە سەل قاراپ، ئۇنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئېلىپ كىرىشكە تىرىشتۇق، ئەمما ئۇنىڭ قىلچە ئۈنۈمى بولمىدى. ئانتونى بىلىنكېن ئەپەندى، سىز سۆزىڭىزدە خىتاينىڭ ئىقتىساد، دىپلوماتىيە، ھەربىي ۋە تېخنىكا جەھەتتىن كۈچلۈك ھەمدە خەلقئارا سىستېمىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان بىردىنبىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتىڭىز، بۇ پىكرىڭىزگە قوشۇلىمەن. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە خىتايغا تاقابىل تۇرۇشقا ھەر ۋاقىت تەييارمەن».

خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىدىن ئېرىك برۋون (Eric Brown) بىلەن نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولغان رەئىسى مايكول مىكول (Michael McCaul) بىلەن خىتاي تەھدىتى توغرۇلۇق تور سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. 2921-يىلى 12-مارت.

خۇدسون ئىنستىتۇتى ئۇيۇشتۇرغان تور سۆھبىتىدە ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكول مىكول مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ تەتقىقاتچىلىرىدىن ئېرىك برۋون (Eric Brown) ۋە نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ ئامېرىكانىڭ كەلگۈسىدە خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارشى قانداق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

ئۇ بەزى تاراتقۇلارنىڭ خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگىلى بولمايدۇ دېگەن تەشۋىقاتىغا قارىتا قانداق پىكرى بارلىقى ھەققىدە سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېگەن: «ئۇلار پۈتۈنلەي خاتالاشتى، ئۇلار ئەگەر ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ، خىتاي ئۆزى ئىمزا قويغان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى چەكلەش ئەھدىنامىسى› نى ئوقۇپ باققان بولسا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەرىكىتى ۋە غەرىزىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئوخشاش جىنايەت ئىكەنلىكىنى تونۇغان بولاتتى. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن قىينىشى، ئۆلتۈرۈشى، قۇل قىلىپ ئىشلىتىشى، تۇغۇتنى چەكلىشى، بالىلارنى يېتىمخانىلارغا سولىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كىرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل ئاھالىسى، ئەۋلادى ۋە مەدەنىيىتى ۋەيران قىلىندى. قەيەردىن قارىسىڭىز بۇلار دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› تەبىرىگە چۈشىدۇ». ئۇ يەنە سۆزىدە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېنغا خىتاي ئۆتكۈزگەن جىنايەتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى، جوۋ بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جىنايەتكە قارشى ئېنىق چارە-تەدبىر قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ھەمدەم بولۇۋاتقان شىركەتلەرگە «ماگىنېستىكى قانۇنى» ئارقىلىق چەكلىمە قويغاندىن كېيىن، ئەگەر بۇنىڭ ئۈنۈمى بولمىسا كېيىنكى قەدەمدە نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە سورىغاندا، مايكول مىكول جاۋاب بېرىپ، بۇ جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىش كېرەكلىكىنى، بولۇپمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان چاغدا بۇ مەسىلىنى دۇنيا سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىپ، بۇ جىنايەتكە چېتىشلىق تېخىمۇ كۆپ شەخس ۋە شىركەتلەرنى جازالاش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى يەنە يېڭى دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» مەسىلىسىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت جەھەتتىن بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى سورىغاندا مايكول مىكول جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دۆلەت مەجلىسىدە پارتىيە ئايرىمايدىغان بىر مەسىلە، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئاۋازىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ مەجلىس خىتايغا بۇ جىنايەتنى ئەسلا قوبۇل قىلالمايدىغانلىق سىگنالىنى ھەر ۋاقىت بېرىدۇ. يېڭى دۆلەت مەجلىسىدە مەن بۇ ئەھۋالنى كۆپ كۆرىمەن دەپ ئويلايمەن. چۈنكى بۇ بىزنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان مەسىلىلەردىن بىرى».

مايكول مىكول يەنە خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىن ھالقىغان نازارەت-كونترول سىستېمىسىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ نەچچە تىرىليون دوللار سەرپ قىلىپ، تېخنىكىسى ئىلغار نازارەت-كونترول دۆلىتىگە ئايلانغانلىقى ۋە دۇنيانى ئۆز ئالقىنىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرى، ئافرىغا ۋە لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرىنى خۇاۋېيغا ئوخشاش خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلاشماسلىققا چاقىرىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى 2022-يىل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىشتا قانداق ئەھمىيىتى بارلىقىن سورىغاندا، مايكول مىكول مۇنداق دېدى: «دۇنياغا نەزەر سالساق، ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى خىتايدا يۈز بېرىۋاتىدۇ. بىز تەنھەرىكەتچىلەرگە پۇرسەت بەرسەك دەيمىز، چۈنكى ئۇلار جاپالىق مەشىق قىلدى. مەن ھەر قېتىم تېلېۋىزورغا چىقسام بۇ مۇسابىقىنى باشقا جايغا يۆتكەش توغرۇلۇق تەكلىپ بېرىپ كېلىۋاتىمەن. ئەگەر تەنھەرىكەتچىلىرىمىز ئۇ يەرگە بېرىپ قالسا ھېچ بولمىسا ئۇلارغا بىخەتەرلىك تەربىيەسى بېرىمىز. چۈنكى ئۇلارمۇ خىتايدا تەقىب ۋە نازارەت ئاستىدا بولىدۇ».

سۆھبەت ئاخىرىدا، تەتقىقاتچى ئېرىك بروۋىن ئامېرىكانىڭ كەلگۈسىدە خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا خەلقىنى قانداق قوزغىتالايدىغانلىقى ۋە بۇ جەھەتتە نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە سورىغاندا، مايكول مىكول مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگىنىنى قىلىدۇ. ئۇلار قۇرۇلغىنىغا 100 يىل بولغان بۇ خاتىرە يىلىدا دۇنيانى ئىقتىساد ۋە ھەربىي جەھەتتىن كونترول قىلىشنى ئويلايدۇ. ئەمما مەنچە، ئامېرىكا خەلقىمۇ ئويغاندى. ئەڭ يېڭى خەلق رايىنى تەكشۈرۈشتە، 80 پىرسەنت ئامېرىكالىقنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنى يامان كۆرىدىغانلىقى مەلۇم بولدى. بۇنى ئاساسەن كورونا ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ ۋىرۇس ئامېرىكا خەلقىنىڭ كۆزىنى ئاچتى؛ ئامېرىكىلىقلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشى بولسۇن، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشى بولسۇن ياكى ئەقلى مۈلۈكنى ئوغرىلىشى بولسۇن، ھەممىسىنى كۆرۈپ يەتتى. خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئادىل رىقابەتكە خىلاپ بىر قىلمىش. ئوچۇق ئېيتقاندا، خىتاي ھازىر دۇنياغا ئىقتىساد ۋە ھەربىي جەھەتتىن خوجا بولىمەن دەپ خىرىس قىلىۋاتىدۇ. بۇ كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر تەھدىت. مەن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنى كۆرۈپ چوڭ بولدۇم، «11-سىنتەبىر» رادىكال ئىسلام تېررورلۇقىغا شاھىد بولدۇم. مەنچە سىلەرمۇ ئويلاپ باقساڭلار بولىدۇ، خىتاي كومپارتىيەسى دېگەن ئاشۇنداق نەرسە. مەن بۇ ئەۋلاتلارغا شۇنى دەيمەن، چۈنكى ئۇلار بۇ نۇقتىنى چۈشىنىشى كېرەك».