خىتايغا قارشى تۇرۇش ئسىتراتېگىيەسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىغا سۇنۇلدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، كېڭەش پالاتاسى تاشقىي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بوب مېنېندېز ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى جىم رىچ قاتارلىقلار بىرلىكتە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يەنە بىر قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرغان.

2021-يىلدىكى «ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت قانۇنى» دەپ ئاتالغان 280 نەچچە بەتلىك بۇ قانۇن لايىھەسىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىخەتەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەش ۋە تەتۈر تەشۋىقاتقا قارشى كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ دۇنياۋى تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۇرۇنۇشىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسدە يەنە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرى سەۋەبلىك خىتاينى جازالاش ھەققىدىكى مەزمۇنلار يەر ئالغان بولۇپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك جازا يۈرگۈزۈش، سىستېمىلىق باسقۇنچىلىق، مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بالا چۈشۈرۈش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ياكى مەجبۇرىي ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئوپېراتسىيەسى قىلىشقا قارىتا جازا يۈرگۈزۈش» قاتارلىقلار كۆرسىتىلگەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئاساسلىقى ئامېرىكانىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشقا ئائىت تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ قانۇن لايىھەسىنى يىللاردىن بىرى خىتايغا قارىتا تۈزگەن قانۇنلارنىڭ يىغىندىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ.»

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «جۇڭگو بۇ قانۇن لايىھەسىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنى جۇڭگو-ئامېرىكانىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشكە چاقىرىدۇ.»

تەيۋەن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جوھاننى ئوۋ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەيۋەننى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان ھەمدە بۇ قانۇن چىقىرىش ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئامېرىكانىڭ قىممەت قارىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ خىتاي بىلەن تۈپتىن پەرقىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە يەنە خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي ۋە گۇاڭدۇڭ بۆلۈملىرىنىڭ مەبلىغىنى ئاشۇرۇش تەكلىپى بېرىلگەن.

ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى مايك پومپېيو ئۆتكەن يىلى 11-دىكابىر «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش شىتابىدا ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە ئامېرىكانىڭ قىممەت قارىشى ھەققىدە سۆز قىلغاندا، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ خىزمىتىگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەن ئىدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇخبىرى، ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچلىقنى يالغان تەشۋىقات ئارقىلق يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ھەقىقىي ئەھۋالنى دۇنياغا ئاشكارىلايدىغان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدەك ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئىھتىياجىمىز بار.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ خادىملىرى ھاياتىدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرنى قۇربان بېرىش بەدىلىگە دۇنياغا ھەقىقەتنى ئاشكارىلاۋاتىدۇ. ئۇلارغا ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.»

ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى بونىي گىلەيسېر بۇ قانۇن لايىھەسى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىگە ئېلىپ كەلگەن تۈرلۈك خىرىسلىرىغا ئىنتايىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا قارىتا ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ.»

نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئاخىرىدا بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتۈش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى ۋە رەسمىي قانۇن بولغاندىن كېيىنكى ئىجرا قىلىنىشى ھەققىدە توختالدى: «ئامېرىكا قانۇن دۆلىتى. بۇ لايىھە قانۇنغا ئايلانغاندىن كېيىن جىددىي ئىجرا قىلىنىدۇ، بولۇپمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش ئسىتراتېگىيە قانۇنلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى تېخىمۇ تىز بولىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى 21-ئاپرېل كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلىدىكەن.