ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا شېرىك شىركەتلەرنى نەدىلا بولسا چەكلەش ۋە جازالاش ئوتتۇرىغا قويۇلغان

0:00 / 0:00

ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى يېقىندا ئامېرىكىنىڭ خىتايغا ياردەم بېرىۋاتقان مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرى ھەققىدە 68 بەتلىك بىر دوكلات ئېلان قىلغان.

«خىتايغا مەبلەغ سالغۇچىلار: ئامېرىكانىڭ تەۋەككۈل مەبلىغى خىتاي ئارمىيەسىگە ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قانداق ياردەم بەردى؟ » ناملىق بۇ دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز شۇنى بايقىدۇقكى، ئامېرىكانىڭ 5 تەۋەككۈل مەبلىغى شىركىتى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ياردەم بېرىۋاتقان يۇقىرى تېخنىكا شىركەتلىرىگە ئاز دېگەندە 3 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان، خىتاي ئارمىيەسى بىلەن توختام ئىمزالىغان ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ساھەسىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىگە ھاكىم بولۇش قارا نىيىتىنى كۈچلەندۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكانىڭ تەۋەككۈل مەبلىغى شىركەتلىرى خىتاينىڭ ھالقىلىق تېخنىكا شىركەتلىرىنى تېخنىكىلىق ئۇچۇر، مەسلىھەت ۋە باشقا ياردەملەر بىلەن تەمىنلىگەن» .

مەزكۇر دوكلاتتا، ئامېرىكادىكى مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرىنىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ (چىپ) تېخنىكىسى ۋە باشقا ساھەلەردە خىتاينىڭ، جۈملىدىن خىتاي ئارمىيەسىنىڭ كۈچلىنىشىگە قانداق ياردەم بەرگەنلىكى پاكىتلىق ھالدا يورۇتۇپ بېرىلگەن ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ۋەزىيەت تەھلىلى يۈرگۈزۈلگەن، ئاندىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە مۇھىم تەكلىپلەر سۇنۇلغان.

«مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تېخنىكا رىقابەت كۈچىنى قوغدايدىغان «تېخنىكا ھەمكارلىق قۇرۇلۇشى» نىڭ سىياسەت دىرېكتورى جېففېرى كېيىن (Geoffrey Cain) رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، بۇ دوكلاتنىڭ ئامېرىكا كاپىتال بازىرىدىكى قاراڭغۇلۇقنى ئېچىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۇلار خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ياردەم بەرگەن شىركەتلەرنى ناھايىتى ياخشى كۆرسىتىپ بېرىپتۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ‹سېكيۇيا كاپىتالى› (Sequoia Capital) قاتارلىق شىركەتلەر كىرېمنىي جىلغىسىدا ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، ئۇلار چوڭ تېخنىكا شىركەتلەرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇلار يەنە ئامېرىكادىكى فېيسبوك قاتارلىق شىركەتلەرگە مەبلەغ ياردىمى قىلغان. بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى، ئۇلار خىتايغا بېرىپ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ياردەم قىلىۋاتقان شىركەتلەرگە مەبلەغ سېلىشنى خالايدۇ. بۇ بەكمۇ قورقۇنچلۇقتۇر. مەن ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا قارىتا قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن خۇشالمەن، چۈنكى بۇ ئۇزۇندىن بېرى مەۋجۇت بىر مەسىلىدۇر».

ئامېرىكادىكى سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئامېرىكادىكى «ھەممىدىن مەنپەئەت ئەلا» دەيدىغان، خىتاينىڭ رەزىللىكى ۋە خەتىرىنى تونۇيالمىغان شىركەتلەرگە بېرىلگەن بىر رەددىيە ۋە ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ دوكلاتنىڭ «سۈنئىي ئەقىل» تېمىسىدىكى بۆلۈمىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە ئېلىنغان خىتاي سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قانداق ياردەم بەرگەنلىكى، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن تەقىپ-نازارەت سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن قانداق چېتىشلىق ئىكەنلىكى، نەچچە مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنغان بايت دەنس شىركىتىنىڭ كوممۇنىست خىتاينىڭ تور دۇنياسى مۇستەبىتلىكى ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە قانداق زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقى، قارا تىزىملىكتىكى سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى شىركەتلىرىنىڭ يەنە خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىگە قانداق ياردەم بەرگەنلىكى پاكىتلار بىلەن كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتنىڭ «يېرىم ئۆتكۈزگۈچ مەھسۇلات» بۆلۈمىدە، ئامېرىكا مەبلىغىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يۆلەۋاتقان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ساھەسىدىكى شىركەتلەرگە قانداق ياردەم بەرگەنلىكى، بۇ شىركەتلەرنىڭ بولسا «خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى» ۋە خىتاينىڭ جاسۇسلۇق، بىخەتەرلىك ساھەلىرىنى ئارقا سەپتىن قانداق قوللاۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، دوكلاتتا ئامېرىكا تەۋەككۈل مەبلىغىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەبلەغ، تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش ساھەلىرىدە تەرەققىي قىلىشىغا ھەمدە خەلقئارالىشىشىغا، جۈملىدىن ئامېرىكا شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئامېرىكانىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئېرىشكەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سۈنئىي ئەقىل، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە بىئو-تېخىنىكا ساھەلىرىدە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇنى ئۇيغۇرلارغا باستۇرۇشقا، خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا كوممۇنىست خىتاينىڭ كونتروللۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشلەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى رايموند كو (Raymond Kuo) مۇنداق دەيدۇ: «مەنچە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ رىقابىتىدە تېخنىكا بىلەن ئىقتىساد ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئەگەر بۇنى بىر مەيدان يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەپ قارىغىنىمىزدا، كەلگۈسىدە كىمنىڭ قولىدا يېڭى تېخنىكا بولسا دۆلەت بايلىقى شۇنىڭ قولىدا بولىدۇ ۋە يېڭى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، ئۆز خەلقىنى گۈللەندۈرىدۇ. ئەمما بۇ بارغانچە نائېنىق ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. ئامېرىكا بۇ دوكلات ئارقىلىق سۈنئىي ئەقىل بىلەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسىنىڭ كەلگۈسىدە ناھايىتى مۇھىم كەسىپ، مۇھىم ساھە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بۇ ساھەدە خىتايغا ياردەم بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك، بىز ئۇنى قانداق توختىتالايمىز؟ دېگەن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان».

دوكلاتتا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان:

بىرىنچىدىن، ئامېرىكا مەبلىغىنىڭ خىتاي شىركەتلىرى، بولۇپمۇ خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن چېتىشلىقى بولغان شىركەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىگە چەكلىمە قويۇش؛ كونكرېت ئېيتقاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قانۇن ماقۇللاپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چەكلىگەن، قارا تىزىملىككە ئالغان ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىش داۋامىدا قارا تىزىملىككە كىرگەن خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش.

ئىككىنچىدىن، خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم تېخنىكا ساھەلىرى، بولۇپمۇ خىتاي ئارمىيەسىنى كۈچلەندۈرىدىغان ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىغا چېتىشلىق بولغان تېخنىكا ساھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش. چۈنكى خىتاينىڭ ئارمىيە-ساقچىلىرىنىڭ كۈچلىنىپ، كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار قەبىھ جىنايەتلەرنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىشىدا ئامېرىكا تەۋەككۈل مەبلىغىنىڭ مۇئەييەن رولى بار. ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمىتى خۇسۇسىي كارخانىلارنى بېسىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى مۇھىم ساھەلەرگە قويغىنى ئۈچۈن، بۇ كارخانىلار كېلىپ، خىتاينىڭ قانداقتۇر «خەۋپسىزلىك»، «بىخەتەرلىك» ئىقتىدارىنى كۈچلەندۈرۈپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېغىر باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق كارخانىغا مەبلەغ سېلىشنى قەتئىي چەكلەش كېرەك.