ئامېرىكا-خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەكىتلەش تەلەپ قىلىندى

0:00 / 0:00

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 26-ئۆكتەبىر پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكاغا يېتىپ كېلىپ، بۇ يەردىكى 3 كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتىنى باشلىۋەتكەن. ئۇ زىيارىتىنىڭ بىرىنچى كۈنى يەنى پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن بىلەن ئۇچراشقان.

دەل شۇ مىنۇتلاردا بولسا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئەزالىرى، لاگېر شاھىتلىرى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس بىناسى ئالدىغا يىغىلىپ ۋاڭ يىنىڭ زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىرنىڭ بىزگە دېيىشىچە، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە مەجلىس ئەزالىرىدىن ئۇيغۇر يولۇقۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش تىرىشچانلىقىنىڭ توختاپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكادىكى بىر قىسىم تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇق ۋەكىللەرمۇ قاتناشقان بۇ پائالىيەتكە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىدىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىت، ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى رەئىسى مايك گاللاگېر ئەپەندىلەرمۇ چىقىپ قاتناشقان بولۇپ ئۇلارمۇ بايدىن ھۆكۈمىتىدىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە سەل قارىماسلىقنى تەلەپ قىلغان.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايك گەللېگىر ئەپەندى 26-ئۆكتەبىر نەق مەيداندا پائالىيەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە تۇرۇپ ۋىدىيولۇق چاقىرىق ئېلان قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن:

«بىز خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ئامېرىكادىكى زىيارىتى سەۋەبىدىن بۇ يەرگە چىقتۇق. بىز بايدىن ھۆكۈمىتىدىن بۇ ئۇچرىشىشلاردا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى تەلەپ قىلىمىز. »

ئۇ سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدا ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەر، تىبەت ۋە خوڭكوڭدىكى زۇلۇمنى خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىككىنچى پىلانغا تاشلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ مەسىلە ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ مەسىلىسى، دېگەن.

ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى 25-ئۆكتەبىر كۈنى يەنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى كېلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېنگە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن ئوچۇق دىيالوگ قۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش خىزمىتىنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىنىشىغا سەۋەب بولماسلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانىدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى قاتارلىق 9 ئۇيغۇر تەشكىلاتى ئانتونىي بىلىنكېنگە يازغان ئورتاق مەكتۇپىدا «خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتى يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ خىتاي ئەمەلدارى ۋاڭ يى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتلەرنىڭ ئالدىنقى ۋە مەركىزى تېمىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى» ئەسكەرتكەن ھەمدە ئۇنى خىتاي ئەمەلدار ۋاڭ يىدىن «ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاشنى، مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىشنى، بارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇشىغا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلىشىنى» سورىغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دىرېكتورى لۇئىسا گىرىۋ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بايدىن ھۆكۈمىتى چوقۇم بۇ تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن ۋە پىرېزىدېنت بايدېننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلىشى بەك مۇھىم. »

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا 3 كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدىغان بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈستىدە سۆھبەتتە بولىدىكەن. 27-ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى، پىرېزىدېنت بايدېننىڭ ۋاڭ يى بىلەن ئاق سارايدا كۆرۈشكەنلىكى خەۋەر قىلىندى. گەرچە ئۇچرىشىشقا ئائىت تەپسىلاتلار تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق خەۋەرلەردە ۋاڭ يىنىڭ بۇ سەپىرى ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش سەپىرى، دەپ باھالانماقتا.

يۇقىرىدىكى تەرەققىياتلار بىر قىسىم كىشىلەردە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە پايدىسىز شارائىت پەيدا بولارمۇ، دەيدىغان ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلغان. بىراق ئەلفىدار ئىلتەبىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ۋە باشقا ئورگانلار بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆزىنىڭ ئۈمىدۋارلىقىنى بىلدۈردى.