ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا يەنە بىر قېتىم چاقىردى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2023-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان دوكلاتىدا ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ خىتاينى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ۋە خىتاينى سادىر قىلىۋاتقان ئىنسانىيەت قارشى جىنايەتنى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا داۋاملىق چاقىرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

2018-يىلى ماقۇللىنىپ ئىشقا كىرىشكەن «ئېلىي ۋېيزېل ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ۋەھشىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» 5-تارمىقىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقنى ھازىر دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەر قاتارىدا مەخسۇس شەرھلەپ ئۆتكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان مەزكۇر دوكلاتىدا، ئامېرىكا ۋە باشقا 49 دۆلەتنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ئۈچىنچى كومىتېتىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسىنىڭ تەۋسىيەلىرىنى ئىجرا قىلىشقا چاقىرغانلىقى دېيىلگەن. دوكلاتتا يەنە چەتئەللەرگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ كونكرېت ھەرىكەت قوللانغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئاساسىدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى بايان قىلىنغان ۋە بۇ جەھەتتە قولغا كەلگەن بىر قىسىم مۇھىم نەتىجىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي ھەققىدىكى تەتقىقاتتا غەرب دۇنياسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي ئانالىزچى، گەيىت سېتون ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى ۋە مەسلىھەتچىسى گوردون چاڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان دوكلاتىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆز قىلىپ، بۇ دوكلاتنىڭ بەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ كۆز قارىشىنى مۇنداق شەرھلىدى: «بۇنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، بۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىي دوكلاتى ئىكەنلىكىدۇر. مايك پومپېيو ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى رەسمىي بېكىتكەندىن كېيىن، بىلىنكېن تاشقى ئىشلار مىنىستىر بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئىرقى قىرغىنچىلىق دەپ تونۇغانىدى. بۇ بەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دېمەك خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىق. بۇ يەردە مۇھىم بولغان مەسىلە، . ئىرقى قىرغىنچىلىق دەپ تونۇغاندىن كېيىن ئامېرىكا نېمە ئىش قىلىدۇ؟ خەلقئارا جەمئىيەت نېمە ئىش قىلىدۇ؟ بۇ بەك مۇھىم ئامېرىكا 1948-يىلى ئىرقى قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان دۆلەت. شۇڭا ئامېرىكانىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقنى ئالدىن ئېلىش ۋە جازالاش مەجبۇرىيىتى بار. بىز بۇ ئىرقى قىرغىنچىلىققا خىتاينىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. خىتايدا ھەممە ئىشلار يۇقىرىدىن تۆۋەنگە بولىدۇ. يەنى يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بولىدۇ. بۇ يىل نويابىردا شى جىنپىڭ ئامېرىكاغا كېلىدۇ. بۇ يەردە مەسىلە، ئۇنى ئامېرىكاغا كىرىشكە يول قۇيۇش كېرەكمۇ؟ مەنچە، ئۇنى ئامېرىكاغا كىرگۈزمەسلىك كېرەك.»

ئامېرىكادىكى مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ تېما ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە دوكلات سۇنۇپ خىتاينى ئەيىبلىشى ۋە خىتاينى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنسانىيەت قارشى جىنايىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا قايتا چاقىرىشنىڭ تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە بۇ دوكلات ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ ۋە ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، دېدى.

لېكىن، گوردون چاڭ ئەپەندى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاينى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنسانىيەت قارشى جىنايىتىنى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا چاقىرىشلا مەسىلىنى ھەل قىلمايدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكانىڭ خىتايغا بولغان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش كېرەك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكانىڭ 1948-يىلدا تۈزۈلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىگە ئاساسەن، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش مەسئۇلىيىتى بار. ئەركىن دۇنيانىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكانىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شېرىكلىرى، دوستلىرى ۋە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاشقا كاپالەتلىك قىلىشتەك ئەخلاقىي مەسئۇلىيىتى بار. ئامېرىكا خىتاي بىلەن ھېچقانداق ئىش قىلماسلىق كېرەك. خىتاي بىلەن سودا قىلماسلىقى، خىتايغا مەبلەغ سالماسلىقى، خىتايغا تېخنىكا ھەمكارلىقىدا بولماسلىقى كېرەك. بىز ئامېرىكادا خىتاي تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت. خىتاي يەنە ئىنسانىيەتكە قارشى باشقا جىنايەتلەرنى سادىر قىلماقتا. ئۇلار پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلا ئېلىپ بارماستىن. ئۇ باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە، بولۇپمۇ تىبەتلەرگە قارشى. ئۇلارغا زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ. ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى باشقا جىنايەتلەرنى سادىر قىلىدىغان سىياسەتنى بېيجىڭدا تۈزۈۋاتىدۇ. بۇ چوقۇم ئاخىرلىشىشى كېرەك. بىز بۇنى توختىتالايمىز. بىز خىتاي بىلەن سودا قىلىمىز، خىتايغا مەبلەغ سالىمىز، خىتاينى تېخنىكا بىلەن تەمىنلەيمىز. بىز نەچچە ئون يىل جەريانىدا خىتاينى خەلقئارا سىستېمىغا ئېلىپ كىرىشكە تىرىشتۇق. بىز بۇ سىياسىتىمىزنىڭ ھەممىسىنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. خىتايدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇشىمىز كېرەك. بىز چوقۇم شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك. بىز ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرى ئۈچۈن خىتايغا بەدىلىنى تارتقۇزۇشىمىز كېرەك. بىلەمسىز، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى كىشىلەر قىرغىنچىلىقنى ھەرگىز قايتا بولمايدۇ دېگەنىدى. ئەمما، بىز بۇنىڭغا يول قۇيۇۋاتىمىز. شۇڭا بۇنى چوقۇم توختىتىش كېرەك.»

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى: «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنسانىيەت قارشى جىنايەتنى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىش ۋە توختىتىشقا چاقىرىشى بەك مۇھىم، لېكىن بۇ ئىرقى قىرغىنچىلىقنى توختىتالمايدۇ» دېدى. ئۇ يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلغانىكەن، ئۇ ھالدا بۇ ھۆكۈمەت ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن قانداق مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە جىددىي ئويلىنىشى ۋە جىددىي قەدەملەرنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە چەتئەلدە ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى ۋە ۋەتەندىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن قۇلىدىن كېلىشىچە تىرىشىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالدى.

دوكلات ئاخىرىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يەنە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئاساسىدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى داۋاملىق ئىشلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

«ئېلىي ۋېيزېل ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ۋەھشىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» 2018-يىلى 12-ئايدا قوبۇل قىلىنغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەتقىقات ئورگىنىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، بۇ قانۇن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئۇرۇش جىنايىتى قاتارلىق كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيلىكلەر ھەققىدە ئامېرىكانىڭ دىپلوماتلىرىنى قوشۇمچە تەربىيەلەيدۇ دېيىلگەن. بۇ قانۇن ئامېرىكا پىرېزىدېنتنىڭ ھەر يىلى پارلامېنتقا ئامېرىكانىڭ كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىرىشچانلىقى توغرىسىدا دوكلات بېرىشنى تەلەپ قىلىدىكەن.

«ئېلىي ۋېيزېل ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ۋەھشىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ھايات قالغان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئالغان ئېلىي ۋېيزېلنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ئېلىي ۋېيزېلنىڭ ئائىلىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان «ئېلىي ۋېيزېل ئىنسانىيەت فوندى»، 2023 -يىلى 10-ئىيۇل رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ يىل بىر قىسىم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.