ئامېرىكانىڭ يادرو كۈچىنى ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ھۆججەتتە خىتايغا تاقابىل تۇرۇش چىقىش قىلىنغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.08.26
Joe-Biden-Lloyd-Austin-AP-1024 156-قېتىملىق دۆلەت خاتىرىلەش كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئارلىڭتون دۆلەتلىك قەبرىستانلىقىدا، پىرېزىدېنت جو بايدىن ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن دۆلەت شېئىرى ئورۇنلىنىۋاتقاندا تارتىلغان سۈرەت. 2024-يىلى 27-ماي، ئارلىڭتون
AP/Susan Walsh

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بۇ يىل 3-ئايدا ئامېرىكانىڭ يېڭى يادرو ئىستراتېگىيەسىنى بەلگىلەيدىغان بىر مەخپىي ھۆججەتنى ئىمزالىغان.

نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «يادرونى ئىشقا كىرىشتۈرۈش يېتەكچىسى» دەپ ئاتالغان بۇ ئىستراتېگىيەدە رۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو تەھدىتلىرى بولۇپمۇ ئەڭ مۇھىمى خىتاينىڭ سۈرئەت بىلەن ئېشىۋاتقان يادرو كۈچىنى ھەل قىلىش ئاساسىي نىشان قىلىنغانىكەن.

ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم يېڭىلىنىدىغان بۇ ئىستراتېگىيە مۇتلەق مەخپىي كاتېگورىيەگە كىرىدىغان ھۆججەت بولۇپ، ئۇنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىمۇ تارقىتىلمايدىكەن، ئۇ پەقەت بىر قانچە دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ قوماندانلىرىغىلا تارقىتىلىدىكەن. بىراق، يېقىندا ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ بۇ ئىستراتېگىيە ھەققىدە ئىنتايىن چەكلىك دائىرىدە مەلۇمات بېرىشىگە ئىجازەت قىلىنغان.

بۇ ئەمەلدارلار قىلغان سۆزلىرىدە، ئامېرىكانىڭ ھەرقانداق بولغۇسى يادرو تەھدىتىگە قارشى تەييار ياكى ئەمەسلىكىنى جىددىي تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ھەم شۇنداقلا ھەرقانداق ئورتاق يادرو ھۇجۇم تەھدىتلىرىگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

«يادرونى ئىشقا كىرىشتۈرۈش يېتەكچىسى» ئامېرىكانىڭ ئىستراتېگىيەلىك كۈچىنىڭ جانلىقلىقى ۋە چىدامچانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ھەمدە باشقا يادرو كۈچىگە ئىگە دۆلەتلەرنى چېكىندۈرۈش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلىدىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ «يادرونى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسى» نى ئىشقا كىرىشتۈرۈشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولسا، «ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاينىڭ يادرو قورال زاپىسى كەلگۈسى ئون يىلدا كۆلەم ۋە خىل جەھەتتىن ئامېرىكا ۋە رۇسىيە بىلەن رىقابەتلەشكۈدەك ھالەتكە كېلىشى مۇمكىن» دەپ يەكۈن چىقىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي يادرو قوراللىرىنى مۆلچەردىن تېز سۈرئەتتە كېڭەيتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ يادرو ئوق بېشىنىڭ 2030-يىلغا بارغاندا 1000 ۋە 2035-يىلغا بارغاندا 1500 گە يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتىكەن.

ئامېرىكادىكى كور تەتقىقات مەركىزى قۇرغۇچىسى دوكتور ئاندېرس كورنىڭ قارىشىچە، بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن بۇيانقى مۇھىم ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«مەنچە بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر ئۆزگىرىش. ئامېرىكانىڭ يادرو ئىستراتېگىيەسىدە داۋاملىق سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى رۇسىيە بولۇپ كەلگەن. ھازىر بۇنىڭ خىتايغا ئۆزگىرىشى بىر مۇھىم تەرەققىيات. خىتاينىڭ مەقسىتى تەيۋەننى قورال كۈچى بىلەن بېسىۋېلىشتىن ئىبارەت. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇلتۇرقى بىر سۆزىدە گېنېراللىرىنى جەڭ قىلىشقا تەييار بولۇشقا چاقىرغانىدى. خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلغاندا ئامېرىكانىڭ ئارىلىشىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇڭا ئۇلار يادرو قورال كۈچى ئارقىلىق ئامېرىكانى بۇ مەسىلىگە ئارىلىشىشتىن باش تارتىدىغان ھالەتكە ئەكېلىشنى كۆزلەيدۇ. ئەلۋەتتە خىتاينىڭ بۇ يادرو قوراللىرى پەقەت تەيۋەن ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ھىندىستان ۋە ياپونىيە قاتارلىق باشقا قوشنا دۆلەتلىرىنى چېكىندۈرۈشنىمۇ مەقسەت قىلىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكانىڭ بۇ يادرو قوراللىرىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئىستراتېگىيەنى ماقۇللىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب بولسا رۇسىيە، خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىش ئېھتىماللىقى ئىكەن. نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئىلگىرى ئامېرىكانىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ يادرو كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ يادرو قورال زاپىسىدىن ئېشىپ كېتىشى ئېھتىمالدىن ئۇزاق كۆرۈنگەن بولسىمۇ، بىراق رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان يېڭى شېرىكلىك مۇناسىۋىتى، شىمالى كورېيە بىلەن ئىراننىڭ رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئۈچۈن قورال بىلەن تەمىنلىشى ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپەككۇرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن.

دەرۋەقە، رۇسىيە بىلەن خىتاي بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىرلارنى كۆپلەپ ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ئىستىخبارات خادىملىرى يەنە رۇسىيەنىڭ شىمالىي كورېيە ۋە ئىراننىڭ ياردىمىگە جاۋابەن، ئۇلارنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىسىغا ياردەم قىلىۋاتقان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى ئېنىقلاشقا تىرىشماقتىكەن.

ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىگە ئېيتىشىچە، ئامېرىكانىڭ ئۇرۇش پىلانى ۋە ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتىدىغان تۈپتىن ئوخشىمايدىغان يادرو مۇھىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالدى، دېگەن. ئۇلار يەنە مۇنداق دېگەن: «دۇنيانى بىز تەسەۋۋۇر قىلغاندەك، ياكى ئارزۇ قىلغاندەك ئەمەس، بەلكى رىيال ھالىتى بىلەن كۆرۈش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز. بىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆتمۈشكە بۇرۇلۇپ قارىغىنىمىزدا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى چارەك ئەسىرنى يادرو قوراللىرىنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتى، دەپ قېلىشىمىز مۇمكىن».

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا ئاقساراي تەرىپىدىن ئاممىغا ئېلان قىلىنمىغان بۇ ئىستراتېگىيە يەنە ئامېرىكىنى خىتاي، رۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ ئورتاق ھالدا پەيدا قىلغۇسى يادرو خىرىسىغا تەييارلاشنى مەقسەت قىلىدىغان بولۇپ، يۇقىرىدىكى ئەمەلدارلار بۇ خىل ئېھتىماللىقنى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەك يۇقىرى، دېگەن.

دوكتور ئاندېرس كور ئەپەندىمۇ بۇ ئېھتىماللىقنىڭ ئىنتايىن يۇقىرىلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر رىيال تەھدىت. بىز رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدىن كېيىنكى خىتاي ۋە رۇسىيە يېقىنلىشىشىدىن بۇ تەھدىتنى كۆرۈپ يەتتۇق. ئەگەر بۇ ئىككىسى ھەقىقەتەن يادرو كۈچىنى بىرلەشتۈرسە، ئامېرىكانىڭ ھەل قىلغۇچ مۇھىم شەھەرلىرىگە زىيان بېرىدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەم ئامېرىكا ھەم ياپونىيە ۋە ھەم ياۋروپا ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت. شۇڭا بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ئېھتىماللىققا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، بۇ ئىستراتېگىيە ھۆججىتىگە قول قويغانلىقى ناھايىتى توغرا بىر قەدەم بولدى، دەپ قارايمەن.»

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن بولغان «يادرو بىخەتەرلىكى ۋە خەتەرنى ئازايتىش» ھەققىدىكى مۇزاكىرىلىرىنى توختىتىپ قويغان بولۇپ، بۇ، ئامېرىكانىڭ دىپلوماتىيە ئارقىلىق يادرو خەۋپىنى ئىدارە قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرماقتىكەن.

نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، «ھازىرقى بۇ يېڭى يادرو ۋەزىيىتى پىرېزىدېنت بايدېننى قانداق بۇ مەخپىي ئىستراتېگىيەنى ئىمزالاشقا ئىتتەرگەن بولسا، بۇ ۋەزىيەت ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئامېرىكانىڭ پىرېزىدېنت سايلىمىدا سايلاپ چىقىلىدىغان پىرېزىدېنتىنىڭمۇ ناھايىتى كەسكىن يادرو قوراللىرى مۇداپىئە سىياسىتىنى يولغا قويۇشىغا تۈرتكە بولىدىكەن. گەرچە سايلام نۇتۇقلىرىدا يادرو مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمايۋاتقان بولسىمۇ، بىراق، پىرېزىدېنت بايدېننىڭ يادرو ئىستراتېگىيەسى ئۆزگىرىشچان يەرشارى يادرو ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ ئاكتىپ تەڭشىلىشىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

خىتاي، رۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان تەھدىتى ئالدىدا، ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇداپىئەلىنىشتە كۆپ تەرەپلىمىلىك ھازىرلىقنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

دوكتور ئاندېرس كور سۆزىدە، ئامېرىكانىڭ خىتاي ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى نىيىتىدىن ۋاز كەچتۈرۈشنى چىقىش قىلغان زامانىۋى ھەربىي قوراللىرىنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىز ئۆزىمىزنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ھەربىي قوراللىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. خىتاي ھازىر دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر، سۈنئىي ئەقىل ۋە ئۇچۇش سۈرئىتى ئاۋاز تېزلىكىدىنمۇ تېز بولغان خاييپېرسونىك (hypersonic) قوراللىرى جەھەتتە خېلى ئۈستۈنلۈككە ئىگە. شۇڭا ئامېرىكا ئىلغار زامانىۋى ھەربىي قوراللىرىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چېكىندۈرۈش ئىقتىدارىنى تېزدىن ئاشۇرۇشى كېرەك. ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن ھەل قىلىشى، ئەڭ مۇھىمى خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى كۈچىنى ئاشۇرۇشى ۋە نەتىجىدە ھەربىي كۈچىنى زورايتىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قورال-ياراغ كونترول قىلىش، تەھدىت ۋە مۇقىملىق ئىشلىرى ياردەمچى مىنىستىرى ماللورى ستېۋارت نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ يادرو بىخەتەرلىكى ھەققىدىكى سۆھبەت تەلەپلىرىنى رەت قىلىشىنى رۇسىيەنىڭ ھەرىكىتىگە ئوخشاتقان. ئۇ سۆزىدە «خىتاي ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى تېخىمۇ جىددىي زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىغۇچە، ئامېرىكا بىلەن قورال كونترول قىلىش، خەتەرنى ئازايتىش ۋە يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك مۇزاكىرىسىگە ئولتۇرمايدىغانلىقىنى پەش قىلىۋاتىدۇ. بىراق، خاتا چۈشىنىشىش ۋە خاتا مۆلچەرلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىتاينىڭ ئۆزىگە پايدىلىق» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.