ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن جۈمە كۈنى ياپونىيە باش ۋەزىرى بىلەن ئاق سارايدا ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى جەريانىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ سۆزلەشكەن.
پرېزىدېنت جوۋ بايدېن ياپونىيە باش ۋەزىرى يوشىخىدې سۇگانى ئاق سارايدا كۈتۈۋالغان ۋە خىتايغا قارشى ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىش ئىستراتېگىيەسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان ئىدى.
ئاق ساراينىڭ تور بېتىدىكى بىرلەشمە باياناتقا قارىغاندا، سۆھبەت جەريانىدا خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان خەۋپسىزلىك مەسىلىسى، خىتاينىڭ تەيۋەنگە يېقىن جايلاردا بارغانچە ئېشىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرى، خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى ئاساسلىق تېمىلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بىرلەشمە باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بىز خوڭكوڭ ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن جىددىي ئەندىشىلىنىدىغانلىقىمىزنى ئورتاقلاشتۇق.»
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن سۆھبەتتىن كېيىن مۇخبىرلارغا بەرگەن بىرلەشمە باياناتىدا خىتايغا تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز خىتايدىن كېلىدىغان رىقابەتلەرگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا ھەمدە ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى ئوكياننىڭ كەلگۈسىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن شەرقىي دېڭىز، جەنۇبىي دېڭىز، شۇنداقلا شىمالىي كورېيە قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىشقا ۋەدىلەشتۇق.»
ياپونىيە باش ۋەزىرى يوشىخىدې سۇگا بايدېن بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، تەيۋەن بوغۇزىنڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىنى ساقلاش مەسىلىسىدە ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ ئورتاق تونۇشقا ئىگە ئىكەنلىكنى ئېيتتى.
بۇ، جوۋ بايدېننىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى تۇنجى چەتئەل رەھبىرىنى ئاق سارايدا كۈتۈۋېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ياپونىيە باش ۋەزىرى سۇگا ئامېرىكا سەپىرىنى باشلاشتىن ئىلگىرى ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئورگانلاردىن راند تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى سكوت ھارولد بىر ئوبزور ئېلان قىلىپ، ياپونىيەنى خىتاي ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىغان ئىدى.
ئامېرىكا-ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئاق سارايدىكى ئۇچرىشىشى ۋە ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتلارنىڭ خىتاينى ئىنتايىن بىئارام قىلغانلىقى مەلۇم.
خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكى بۇ ھەقتە ئېلان ئىلغان باياناتىدا بۇ بىرلەشمە باياناتقا كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.