ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى يوشىخىدې سۇگا 16-ئاپرېل (جۈمە كۈنى) ئاق سارايدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ۋە مۇخبىرلارغا بىرلەشمە بايانات بەرگەن بولۇپ، بۇ جوۋ بايدىن پرېزىدېنت بولغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم بىر دۆلەت باشلىقىنى ئاقسارايدا كۈتۈۋېلىشى ۋە بىرلەشمە بايانات بېرىشى ھېسابلىنىدىكەن.
بىرلەشمە بايانات بېرىش يىغىنىدا جوۋ بايدېن ئۆزىنىڭ باياناتىدا ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ھىندى-تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىكى، خەلقئارا ئىقتىسادىي تەرتىپ، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەھەتتىكى ئورتاق مەيدانىنى بىلدۈرگەن. ياپونىيە باش مىنىستىرى سۇگا خىتاينىڭ كۈچلىنىشىنىڭ شىمالىي كورېيەگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ۋە بۇلارنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا بولۇۋاتقان تەھدىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان بولۇپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ئورتاق گۈللىنىش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ، رايونلار ئارا دۆلەت بىخەتەرلىكى، تور-ئالاقە بىخەتەرلىكى ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بۈگۈن ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ھىندى-تىنچ ئوكيان ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئۈچۈن مۇستەھكەم ئىتتىپاق ئورناتتى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇن-تۈزۈم، خەلقئارا قانۇن، كۆپ تەرەپلىمىلىك ئەركىن ۋە ئادىل بولغان ئىقتىسادىي تەرتىپ قاتارلىق قىممەت قاراشلىرىمىز ۋە ئورتاق پرىنسىپلىرىمىز بىزنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ».
مەزكۇر باياناتتا ئامېرىكانىڭ ياپونىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ دۇنيا پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى ساقلايدىغانلىقى، كورونا ۋىرۇسىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى، ھەربىي ۋە سىياسىي بىرلىكنى كۈچەيتىپ، قوشنا رايونلار بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغانلىقى، جۈملىدىن ياپونىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش جەھەتتىكى ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا ۋە خىتاي كۆز تىكىۋاتقان ياپون ئاراللىرىنى قوغدىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى، خىتاينىڭ ئىقتىساد ۋە باشقا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ خەلقئارا تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ياپونىيەنىڭ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش بىلەن ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي بىلەن بولىدىغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتكىمۇ سەل قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ باياناتتا يەنە ئۇيغۇر رايونى ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسى تىلغا ئېلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: «بىز خوڭكوڭ ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا كۈچلۈك دىققەت قىلىۋاتىمىز. ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە خىتاي بىلەن بۇ ھەقتە ئوچۇق سۆزلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا ئىككى دۆلەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان ساھەلەردە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى».
ياپونىيە باش ۋەزىرى سۇگا ئامېرىكىغا كېلىشتىن ئىلگىرى ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن بىرى بولغان راند تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسىسى سكوتى خارولد (Scott Harrold) «جوۋ بايدېن بىلەن كۆرۈشۈش ياپونىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلەشنىڭ بىر پۇرسىتى» ناملىق ئوبزور ئېلان قىلغان بولۇپ، ئىقتىساد ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ئويلىشىپ خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتقان ياپونىيەنىڭ بۇ قېتىمقى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتا ئاكتىپ قەدەم ئېلىشىنىڭ ئەڭ توغرا ئىستراتېگىيە ۋە مۇھىم تارىخىي يۈزلىنىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «راستىنى ئېيتقاندا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، كانادا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ، ۋە بەلكىم ياپونىيەنىڭ كەلگۈسىدە خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئەيىبلىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ جىنايىتىنى توختىتالمىسىمۇ، خىتايغا بېسىم قىلالايدۇ، خىتاينىڭ بۇ جىنايەتنى داۋام قىلىشتا تۆلەيدىغان بەدىلىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ دەپ ئويلايمەن. مېنىڭچە، ياپونىيەنىڭ ئاۋاز چىقىرىشى ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى ياپونىيەنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ. يەنە كېلىپ، ياپونىيە كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، قانۇن-تۈزۈمگە كۆڭۈل بۆلىدىغان دۆلەت دەپ قارىلىدۇ. ياپونىيە ئەگەر خىتايغا قارشى سۆزلەپ قويسا خىتاي باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت سالغانغا ئوخشاش ياپونىيەگىمۇ ئىقتىساد ۋە رايون بىخەتەرلىكى جەھەتتىن تەھدىت سېلىشى مۇمكىن، ياپونىيە خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن تەقدىردىمۇ خىتاينى ئۇ جىنايەتتىن قول ئۈزدۈرەلىشى ناتايىن، بۇ مەقسەتكە يېتىش ھازىرچە تەس».
پرېزىدېنت جوۋ بايدېن بىلەن باش ۋەزىر سۇگانىڭ بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشى كۆپلىگەن ئانالىزچىلار تەرىپىدىن «خىتايغا قارشى ئىتتىپاقنىڭ يېڭى دەۋرىنىڭ باشلىنىشى» دەپ تەرىپلەنگەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتايغا ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن ياپونىيەنىڭ بۇ قېتىمقى دىپلوماتىك پائالىيىتى ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ خىتايغا قارشى ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىپلا قالماي، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بارلىق دېموكراتىك ئەللەرنىڭ خىتايغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش سېپىنى مۇستەھكەملەيدىكەن.
سكوت خارولد ئەپەندى ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ياپونىيەنىڭ خىتايغا ئاشكارا قارشى چىقىشى ۋە خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئەيىبلىشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «چوقۇم شۇنداق بولىدۇ دېگىلى بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار. ماقالەمدە ياپونىيەنى تىلغا ئېلىشىمدىكى سەۋەب ئۇ يەتتە دۆلەت ئىتتىپاقىدىكى مۇھىم دۆلەت، سىزمۇ دىققەت قىلدىڭىز، ياپونىيە خىتايغا ئاشكارا جازا يۈرگۈزمىدى، ھىندونېزىيە، ھىندىستان، كورېيە ۋە كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلەر خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى بىۋاسىتە ئەيىبلىمىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، خىتايغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىپ ئۇنىڭغا ئېغىر بېسىم قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى يېتەرلىك ئەمەس، شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى ئۆزگەرتىدىغان قانداق ھالقىلىق ئۇسۇلنىڭ بارلىقىمۇ ئېنىق ئەمەس. ھازىر لاگېردا قىينىلىۋاتقان شۇ كىشىلەرنىڭ كۆپ ۋاقتى قالمىدى، ئۇلار چوقۇم بالدۇرراق ئەركىنلىككە چىقىشى كېرەك. ياپونىيەنى بۇنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشقا جىددىي چاقىرىشىمدىكى سەۋەب ئەنە شۇ. ياپونىيەنىڭ تۇيۇقسىز بۇنداق قارار چىقىرىشىدىن ئانچە ئۈمىدىم يوق، ئەمما شۇنداق قىلىشى كېرەك».
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكانىڭ بىلەن ياپونىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، يەنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم قىلىشى بىر تەرەپتىن خىتاينى بۇ جىنايىتىنى توختىتىشقا قىستىشى مۇمكىن؛ يەنە بىر جەھەتتىن، خىتاينى تېرىكتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ باستۇرۇشقا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن».