30-يانۋار كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدە باشلانغان 2024-يىللىق «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشى» ئالدىنقى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا دىنىي ئېتىقاد ساھەسىدىكى چەكلىمە ۋە كونتروللۇققا بولغان تونۇشنى ئاشۇرۇش، شۇنىڭدەك دىنىي زىيانكەشلىككە خاتىمە بېرىشنى باش تېما قىلغانىدى. شۇڭا بۇ يىلمۇ مەزكۇر كېڭەش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۆپ خىل مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد ۋە ئوخشىمىغان سىياسىي پارتىيەلەرنى بىر يەرگە جەم قىلغان زور كۆلەملىك خەلقئارا يىغىن بولدى. يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ مىڭغا يېقىن ئادەمدىن تەشكىل تېپىشى بۇنىڭ بىر قېتىملىق زور يىغىلىش بولغانلىقىدىن بىۋاسىتە دېرەك بېرەتتى.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە دۇنيا ئاھالىسىنىڭ 80 پىرسەنتى ئوخشىمىغان دەرىجىدە دىنىي ئېتىقاد ساھەسىدىكى تۈرلۈك چەكلىمىلەرنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى يېقىنقى يىللاردا ئىزچىل ئېغىرلاپ ماڭغان. ھەتتا ئۇيغۇر دىيارىدىكىگە ئوخشاش قىرغىنچىلىققا سەۋەب بولغان. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يىللىق يىغىن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى بىلەن باشلاندى.
يىغىندا ئالدى بىلەن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ خادىملىرىدىن جۇلىي مىلسەپ سۆز ئېلىپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ خىزمەتچىلەر دىرېكتورى پىئېر توزى (Piero Tozzi) ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، بۇ جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدىكى زۇلۇم ۋە كونتروللۇق نۇرغۇن ئىنسانلارغا مەلۇملۇق ساۋاتلارغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، ئەمدى بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىش ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا بۇنىڭغا ھەمشېرىك بولۇپ قېلىشقا سەۋەب قالمىغان. شۇڭا قانداق سەۋەب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھازىر تاشقى دۇنيا قىلالايدىغان ئەڭ چوڭ ئىشلارنىڭ بىرى زالىملارغا يانتاياق بولۇش ياكى ئۇلارنىڭ چۆنتىكىنى توملاشتىن نېرى بولۇش ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى، ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىزچىل خىتاينى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قۇدرەت تاپسىلا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا ماڭىدۇ؛ ئۇلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ كۆپىيىشى ئۇلارنىڭ تۈپلۈك ماھىيىتىنى ئۆزگەرتىدۇ، دەپ ئىشەنگەن. شۇڭا ھەرقايسى باسقۇچلاردىكى ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇئامىلىگە بەكرەك كۆڭۈل قويغان. بۇنىڭ بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى تاشلىنىپ قالغان. ئەنە شۇنداق قىلىپ جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتچىلارنىڭ خىتاي ھەققىدىكى قاراشلىرى ئۈزۈل-كېسىل بەربات بولغان. مانا مۇشۇ سەۋەبتىن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بۇ خىل زالىملىققا چەكلىمە قويۇش مەقسىتىدە ماقۇللانغان ۋە قانۇنغا ئايلانغان. بۇ قانۇن ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغان ھەرقانداق تاۋارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشنى مەنئى قىلىدۇ. مال ئىگىلىرىمۇ ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان تاۋارلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا مەجبۇر قىلىنىدۇ. ئەمما بۇ يەردىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە بۇ قانۇننى قانداق شەكىلدە ئىجرا قىلىش بولۇپ قالغان. بۇ جەھەتتە ھازىرچە قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى بىر زور ئۇتۇق، دېيىشكە بولسىمۇ ئەما بۇنىڭدا يەنىلا بەزى يوچۇقلار مەۋجۇت. بۇلارنىڭ ئەڭ چوڭى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «قارا تىزىملىك» كە زادى قايسى شىركەتلەرنى كىرگۈزۈش بولۇپ، بۇنى جەزمەن ئۆزگەرتىش كېرەك.

«خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ مۇئاۋىن خىزمەتچىلەر دىرېكتورى تاد ستەيىن (Todd Stein) بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇ ساھەدىكى مەسىلىلەرگە باشقا نۇقتىلاردىن قاراپ چىقىشنىڭمۇ تەخىرسىز بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر قانۇننىڭ دۇنياغا كېلىشى ھەممىلا كىشىگە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئاتا قىلغان بولسىمۇ ئەمما بۇ ساھەدە تېخى پەخىرلەنگۈدەك ئۇتۇقلار قولغا كەلگىنى يوق. بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر داۋام قىلىۋاتقاندا بۇنىڭدىن ئېلىشقا تېگىشلىك كۆپلىگەن ساۋاقلار مەۋجۇت. بۇ قانۇن گەرچە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەققىدىكى قانۇن بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى دەل دىنىي ئېتىقاد ساھەسىگە مەنسۇپ. شۇڭا بۇ قانۇننى باشقا ساھەلەردىكى مەسىلىلەرگىمۇ تەدبىقلاشنى ئويلىشىپ كۆرۈشكە بولىدۇ. يەنە بىر ياقتىن بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل بولۇۋاتقان ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى تېخىمۇ تولۇق ئىشلەش ئۈچۈن ھازىرقىدىنمۇ كۆپ خامچوتقا موھتاج. بولۇپمۇ خىتاي ھازىر دۇنيادىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئەڭ زور دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان، شۇنىڭدەك قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سادىر بولۇۋاتقان بىردىن-بىر دۆلەت بولۇۋاتقان ئەھۋالدا خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ئېلىم-بېرىم مەسىلىسىدە مۇشۇ قانۇن ۋاسىتىسىدە خىتايدىن ئاجرىلىپ چىقىشمۇ كۆپلىگەن مەسىلىلەرگە بېرىپ چېتىلىدۇ. گەرچە بۇ قانۇن كىشىلەرنى خىتايدىن نېرى تۇرۇشقا ياكى ئۇنىڭدىن ئاجرىلىپ چىقىشقا بۇيرۇمىسىمۇ ئەمما خىتاي بىلەن مۇئامىلىدە بولۇشتىن ئاۋۋال ھېچبولمىغاندا بۇ خىل ئالاقە توغرىسىدا ئويلىشىپ كۆرۈشكە بۇيرۇيدۇ. شۇڭا بۇ ساھەدىكى خىرىسلار ۋە توسقۇنلۇقلار يەنىلا ئىنتايىن زور سالماقتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى قارمىقىدىكى «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ خادىملىرىدىن جېيك پاركېر (Jake Parker) مۇ شۇ قاتاردا سۆز ئالدى. . ئۇنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشتە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ساپلىقىنى دىققەتتىن ساقىت قىلماسلىق ئىنتايىن مۇھىم. «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى تاۋار تۇتۇپ قېلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە كىيىم-كېچەك ۋە ئېلېكترونلۇق بۇيۇملار زور سالماقنى ئىگىلىگەن. بۇ جەھەتتىكى مەلۇماتلار تەمىنلەش زەنجىرىدىكى خەتەرنىڭ سالمىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ جەھەتتە ھازىر كۆپلىگەن شىركەتلەر، بولۇپمۇ ئامېرىكا شىركەتلىرى ئالاھىدە ھوشيار بولۇشقا باشلىغان. شۇنىڭدەك تەمىنلەش زەنجىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھالقىلارنى ئىنچىكە سۈرۈشتە قىلىشقا باشلىغان. ئەمما بۇ ھال تېخى ئورتاق پائالىيەتكە ئايلىنىپ بولالمىغان.
مۇھاكىمىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن سوئال-جاۋاب بۆلىكىدە يېڭى سايلامنىڭ بۇ خىل رېئاللىققا قانداق تەسىر كۆرسىتىش مۇمكىنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشنىڭ بۇنىڭدىكى مەركىزىي نۇقتا ئىكەنلىكى، كۈنتاختا ۋە باشقا مەھسۇلاتلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بۇ سەپكە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنى، جۈملىدىن ياۋروپا ۋە كانادانى ئېلىپ كىرىپ، بۇ جەھەتتە زور ئىش بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
«خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشى» نىڭ گۇرۇپپا مۇھاكىمىلىرى بىرنەچچە مەيدانغا بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىدىلا دېگۈدەك دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ھەممىلا كىشى كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكى، دىنىي ئېتىقادقا بولغان ئۆچمەنلىكنىڭ خۇددى ئەينى ۋاقىتتا «يەھۇدىي زور قىرغىنچىلىقى» غا سەۋەب بولغانغا ئوخشاش ھازىرمۇ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشقا ئاساس بولۇۋاتقانلىقى تەكىتلەندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىلىرى بويىچە پەۋقۇلئاددە مەلۇماتچىسى نازىلە غەنىيە بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە «دىنىي ئۆچمەنلىك ئىپادىلەنگەن ھەرقانداق ھەرىكەت دۆلەتلەرنىڭ تېزدىن ھەرىكەتكە ئۆتۈشىگە سىگنال بولۇشى لازىم» دېدى.
شۇ قاتاردىكى گۇرۇپپىلار مۇھاكىمىسىنىڭ بىرىدە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس ئالاھىدە سۆز قىلدى. . ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ھادىسىنىڭ يالغۇزلا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى بوغۇش ئەمەسلىكى، ئەكسىچە سىفىرلىق نازارەتنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا ئومۇملىشىپ بولغانلىقى، ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن بۇ قىسمەتنىڭ دۇنياغا يېيىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
بۇ قېتىمقى ئالىي كېڭەشنىڭ تۇنجى كۈندىكى پائالىيەتلىرىگە ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىدىكى ۋە دىنىي خىزمەت ساھەسىدىكى كىشىلەردىن سام بروۋنبەك (Sam Brownback)، كاترىنا سۋېت (Katrina Lantos Swett)، راشاد ھۈسەيىن (Rashad Hussain)، مايك جونسون (Mike Johnson)، مايك پېنس (Mike Pence) قاتارلىق نەچچە ئونلىغان كىشىلەر، شۇنىڭدەك ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىنىڭ ئەزالىرى قاتناشتى. بىز بۇ توغرىسىدا كېيىنكى ئاڭلىتىشلىرىمىزدا داۋاملىق خەۋەرلەر بېرىمىز.