مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى قوغداش، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا 29-نويابىر كۈنى ئەتىگەندە مۇزاكىرىگە قويۇلدى.
2766-نومۇرلۇق «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ياڭ كىم ۋە ئامى بېرا تەرىپىدىن 2021-يىلى تۈزۈپ چىقىلغان ئىدى. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى دەسلەپتە 2022-يىلى دېكابىردا ئاۋام پالاتاسىدا تونۇشتۇرۇلۇپ ئىنتايىن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان بولسىمۇ، ئەمما يېڭى يىلنىڭ كىرىشى بىلەن رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىش ئۈچۈن ۋاقىت يار بەرمىگەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر قانۇن لايىھەسى بۇ يىل، يەنى 2023-يىلى 4-ئايدا ئاۋام پالاتاسىدا قايتىدىن تونۇشتۇرۇلدى. مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ كېڭەش پالاتا نۇسخاسى بولسا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان.
29-نويابىر كۈنى تەرتىپ بويىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى دۆلەت مەجلىسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا مۇزاكىرىگە قويۇلۇپ، ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلار ۋە كىرگۈزۈلىدىغان تۈزىتىشلەر تالاش-تارتىش قىلىندى.
مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئاز سانلىقلار رەئىسى جورجى مىكس (Gregory Meeks) ئەپەندى بۇ قانۇن لايىھەسىدىكى مەزمۇنلارنى كومىتېت ئەزالىرىغا قىسقىچە قىلىپ تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ، «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قورقۇنچلۇق دەپسەندىچىلىكلەر ئالدىدا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك، مەجلىستىكى ھەر ئىككى پارتىيە ئەزالىرى چوقۇم شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇچراۋاتقان دەپسەندىچىلىككە قارشى بىرلىشىشىمىز ۋە ئۇلارنى قوللىشىمىز كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

جورجى مىكس سۆزىدە يەنە بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى؛ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى قوغدايدىغان بىر كۆرسەتمە بولۇشتەك مۇھىم ئەھمىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ئۇ يەنە مەجلىستىكى ھەرقايسى ئەزالارنى ئۆزىگە ئوخشاش بۇ قانۇن لايىھەسىنى قوللاشقا ئۈندىدى.
ئارقىدىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى ياڭ كىم خانىممۇ سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پولاتتەك پاكىتلار ئالدىدىمۇ يەنىلا ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى ئىنكار قىلىشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ بۇ زۇلۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئۈنۈمنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
«ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى لايىھەسى» ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قەدەر كونكىرېت مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىلگىرى ماقۇللانغان قانۇنلارنى تولۇقلاش خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەن.
بۇ قانۇن لايىھەسى تۆۋەندىكىدەك ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن:
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزىتىدىغان ۋە ئامېرىكانىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىگە مەسلىھەت بېرىدىغان ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچى (coordinator) بەلگىلەش؛
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ئۆزىنىڭ نۇتۇق پروگراممىسىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان زۇلۇملارنى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى ئاممىۋى دىپلوماتىيە مۇنبەرلىرىدە سۆزلىشىگە يېتەكلەش؛
ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە باشقا ئېتنىك ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ ئۆزگىچە مىللىي مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد ۋە تىل ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قېلىشىغا ياردەم بېرىش؛
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا بېرىش ۋە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىتاي كومپارتىيەسى ئەمەلدارلىرى بىلەن قانداق دىپلوماتىك ئۇچرىشىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە كونكىرېت ئىستراتېگىيە تەلەپ قىلىش؛
ئامېرىكالىق ژۇرنالىستلار، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ۋە دۆلەت مەجلىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى قەرەللىك، ئاشكارا ھالدا زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىش؛
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئامېرىكانىڭ خىتاي، تۈركىيە ۋە شۇنىڭدەك ئۇيغۇر نوپۇسى كۆپرەك باشقا دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرىدا ئاز دېگەندە بىردىن ئۇيغۇر تىلى بىلىدىغان دىپلوماتىيە خادىمى تەقسىملەش؛
ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ ب د ت دا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتكە قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەش؛
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ باشقۇرغۇچى ئورگىنى بولغان «ئامېرىكا يەرشارى رادىيو-تېلىۋىزىيە ئىدارىسى» نى كۈچەيتىش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى تەتۈر تەشۋىقاتلىرىغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىقلار.
ئاۋام پالاتا ئەزاسى ياڭ كىم خانىم مۇزاكىرە يىغىنىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچى بەلگىلەش ۋە ئۇيغۇر تىلى بىلىدىغان ئەلچىخانا خادىملىرىنى سەپلەشتەك ماددىلارنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق، تېخىمۇ پىلانلىق ھەرىكەت قىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنى ئاسانلاشتۇرۇشتەك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ياڭ كىم خانىم سۆزى ئاخىرىدا ئەسكەرتىپ: «ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ، مۇشۇ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھەربىر مىنۇتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقىتىش مەقسىتىگە يېقىنلىشىۋاتىدۇ، بىز تېزدىن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، بۇ قانۇننى ماقۇللىشىمىز كېرەك» دېدى.
يىغىندا سۆز قىلغان كومىتېت ئەزالىرىمۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆزلىرىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ چوقۇم ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن توختىماي ھەرىكەت قىلىشى، بۇ مەسىلىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرماسلىقى لازىملىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئاخىرىدا يەنە بۇ قانۇن لايىھەسىگە بىر قىسىم تۈزىتىشلەرنى كىرگۈزۈش ھەققىدىكى تەلەپ-پىكىرلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈلدى. بۇنىڭدا ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايك ۋالتز (Mike Waltz) تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپى بەردى. ئۇ، بۇ قانۇن لايىھەسىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىسمى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدىغان تۇتقۇنلار ئارىسىغا ئەكبەر ئەسەتتىن باشقا يەنە گۈلشەن ئابباس ۋە كامىلە ۋاھىتنىڭ ئىسمىنىڭمۇ قوشۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭ بۇ تۈزىتىش تەكلىپى تولۇق قوللاشقا ئېرىشىپ، قانۇن لايىھەسىگە كىرگۈزۈلدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئاۋام پالاتا ۋە كېڭەش پالاتادا ئاۋازغا قويۇلۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، پرېزىدېنت بايدېننىڭ ئىمزا قويۇشىغا ئەۋەتىلىدىكەن.