ئامېرىكالىق يازغۇچى: «خىتاي سوۋېت ئىتتىپاقىدەك پارچىلىنىدىغان كۈنلەر ھامان كېلىدۇ، ئۇيغۇرلار چوقۇم مۇستەقىل بولىدۇ»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2024.03.15
terisa-bukzaki-xen-shyu-1.jpg نۇرغۇن يىللىق ھاياتى خىتايدا ئۆتكەن ئامېرىكالىق يازغۇچى تېرىسا بۇكزاكى خانىم. ئۇ خىتايدا ياشىغان يىللىرىدا خەن شيۇ دېگەن خىتايچە تەخەللۇسنى ئىشلەتكەن. 2018-يىلى دېكابىر.
RFA

ئامېرىكالىق يازغۇچى تېرىسا بۇكزاكى خانىم 1946-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى مانخاتتان رايونىدا تۇغۇلغان. تېرىسا خانىمنىڭ دادىسى خىتايدا ئۇزۇن يىل تۇرغان ئامېرىكا دىپلوماتى بولۇپ، ئانىسى جاۋ ۋېنرۇ شاڭخەيلىك خىتاي ئارتىس ئىكەن. 1948-يىلى بىر يېرىم ياشلىق تېرىسانى ئانىسى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىش يولى بىلەن ئامېرىكانىڭ ھەربىي پاراخوتىدا شاڭخەيدىكى مومىسىنىڭ قېشىغا ئەۋەتىپ بەرگەن.

1949-يىلى كوممۇنىست خىتايلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكا تەيۋەنگە چېكىنگەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى تونۇپ، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا قۇرۇلغان كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلمىغان. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا بىلەن كوممۇنىست خىتاي ئوتتۇرىسىدا تاكى 1972-يىلىغىچە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت بولمىغان. كوممۇنىست خىتايلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان 1949-يىلىدا تېرىسا خانىم تېخى 3-4 ياشلىق بالا بولۇپ، ئامېرىكا پۇقراسى بولۇشىغا قارىماي ئۇنىڭ قىزىل خىتايدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان خورلۇق ھەم بېسىم ئىچىدىكى ھاياتى باشلانغان. 17 يېشىدىن باشلاپ «سوتسىيالىستىك قايتا تەربىيە» نامىدا شەنشى ئۆلكىسىدە ئىككى يىل، ئۇنىڭدىن كېيىن ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا جايلاشقان بىڭتۈەننىڭ مارالبېشىدىكى پولك مەيدانلىرىدا 9 يىل قاتتىق ئەمگەككە سېلىنغان. تېرىسا خانىم تاكى 1978-يىلغىچە ئۆزىنىڭ خىتايدىكى 30 يىللىق قاباھەتلىك ھاياتىنى ياشىغان.

30 يىللىق ھاياتى خىتايدا ئۆتكەن ئامېرىكىلىق يازغۇچى تېرىسا بۇكزاكى خانىم. ئۇ خىتايدا ياشىغان يىللىرىدا خەن شيۇ دېگەن خىتايچە تەخەللۇسنى ئىشلەتكەن. 2018-يىلى دېكابىر.
30 يىللىق ھاياتى خىتايدا ئۆتكەن ئامېرىكىلىق يازغۇچى تېرىسا بۇكزاكى خانىم. ئۇ خىتايدا ياشىغان يىللىرىدا خەن شيۇ دېگەن خىتايچە تەخەللۇسنى ئىشلەتكەن. 2018-يىلى دېكابىر.
RFA

تېرىسا خانىم 1978-يىلى ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خىتايچە «خەن شيۇ» تەخەللۇسىدا 45 پارچە كىتاب نەشر قىلدۇرغان. بۇ كىتابلار ئارىسىدا ئۇنىڭ ئاقسۇ بىلەن مارالبېشى ناھىيەسى ئارىلىقىدىكى بىڭتۇەن 3-دېۋىزىيەسىگە قايتا تەربىيەگە چۈشكەن 9 يىللىق ھاياتى ھەققىدىكى ئاچچىق خاتىرىلەرمۇ ئالاھىدە يەر ئالغان.

بىز ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇر رايونىغا يەرلەشتۈرگەن بىڭتۇەن سىستېمىسى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىيرەك مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇنى بۈگۈنكى سۆھبەت پىروگراممىمىزغا تەكلىپ قىلدۇق.

سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.