ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بىر قەدەر ئاز بولۇشىغا قارىماي ئۇلار ھەر قايسى شتاتلاردا تارقاق ياشايدۇ. ئۇلارمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى مەلۇم. ئامېرىكانىڭ تېنىسى شتاتىنىڭ مېنفىس شەھىرىگە ئولتۇراقلاشقىنىغا بىر قانچە يىللار بولغان ئۇيغۇر زىيالىي ئەزىز سۇلايمان، ئۆزى ياشاۋاتقان شەھەر دائىرىسىدە ئۆز ئائىلىسىدىن باشقا ئۇيغۇر بولمىغان شارائىتتا ئائىلىسى بويىچە ئەتراپلىق تەييارلىق كۆرۈپ، لاگېر مەسىلىسى يورۇتۇلغان رەسىم ۋە تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى بىلەن 3-ئاينىڭ 30-كۈنى مېنفىس «مۇسۇلمانلار كۈنى كۆرگەزمىسى» گە قاتناشقان ۋە بەلگىلىك تەسىرات پەيدا قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 800 مىڭدىن 2 مىليونغا قەدەر ئۇيغۇر باشقا يەرلىك مۇسۇلمان مىللەتلەرنى لاگېرلارغا قامىشى بىلەن ھازىر چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن خەۋەر ئالالماي، لاگېرغا قامالغانلارنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكىدىنمۇ بىخەۋەر ياشىماقتا. ئۇيغۇرلار ئومۇميۈزلۈك ئۇچرىغان بۇ زۇلۇم ۋە ئازاب، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمى ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ئىلگىرى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ باقمىغان ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۈكۈتنى بۇزۇشقا، ھەتتا ئۆز ئالدىغا قولىدىن كېلىشىچە پائالىيەتلەرنى قىلىشقا تۈرتكە بولماقتا ئىكەن.
ئامېرىكانىڭ مېمفىس شەھىرىدە ئايالى ۋە ئىككى قىزى بىلەن ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز سۇلايمان ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى تېنىسى شتاتىدا تۇنجى قېتىملىق بىر ئۇيغۇر رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا سەۋەب بولغان.
ئەزىز ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، مېنفىس شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكەن ھەپتە مۇسۇلمانلار بايرام ھەپتىلىكى قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مېمفىس شەھىرىدىكى چوڭ كۆرگەزمە زالىدا مۇسۇلمان ئەل خەلقلىرى ئۈچۈن كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇلغان. ئۇ، بۇ كۆرگەزمىگە ئۆز ئائىلىسى ۋە ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن كەلگەن باشقا بىر قانچە ئۇيغۇر ئائىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە قاتناشقان. ئۇلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاجرىتىلغان كۆرگەزمە بۆلىكىگە ئاساسلىق ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىۋاتقان پاجىئەلىرى تەسۋىرلەنگەن سۈرەتلەرنى كۆرگەزمىگە قويۇپ، زىيارەتچىلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرگەن.
ئەزىز ئەپەندىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، 3 كۆرگەزمە زالىغا 30 نەچچە دۆلەتتىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتى تەسۋىرلەنگەن رەڭگارەڭ مەدەنىيەت ئۆرنەكلىرى قويۇلغان بولۇپ، 3-4 مىڭ زىيارەتچى قاتناشقان بۇ كۆرگەزمىدە يەنىلا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى تەسۋىرلەنگەن رەسىملەر ئالاھىدە پەرقلىق ھالدا ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ۋە لاگېر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان «سوئۇند ۋىسسېن مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى» ھەيئەت ئەزاسى ۋە شۇنىڭدەك مېمفىس مەسچىتىنىڭ ئىمامى مۇسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر كۆرگەزمىگە ئۇيغۇرلارنىڭ قاتناشقانلىقى ۋە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئۆزىنىڭ لاگېرلار مەسىلىنى ئاڭلىغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقانلىقىنى ۋە شۇندىن بۇيان ھەر جۈمە قۇتبىسىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان بۇ ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەر بىر مۇسۇلمان ھەر قانداق بىر ئىنسان باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، كىشىلەرنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ياردەم بېرىشكە چاقىرىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە ھازىر ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان قىرغىنچىلىققا، مەزكۇر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ۋە چىدىغۇسىز ئادالەتسىزلىككە قارىتا، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ئىنكاسى يېتەرلىك ئەمەس.
مۇسا ئەپەندى يەنە «سوئۇند ۋىسسېن مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى» ۋە باشقا مۇسۇلمان گۇرۇپپىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتىنى ئاۋۋال مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئاندىن داۋاملىق ئىجتىمائىي ساھەلەردە ۋە ھۆكۈمەتكە قەدەر كېڭەيتىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ يەنە ؛ «بۇ كۆرگەزمە ئارقىلىق ئەتراپتىكى مۇسۇلمان ۋە باشقا خەلقلەر ئۇيغۇر مەسىلىنى قىسقىچە چۈشەندى ۋە قىزىقتى، ئەمدى ئالدىمىزدا بىز بۇ يىللىق رامىزانلىق پائالىيەتلىرىمىزدە مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى قوللاشنى مەقسەت قىلغان چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرىمىز، تېنىسى شتاتىدىكى مەسچىتلەر بۇ يىللىق يىغىلغان زاكاتنىڭ 50%tini ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشقا سەرپ قىلىشنى قارار قىلدۇق» دەپ بىلدۈردى.
گەرچە تۇنجى قېتىملىق بىر كۆرگەزمە پائالىيىتى بولسىمۇ بۇ پائالىيەتنىڭ قوزغىغان تەسىرىدىن رىغبەتلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەزىز ئەپەندى، «ئۇيغۇرلار مەيلى بىرلىشىپ ۋە مەيلى يالغۇز بولايلى نىيەت قىلىدىكەنمىز، ئۇيغۇر ئۈچۈن پايدىلىق ئىش قىلىش پۇرسىتى يارىتالايدىكەنمىز، ئۆز ئائىلەم ۋە پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن توختاپ قالمايمەن» دەيدۇ.
ئەيدىز تارقىلىشىنى كونترول قىلىش قاتارلىق سەھىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئەزىز ئەپەندى، نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ يىللاردىن بۇيان توپلىغان كەسپىي تەجرىبىلىرىنى بۇ ساھەدىكىلەرگە تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ زور ئەيدىز تەھدىتىگە ئۇچرىغان ۋە ياردەمسىز قالغان بىر مىللەت ئىكەنلىكىگە قارىتا دىققەت قوزغاش ئۈچۈن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.