ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئامېرىكادا دىندىن ھالقىغان ئورتاق ئىنسانپەرۋەرلىك چاقىرىقىغا ئايلانماقتا (2)

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.04.19
abdul-malik-mujahit.jpg ئامېرىكادىكى تەسىرى كۈچلۈك مۇسۇلمان رەھبەرلىرىدىن ئىمام مالىك مۇجاھىد ئەپەندى ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئەركىنلىك مارشى» نامايىشىدا سۆز قىلماقتا. 2019-يىلى 6-مارت.
RFA/Eziz

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىدىن باشقا ئامېرىكانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار مەيلى شەخسىي ياكى ئاممىۋى پائالىيەتلەردە بولسۇن ۋە ياكى ئىجتىمائىي تارتقۇ ھەمدە تۈرلۈك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بولسۇن خىتاي لاگېرلىرىغا قامالغان ئاۋازسىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولماقتا.

لوس-ئانژېلىستا ياشايدىغان بىر خرىستىئان ئايال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ يېقىنقى بىر يەكشەنبە كۈنى چېركاۋدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش پائالىيىتىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمنى رەسمىي چۈشەنگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ ئايال بۇ پائالىيەتتە لاگېرغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرىتىنى تۇتۇپ تۇرۇپ گۇۋاھلىق بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىلىرىنى نەق مەيداندىن ئاڭلىغان. ئۇ بۇ پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنى تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندىمۇ جانلىق ھەم بىۋاسىتە ھالدا چۈشەنگەنلىكى بىلدۈردى:

«خېلىدىن بېرى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ كېلىۋاتقان ئىدىم. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى بىلەتتىم، ئەمما مەھەللىمىزدىكى چوڭ چېركاۋدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە خىتاي زۇلۇمىنىڭ قۇربانلىرى بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن يۈزمۇ يۈز ئۇچراشتىم. ئۇلار بىلەن دەرقەمتە ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ياش تۆكۈپ تۇرۇپ سۆزلىگەن ھېكايىلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ دەپ بەرگەنلىرى ماڭا ۋە چېركاۋىمىزغا كېلىۋاتقان كۆپچىلىككە بىۋاسىتە تەسىر قىلدى. ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەنمۇ يۈرەكنى ئېزىدىغان ئېغىر بىر ۋەزىيەتتە ئىكەن. ئەلۋەتتە، بىز بۇ ئېچىنىشلىق ھېكايىلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇلارغا ئاسانلىق تىلەپ دۇئا قىلىشتۇق. مېنىڭچە، بۇ كۇپايە قىلمايدۇ، ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشىمىز زۆرۈر دەپ ئويلايمەن.»

بۇ خانىم يەنە خىتاي رېجىمى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان خەتەر شۇنچە جىددىي بولسىمۇ، ئەمما دۇنيانىڭ ئىنكاسىنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ ياراتقۇچىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر ئارقىلىق ئىنسانلارنى سىناۋاتقانلىقىنى، بۇنى ئۇيغۇرلار ۋە ياكى باشقا مۇسۇلمانلارلا ئەمەس، بەلكى ھەر قانداق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئىنسانلارنىڭ چۈشىنىپ يېتىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالدى:

«ياراتقۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن ئەھۋالى ئارقىلىق بىر ئازابنى يۈرۈكىمىزگە سالدى. ئەمدى بىز ھەرگىز پەرۋاسىز يۈرەلمەيمىز!»
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى تىبەت ئاپتونوم رايونىدىمۇ داۋام قىلماقتا. خىتاينىڭ ئىلگىرى تىبەت ئاپتونوم رايونىغا تەيىنلىگەن پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن بۇيان ئۇ ئىلگىرى تىبەتتە يولغا قويغان قاتتىق سىياسەتلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدا سىناق قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. چېن چۈەنگونىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسەتلىرى خىتايدىلا ئەمەس، ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلار ئۇچراۋاتقان ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى دەپ قارالماقتا.

بۇ نۇقتىنى ئامېرىكادىكى تىبەت ئۇچۇر مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دۇنيا تىبەت پارلامېنتىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزالىرىدىن لابساڭ شاستېرىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ: 

«ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھازىر تولىمۇ جىددىي بولماقتا. بىز بۇ يەردە نەچچە ئون ئادەمنىڭ تۈرمىگە قامالغانلىقىنىڭ گېپىنى قىلمايۋاتىمىز، بەلكى بىر-ئىككى مىليون، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئادەمنىڭ ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇپ، يېپىق لاگېرلارغا قامىلىشىدەك ئېغىر مەسىلە ئۈستىدە سۆزلەۋاتىمىز. بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى ھۆكۈمەتلەر ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ جىددىي ھەرىكەت قوللىنىشىغا تېگىشلىك بىر مەسىلە. ئۇلار خىتاي بىلەن مۇناسىپ ھالدا دىپلوماتىك ئۇچرىشىش ۋە دىئالوگلار ئېلىپ بېرىپ، بۇ كرىزىسنىڭ ئاخىرلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشى لازىم. تىبەتلەرمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر جەھەتتىن ئوخشاشلا باستۇرۇشىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان بىر مىللەت، ئەمما ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەممىدىن جىددىي، ھەتتا تىبەتلەرنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر دەپ قارايمەن.» 

ئۇ يەنە دۇنيادىكى تىبەتلەرنى ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە جىددىي ۋە يېقىندىن ئاۋاز قوشۇشقا دەۋەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«ئۇيغۇرلار ئەڭ ياردەمگە موھتاج مۇشۇنداق بىر جىددىي پەيتتە بىز تىبەتلەر ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ كوپ ھەمكارلىقلارنى ئېلىپ بارالايمىز. چۈنكى بىز ئوخشاش بىر خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن دىنىي ئېتىقادى ئەركىنلىكى، سۆز ۋە پىكىر ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قېلىۋاتىمىز، ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىمىز باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ زۇلۇملاردىن قۇتۇلۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىرى ۋە يوللىرىنى بىرلىكتە ئىزدەپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ھەمكارلىشىشىمىز لازىم.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.