«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» تېمىسىدىكى يىغىننىڭ مۇلاھىزىلىرى (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.04.22
Zulqayde-Memet-MIT.jpg ماساچۇستېس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» ناملىق يىغىننىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى، مەزكۈر ئىنستىتۇتنىڭ بىئولوگىيە كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قىزى زۇلقايدە مەمەت يىغىندا سۆز قىلماقتا. 2019-يىلى 20-ئاپرېل. بوستون، ئامېرىكا.
Social Media

ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي بۆھراننىڭ خەلقئارادىكى چوڭ مۇھاكىمە تېمىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىمۇ بۇ ھەقتىكى قىزىقىشنىڭ باش كۆتۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم. ئامېرىكادىكى شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن بولغان خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ماساچۇستېس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىنى ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىن دېيىشكە بولىدۇ.

20-ئاپرېل كۈنى ئېچىلغان بۇ يىغىندا ماساچۇستېس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى جون تىرمان ئالدى بىلەن سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىدە بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى ھەمدە بۈگۈنكى بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنى ئېچىشتا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ھازىرقى رېئاللىقنىڭ «مۇھىم ۋە جىددىي بولغان بۇ مەسىلىلەر» دەپ قارالغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. شۇنىڭدەك بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ تەپسىلىي ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ بىئولوگىيە كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى زۇلقايدە مەمەتنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. 

زۇلقايدە سۆزىدە ئالدى قەدىمكى خىتاي پەيلاسوپلىرىدىن كوڭزىنىڭ «ئۆزۈڭگە راۋا كۆرمىگەننى باشقىلارغا ھەم راۋا كۆرمە» دېگەن مەشھۇر ئەقلىيەسىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق ئىنسان غۇرۇرىنىڭ شۇ قەدەر ئاياق-ئاستى بولۇشىغا شاھىت بولۇۋاتقان ھازىرقى دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زور پاجىئەلەرگە قاراپ تۇرماسلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارنى مەركەز قىلغان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن تاشقى دۇنياغا قانداق يالغانلارنى ئېيتىۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىشتىن تاكى كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ مۇئەسسەلەرنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرى» دەپ چۈشەنچە بەرگەنلىكلىرىنى بايان قىلىپ مېھرىگۈل تۇرسۇن، گۈلباھار جېلىلوۋا، ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ئۈچ شاھىتنىڭ سىنلىق بايانلىرىدىن پارچىلارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتىۋاتقان بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ قانداقتۇر «مەكتەپ» ئەمەس، بەلكى «ئۇيغۇر بولغانلىكى كىشىنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئازابلاش ئورنى» ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. 

ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا قاراپ تۇرۇپلا تىرىك يېتىمغا ئايلاندۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر گۆدەكلىرى، ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ بىرىگىمۇ يەتمەستىن لاگېرغا مەھكۇم بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى، مېھرى-مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلىپ بولغۇچە بەختى خازان بولغان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ تەقدىرى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى، ئەدىب، سەنئەتكار، تىلشۇناس، ئالىم قاتارلىقلارنىڭ ئورتاق بىر تەقدىرگە مۇپتىلا بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەبىئىي بايلىق ۋە «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى مەركەز قىلغان ھەقىقىي نىيىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ «ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش» مەقسىتىدە بۇ تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇ كىشىلەرنىڭ بۇنداق «كۈچلەر» گە ھېچقانداق قىلىپمۇ چېتىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

شۇنىڭ بىلەن بىرگە زۇلقايدە يەنە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوخشاش ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ئىلىم-پەننى يۈكسەلدۈرۈشكە قانداق كۈچ چىقىرىۋاتقان بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ئىلىم-پەن ۋە باشقا ساھەنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن چولپانلىرىنى يوق قىلىشقا خۇددى شۇ يوسۇندا كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى، ئەمما مىليونلىغان ئۇيغۇر قامالغان لاگېرلار ھەققىدە دۇنيا يەنىلا دەرگۇماندا بولۇۋاتقاندا غەرب دۇنياسىدىكى ئىلىم-پەن ساھەسىنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ۋاسىتىلىك ھەمدەمدە بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئەڭ چوڭ «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلاندۇرۇشىنىڭ ئەمەلىيەتتە غەرپتىكى يۈكسەلگەن پەن-تېخنىكىنىڭ ياردىمى بىلەن ئىشقا ئاشقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ ئىلىم-پەن دۇنياسىنى بۇ جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىغا شېرىك بولۇپ قالماسلىققا چاقىردى. 
شۇنىڭدىن كېيىن بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەزىز مېھمانلىرىدىن جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ تارىخىي سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، نۆۋەتتىكى باستۇرۇشنىڭ قانداقتۇر تاسادىپىي ھادىسە ئەمەسلىكىنى، 18-ئەسىردە چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ زېمىن كېڭەيمىچىلىكى جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنى دەپ قارايدىغان بۇ رايوننى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ ئىشغال قىلىپ «شىنجاڭ» دەپ ئىسىم قويغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئاسسىمىلياتسىيە تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزلىرىنى بۇ ماكاننىڭ يەرلىك ئاھالىسى دەپ قاراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل بۇ خىل ئاسسىمىلاتسىيەگە قارشىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ رايوننى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتاپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

پروفېسسور شان روبېرتسنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك» بىلەن باغلىنىشلىق بولغان ئۇيغۇرلار ھەرقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تەھدىت ھېسابلىنىدىكەن. ئەمما پروفېسسور شان روبېرتسنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان بۇ مۇئامىلىسى 1990-يىللاردىن باشلاپلا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. شۇ ۋاقىتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئەيىبلەپ كەلگەن بولسا، 2000-يىللاردا دۇنيا مىقياسىدىكى «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» دولقۇنىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىرلا يۇمىلاپ ئۆزىنى «تېررورلۇقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى» قىلىپ كۆرسەتكەن. شۇنداقلا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى» ۋە «تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى» قاتارلىق تەشكىلاتلارنى دەستەك قىلىپ ئۇيغۇرلارنى ئوساما بىن لادېن قاتارلىق شەخسلەرگە باغلاپ تېررورلۇقتا ئەيىبلەپ كەلگەن. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ئىزدىنىشلىرى ئاساسىدا بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئادەم كۈچى تولىمۇ چەكلىك بولغان گۇرۇپپىلار ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھېچقاچان خىتاي تەۋەسىدە قوراللىق قارشىلىق ھەرىكىتىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئىمكانىغا ئىگە بولۇپ باقمىغانلىقىنى، 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن بولسا «شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئارقىلىق سۈرىيەگە بېرىپ قالغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار» ھادىسىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇقتا ئەيىبلىشىگە دەستەك بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى ئىزچىل كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان «تېررورلۇق» ھادىسىسىنى يوقىتىش ئۈچۈن نۆۋەتتە بۇنىڭ بىلەن باغلىنىشلىق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى، دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى يوقىتىشنى، شۇ ئارقىلىق ھېچقاچان خىتاي كىملىكىنى قوبۇل قىلمىغان ئۇيغۇرلارنى بۇ رايوندىن پاك-پاكىز يوق قىلىۋېتىپ بۇ رايوننى خىتاي تېرىتورىيەسىگە قوشۇۋېتىشتەك ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيەنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۆزلىمەكتە ئىكەن. شۇڭلاشقا ھازىرقىدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىلا نەرسىسىنى تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە باغلاش ئۇرۇنۇشى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا «نەسەبىنى ئۈزۈپ تاشلاش، يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش، ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش، مەنبەسىنى كېسىپ تاشلاش» دېگەندەك شوئارلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ بارچە ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان «ئىرقىي تازىلاش» ھادىسىسىنىڭ باشلىنىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن. 

ئارقىدىن يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناس، دوكتور داررېن بايلېر سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غايەت زور مەبلەغ سېلىش ھېسابىغا ئۇيغۇرلارنى قانداق پاجىئەلەرگە مۇپتىلا قىلىشى ھەققىدە توختالدى. داررېننىڭ پىكرىچە، غايەت زور مىقداردىكى نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە باشقا تەبىئىي بايلىققا ئىگە بولغان بۇ ماكاندا «ئالتۇن سۈزۈش» ئۈچۈن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بۇ رايونغا كۆچۈپ كېلىشى ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن. بۇنىڭغا ماس ھالدا 1990-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ شەھەرلەرگە ئېقىشى بارلىققا كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە 2000-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا دىنىي ئېتىقاد ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان.

ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ «تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى» قوزغىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى، بىخەتەرلىك كامېرالىرى، تۈرمىلىرى، لاگېرلىرى دېگەنلەر 2010-يىللاردىن باشلاپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ساھەلەرگە سەرپ قىلغان خىراجىتى 2015-يىلىلا يەتتە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. يۇقىرى پەن-تېخنىكىغا سەرپ قىلىنغان بۇ خىراجەتلەر ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتكۈل ئاھالىنىڭ گېن ئەۋرىشكىسى، قان ئەۋرىشكىسى دېگەنلەرنى توپلاپ بولغان. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا نومۇر قويۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق دەسلەپكى قەدەمدە «ئەسەبىي كىشىلەر» نىڭ ئىسىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىققان. بۇنىڭ بىلەن پاسپورت ئالغان، چەتئەلگە چىققان، دىنىي ئېتىقادقا ئىگە بولغان دېگەندەك بىر قاتار ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى باشلانغان. 

داررېن بايلېرنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان بۇ خىلدىكى «تېررورلۇق كاپىتالىزمى» ئەندىزىسىدە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار نوپۇسىنىڭ 60 پىرسەنتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇيغۇرلار دىيارىدا بولسا بىخەتەرلىك ۋە بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ زور ئىستىقبالى يارىتىلغان. ئۇيغۇرلار بۇ خىل ئومۇميۈزلۈك نازارەت سىستېمىسىنى «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» دەپ تەسۋىرلەۋاتقان ھەمدە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ئېتىقاد، تىل، ئائىلە ۋە مەدەنىيەتنى يوقىتىشنى نىشان قىلغانلىقىنى كۆرسىتىۋاتقان بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى «مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك ۋە ئۇزاق مەزگىللىك مۇقىملىق» ئۈچۈنلۈكىنى تەكىتلىگەن. شۇ جايدىكى ئۇيغۇرلار «ئۇيغۇرلار ھايات. ئەمما بىزنىڭ روھىمىز قاماقتا. بۇ روھ بولسا باشقا بىر دۇنيادا ئەرۋاھلاردەك كېزىپ يۈرمەكتە» دەۋاتقاندا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ «تۇغقان» بولۇۋالغان خىتاي كادىرلارنىڭ بىرى «ھازىر نەگىلا بارساق ئۆزىمىزنى شۇنچە بىخەتەر ھېس قىلماقتىمىز» دېگەن. 

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار. بۇ پروگراممىمىزنىڭ قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.