ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات مۇدىرى: «خىتاي 1-نومۇرلۇق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەھدىتىدۇر»

0:00 / 0:00

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكادا خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان تونۇشنىڭ ئارتىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە، جۈملىدىن ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت ئاساسىي پرىنسىپلار ئاساسىدا شەكىللەنگەن دۇنيا تەرتىپىگە پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتى ھەر پۇرسەتتە تىلغا ئېلىنماقتا.

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات مۇدىرى جون راتكلېف 4-دېكابىر كۈنى ئامېرىكانىڭ نوپۇزلۇق ژورناللىرىدىن «ۋال-سىرىت ژورنىلى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان «خىتاي 1-نومۇرلۇق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەھدىتى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. جون راتكىلېفى ماقالىسىنى «بېيجىڭنىڭ دۇنيانى قايتا شەكىللەندۈرۈش ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى تۇرۇش دەۋرىمىزنىڭ رىقابىتى» دېگەن كىچىك تېما بىلەن باشلاپ تۆۋەندىكىلەرنى دېگەن:

«مەن ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات مۇدىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتتىن قالسىلا، ھۆكۈمەتتىكى باشقا ھەرقانداق بىر كىشىگە قارىغاندا ئەڭ كۆپ ئىستىخباراتقا ئېرىشىش ھوقۇقىغا ئىگىمەن. مەن ئىستىخبارات ئورگانلىرىنى نازارەت قىلىمەن، مېنىڭ ئىشخانام پرېزىدېنتقا دۆلىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ھەققىدە كۈندىلىك مەلۇمات تەييارلايدۇ. ئەگەر مېنىڭ بۇ ئۆزگىچە مەۋقەدە تۇرۇپ، ئامېرىكا خەلقىگە بېرەلەيدىغان بىر مەلۇماتىم بار بولسا، ئۇ ھالدا ئۇ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۈگۈن ئامېرىكاغا ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكى، شۇنداقلا دۇنيا دېموكراتىيەسى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈنمۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ زور تەھدىت ئىكەنلىكىدۇر.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئىستىخبارات ئېنتايىن ئېنىق: يەنى بېيجىڭ ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە پەن-تېخنىكا جەھەتتە ئامېرىكا ۋە يەرشارىنىڭ باشقا جايلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلماقچى. خىتاينىڭ نۇرغۇن چوڭ قۇرۇلۇش پىلانلىرى ۋە داڭلىق شىركەتلىرى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يوشۇرۇن ھەرىكەتلىرىنىڭ پەقەتلا ئىنايىن ئاز بىر قىسمىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەن ئۇنىڭ ئىقتىسادىي جاسۇسلۇق ئۇسۇلىنى ‹بۇلاش، كۆپەيتىش ۋە ئورنىنى ئېلىش› دەپ ئاتايمەن. خىتاي ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ تېخنىكىلىرىنى ئوغرىلىدى، ئاندىن ئۇنى تەقلىد قىلىپ كۆپەيتتى ۋە ئاندىن ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ دۇنيا بازىرىدىكى ئورنىنى تارتىۋالدى.»

جون راتكلېفنىڭ ماقالىسىدە كۆرسىتىشىچە، 2018-يىلى خىتاينىڭ «Sinovel» شېركىتىنىڭ «ئامېرىكا دەرىجىدىن تاشقىرى ئۆتكۈزگۈچ گۇرۇھى» نىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىغانلىقىنىڭ ئاشكارىلىنىپ، خىتاي شىركىتىگە جازا بېرىلگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا شېركىتى تارتقان زىياننى تولدۇرۇۋېلىش مۇمكىن بولمىغان. بۇ ئوغرىلىق نەتىجىسىدە ئامېرىكا شىركىتىنىڭ پايچېكى قىممىتى 1 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق چۈشۈپ كەتكەن ۋە 700 خىزمەت ئورنى قىسقارتىلغان. جون راتكلېف ۋەزىيەتنى مۇنداق دەپ تەسۋىرلىگەن: «بۈگۈنكى كۈندە سىنوۋېل ئوغرىلىق بىلەن ئەمەس، خۇددى ئەقىل-پاراسەت ۋە جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق قانۇنلۇق ھالدا سودا قىلىۋاتقاندەك شامال تۇرۇبىنىسىنى دۇنيا مىقياسىدا سېتىۋاتىدۇ.»

جون راتكلېف ماقالىسىنىڭ داۋامىدا خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغېرىلاش ۋەقەلىرىگە ئائىت يەنە بىر مۇنچە مىساللارنىمۇ كۆرسەتكەن ۋە «خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقىنىڭ ئامېرىكاغا يىلىغا 500 مىليارد دوللار زىيان سالغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئىككىنچى قەدەمدە ئۇ خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ ھەربىي تېخنىكىلىرىنى ئوغرىلاش مەسىلىسىدە توختالغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى دېگەن: «خىتاي يەنە شى جىنپىڭنىڭ تاجاۋۇزچىلىق پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇنى دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ھەربىي كۈچكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ ئەڭ سەزگۈر مۇداپىيە تېخنىكىلىرىنى ئوغرىلىدى. ئامېرىكا ئىستىخباراتىنىڭ ئىگىلىشىدىن قارىغاندا، ئۇلار ھەتتا بىئولوگىيەلىك ئىقتىدارغا ئىگە ئەسكەرلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىرىش ئۈچۈن خىتاي خەلق ئارمىيەسى ئەزالىرىغا قارىتا سىناق ئېلىپ بارماقتىكەن. دېمەك، بېيجىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئەخلاقىي چەكلىمىلەر بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ.»

جون راتكلېف ماقالىسىدە يەنە خىتاينىڭ يېڭىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇۋاتقان يۇقىرى تېخنىكىلاردىمۇ ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ خۇاۋېي قاتارلىق زور شېركەتلىرىنىڭمۇ پۈتۈنلەي يۇمشاق دېتاللارغا يوچۇق كىرگۈزۈش ئارقىلىق جاسۇسلۇق ۋە خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى ئەگەر خىتايغا تەۋە بۇنداق تېخنىكىلارنى ئىشلەتسە، ئامېرىكانىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن ھەل قىلغۇچ ئىستىخباراتلارنى ئورتاقلىشىشىغا زور دەرىجىدە چەكلىمە ئەپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكادىكى شىركەتلىرى ۋە ئۇ شىركەتلەردە ئىشلەيدىغان مىڭلىغان ئىشچىلارنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ، خىتايغا قارىتا تەنقىدىي پوزىتسىيەدە بولۇۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنى تەسىر ئاستىغا ئېلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنى بۇ پوزىتسىيەسىدىن ۋاز كېچىشكە قىستاپ كەلگەنلىكىنى مىسال بىلەن چۈشەندۈرگەن. ئۇ خىتاينىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ۋە كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنى نىشان قىلغان تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە روسىيەنىڭكىدىن ئالتە ھەسسە، ئىراننىڭكىدىن 12 ھەسسە كۆپلىكىنى بايان قىلغان.

راتكىلېف يەنە خىتايغا قارىتىلغان دىققەتنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىستىخباراتقا ئاجرىتىلغان 85 مىليارد دوللارلىق فېدېراتسىيە خامچوتىدىن مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخباراتىنىڭ مۇدىرى بولغان جون راتكلېف دېگەن يۇقىرىقى سۆزلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى باھالاپ: «ئامېرىكا مانا ئەمدى خىتاي كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى خىتاينى چىن مەنىسىدىن تونۇپ يەتتى. خىتاينىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تەھدىتلىكىنى، بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. ئامېرىكا ئىستىخباراتىنىڭ بۇنداق دېيىشى ئامېرىكادىكى ھەر ئىككى پارتىيەدىن بولغانلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئورتاق تونۇشىنىڭ مۇشۇ يۆنۈلۈشتە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ،» دېدى. ئۇ يەنە بۇنىڭ ئامېرىكانىڭ غەربتىكى شېرىك دۆلەتلىرى ئۈچۈنمۇ بىر جىددىي سېگنال بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات مۇدىرى جون راتكلېف ماقالىسىنىڭ داۋامىدىمۇ ئامېرىكادىكى بۇ كۆزقاراش بۇرۇلۇشنى گەۋدىلەندۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرى ئىچىدە ھازىر تەپەككۇر ئۆزگىرىشى ۋە ساغلام بولغان مۇنازىرە ئالىقاچان يۈز بېرىۋاتىدۇ. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە مەيدانغا كەلگەن تالانتلىق ئىستىخبارات ئانالىزچىلىرىغا نىسبەتەن، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە روسىيە ئىزچىل دىققەت مەركىزى بولۇپ كەلدى. بۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا چوڭ بولغانلارغا نىسبەتەن بولسا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى. ئەمما بۈگۈن بىز ئالدىمىزدىكى پاكىتلارغا سەگەكلىك بىلەن قارىشىمىز كېرەك، چۈنكى ئۇ شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، خىتاي ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك خىزمىتىنىڭ ئەڭ مەركىزىي نوقتىسى بولۇشى كېرەك.»

جون راتكلېف باشقا دۆلەتلەرگىمۇ خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن: «باشقا دۆلەتلەرمۇ بۇنىڭ ئۇلارغىمۇ باپ كېلىدىغانلىقىنى چۈشىنىشى كېرەك. دۇنيا بىر-بىرىگە پۈتۈنلەي ماسلاشمايدىغان ئىككى ئىدېئولوگىيە ئوتتۇرىسىدا تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە. خىتاي رەھبەرلىرى شەخسنىڭ ھوقۇقىنى كومپارتىيىنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇندۇرۇشنى كۆزلەيدۇ. ئۇلار ھۆكۈمەتنى كونترول قىلىپ، نازارەت-تەقىب سىستېمىسى بىلەن پۇقرالارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكى ۋە ئەركىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.»

جون راتكلېف ماقالىسى ئاخىرىدا يەنە تۆۋەندىكىدەك مۇھىم نوقتىنى تەكىتلىگەن: «بىز بېيجىڭنىڭ دۇنيانى قايتىدىن قاراڭغۇلۇققا سۆرەپ كىرىش تىرىشچانلىقىنى ئۆزلىكىدىن مەغلۇب بولىدۇ، زامانىۋى دەۋردە ياخشىلىق ھامان غالىب كېلىدۇ، دەپ ئويلىماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى خىتاي ئۆزى باشچىلىق قىلمىغان دۇنياۋى تەرتىپنى تارىخىي خاتالىق، دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇنى ئۆزگەرتىشكە ۋە ئەركىنلىكنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىشىنى توسۇشقا ھەرىكەت قىلىدۇ. بېيجىڭ ئامېرىكا بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا توقۇنۇشۇشقا تەييارلىق قىلماقتا. شۇڭا ۋاشىنگىتونمۇ بۇنىڭغا تەييارلىنىشى كېرەك. ھەرقايسى پارتىيەلەر پەرقلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ ھەمكارلىشىشى، بۇ ھەقتە ئوچۇق-ئاشكارە سۆزلىشى ۋە تەدبىر قوللىنىشى كېرەك.»

ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ خىتاينى بۇنداق چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىدە بۇ قېتىملىق تاجىسىمان ۋىرۇسى زور رول ئوينىغان. ئۇ «تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇچۇرنى قامال قىلىۋېلىشى نەتىجىسىدە دۇنياغا كەڭ يېيىلىپ زور بالايى-ئاپەت كەلـتۈرۈپ چىقىرىشى ئامېرىكانى ئويغاتتى. ئۇلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەخلاقتىن يىراق ۋە مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى،» دەيدۇ.

جون راتكلېف ئامېرىكا جامائىتىگە خىتابەن يازغان ۋە زور دىققەت قوزغىغان بۇ ماقالىسىنى تۆۋەندىكى جۈملىلەر بىلەن ئاياقلاشتۇرغان: «بۇ بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ رىقابىتى. ئامېرىكالىقلار فاشىزمنىڭ بالايى-ئاپەتلىرىنى يېڭىپ، تۆمۈر پەردىنى چۈشۈرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئىزچىل قەد كۆتۈردى. بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەر خىتاينىڭ دۇنيانى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش ۋە ئامېرىكانىڭ دۇنيادىكى يېتەكچى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇشتەك ئورنىنى تارتىۋېلىش ھەرىكىتىگە قايتۇرغان ئىنكاسىمىز بىلەن تارىخ ئالدىدا باھالىنىمىز. پاكىتلار ئېنىق، ئۇ ھالدا بىزنىڭ ئىنكاسىمىزمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك.»