ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى 17-يانۋار ۋىرگىنىيە شتاتىنىڭ پرىنس ۋىليام ناھىيەسىدىكى ئالما مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر شىركەتنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىگە شېرىك بولۇپ قالماسلىققا چاقىرىدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاخىرلاشتۇرۇش باش تېمىسىدىكى نامايىش قىلىش ھەرىكىتىنى ئۆتكەن يىلى دېكابىردا باشلىغان ئىدى.
بۇ نۆۋەتلىك نامايىش شۇ خىلدىكى نامايىشلارنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، نامايىش بۇرۇنقىدەكلا تىنچ يوسۇندا داۋام قىلدى.
نامايىشچىلار قوللىرىدا «جازا لاگېرلىرى تاقالسۇن»، «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئەھدەڭلەرگە ئاسىيلىق قىلدىڭلار» دېگەن شوئارلار چۈشۈرۈلگەن پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈشكەن ئىدى.
«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» بۇ يىل سېنتەبىردە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىدا مۇتلەق يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان ۋە كېڭەش پالاتاسىغا سۇنۇلغان ئىدى.
ھالبۇكى، قانۇن ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي «ئالما»، «نايكى» ۋە «كوكا-كولا» قاتارلىق شىركەتلەر مەزكۇر قانۇننى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.
ئەينى چاغدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ پروگرامما دىرېكتورى ماكس گېلبېر يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شىركەتلەر «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» غا قارشى باشلىغان ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مەزكۇر قانۇننىڭ ئوڭۇشلۇق ماقۇللىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ئەلفىدار ئىلتەبىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ خىلدىكى نامايىشلارنى ھەر ھەپتە بىر قېتىم ئوخشىمىغان ئورۇنلاردىكى «ئالما» ياكى «نايكى» مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىنىڭ ئالدىدا ئىزچىل داۋام قىلىدىكەن.