ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئانتروپولوگ ماگنۇس فىسكەسيۆ ئۇزۇن يىل خىتايدا ياشىغان بىر تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان سىياسىتى ئۈستىدە كۆپ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلماقتا. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان لاگېر تۈزۈمى ۋە باشقا سىياسەتلىرىنى خېلى بۇرۇنلا ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارغا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ يېقىندا «خىتاي قانىلى» ناملىق تور بەتتە «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىرقچىلىق» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ، كىشىلەرگە بەك تونۇشلۇق بولمىغان خىتاي جاھانگىرلىكى ۋە خىتاي ئىرقچىلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاپتورنى زىيارەت قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.
دوكتور ماگنۇس فىسكەسيۆ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسەتلىرى، مىليونلىغان ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قاماش ۋە ھەتتا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىدىن كېيىن خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئەۋج ئالغان قارا تەنلىكلەرنى ئوچۇق–ئاشكارا كەمسىتىش ۋەقەلىرىگىچە ھەممىسىنىڭ قوزغاتقۇچ ئامىلنىڭ خىتايدا ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولغان ئىرقچىلىققا مۇناسىۋەتلىكىنى بىلدۈردى.
«خىتايدا ئىرقچىلىق ئىنتايىن كەڭ تارقالغان. سىز ئۇنى نۇرغۇن كىشىلەردە بايقايسىز. خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمىي بايانلىرىدا بۇنى قەتئىي ئېتىراپ قىلمايدۇ، خىتايدا ئىرقچىلىق يوق، دەيدۇ. بىراق بۇ خاتا. ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەتلىرى، بىر مىللەتنى پەقەت مىللىتى سەۋەبىدىن لاگېرلارغا قامىشىنىڭ ئۆزى بىر ئىرقچىلىق. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارغا ئىرقىي زوراۋانلىق سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ شەخسى تەجرىبەمنى ئېلىپ ئېيتسام، خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئايرىم پاراڭلاشقان ۋاقتىڭىزدا ئۇلارنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن دۇنياغا نىسبەتەن ئىرقچى كۆز قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. خىتاي رەسمىي سىياسەتلىرىدە ئىرقچىلىق مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلمىسىمۇ، نۇرغۇنلىغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن ئادەتتىكى پۇقرالارغىچە ئىرقچىلىق خاھىشى سىڭىپ كەتكەن. ئۇلار دۇنيانى ئىرقلار بويىچە چۈشىنىدۇ ۋە خىتاينى بىرىنچى نومۇرلۇق ئىرق دەپ قارايدۇ.»
ماگنۇس فىسكەسيۆ يەنە خىتاي ئىرقچىلىقىنىڭ دۇنيادا بەك بىلىنمەسلىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنەلمەسلىكىگە سەۋەب بولدى، چۈنكى كىشىلەر ئىرقچىلىق ئۇقۇمىنى غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنىۋالغان» دەيدۇ.
شۇڭا ئۇ ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ خەلقئارادا يېتەرلىك نارازىلىققا دۇچ كەلمەسلىكى، ھەتتا ئىرقچىلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ئىرقچىلىقىغا ئائىت پولاتتەك پاكىتلار ئالدىدىمۇ سۈكۈت قىلىشى، ب د ت دا خىتاينى قوللاپ ئاۋاز بېرىشىدىكى سەۋەبلەرنى نوقۇل خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى ھاكىمىيەتلىرىنىڭ مۇستەبىتلىكىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈش يېتەرسىز، دەپ مۇلاھىزە قىلغان.
ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن: «ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن كىشىلەر خىتايدىمۇ سىستېمىلىق ئىرقچىلىق مەۋجۇتلۇقىنى، ئۇنىڭ يىلتىزلىرىنىڭ خىتاي ئىمپىرىيەسىگىچە تۇتىشىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. خىتاينىڭ ئىرقچىلىقىمۇ باشقا نۇرغۇن شەكىللىرىگە ئوخشاش، ئىمپېريالىستلارنىڭ ئۆزىنى ئۈستۈن كۆرۈشىدىن كېلىپ چىققان. ئۇ بويسۇندۇرۇلغان، مۇستەملىكە قىلىنغانلارنى جۈملىدىن كۆپىنچە ھاللاردا بىر قەدەر قويۇق تەنلىك ئادەملەرنى ئىپتىدائىي، ئەخمەق ۋە قالاق دەپ قاراشتەك بىر تەرەپلىمىلىكتە ئىپادىلەنگەن. بىز بۇنداق ئىرقچى بىر تەرەپلىمە قاراشلار زەنجىرىنى بۈگۈن شىنجاڭدا كۆرۈۋاتىمىز. نۇرغۇن تەرەپلەردىن قارىغاندا شىنجاڭ زامانىۋى خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ، ئۇ يەردىكى كۆچمەن مۇستەملىكىچى ئىدىيەدىكى خىتايلار ھەمىشە يەرلىك خەلقلەرگە بىر تەرەپلىمە قارايدۇ. بۇ خىتاينىڭ سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان رەزىل تور ئىرقچىلىقىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ.»
ماگنۇس فىسكەسيۆ سۆھبىتىمىزدە مۇنداق دەيدۇ: «19-20-ئەسىرلەردە ياۋروپانىڭ مۇستەملىكىچى كۈچلىرىنىڭ دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى بويسۇندۇرۇشى نەتىجىسىدە غەرب كېڭەيمىچىلىكى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئىرقچىلىق ۋەقەلىرى دۇنيا تارىخىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى تەشكىل قىلغان. بۇ ۋەقەلەر كىشىلەرنىڭ تارىخنى چۈشىنىشتىكى ئاساسىي لىنىيەسى بولغان. نەتىجىدە كىشىلەر ئىرقچىلقىنىڭ باشقا جايلاردىمۇ مەۋجۇتلۇقىنى ئۇنتۇپ قالدى، خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى ئىرقچىلىقى كۆلەڭگە ئاستىدا قالدى. مەن بۇ ماقالەم ئارقىلىق كىشىلەرگە خىتايدىكى ئىرقچىلىقنىڭمۇ تارىختىكى غەرب كېڭەيمىچىلىكىگە ئوخشاش ئىمپېرىيالىزىملىققا تۇتىشىدىغانلىقىنى، 19-ئەسىردە ياۋروپالىقلار ئافرىقىغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغانغا ئوخشاشلىقىنى چۈشەندۈرمەكچى بولدۇم»
ماگنۇس فىسكەسيۆ ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئىشغالچىلىق تارىخى ھەققىدە ئوقۇرمەنلەرگە مۇنداق مەلۇمات بەرگەن: «زامانىۋى خىتاي ھۆكۈمەتلىرى ئىزچىل ھالدا ئۆزلىرىنى جاھانگىرلىكنىڭ قۇربانى سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان، ئۇلار بۈگۈنكى خىتاي خەرىتىسىنىڭ قانلىق ئىشغاللار بىلەن تولغان جاھانگىرلىك تارىخىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن يۈزلىشىشنى رەت قىلدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ زېمىنى ئەڭ ئاخىرقى رەسمىي ئىمپېرىيە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بىر قاتلانغان. شۇ سەۋەبتىن خىتاي خەرىتىسى بۈگۈنكىدەك ھالەتتە. ئارقىدىنلا ئۇ زامانىۋى مىللىي دۆلەت سۈپىتىدە ئېلان قىلىندى. شۇندىن بېرى چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ كېڭەيمىچىلىكىدىن قالغان مىراسلار قايتا ھەل قىلىنمىدى، ھەتتا ئۇنداق قىلىش چەكلەندى. بۈگۈنكى مەكتەپلەردە خىتاينىڭ ‹ھەمىشە تىنچ› ئىكەنلىكى ئۆگىتىلىدۇ، بۇ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر يالغانچىلىق.»
ماگنۇس فىسكەسيۆ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى مەكتەپلەردە بالىلىرىغا ھازىرقى خەرىتىنى كۆرسىتىپ، مانا بۇ بىزنىڭ خەرىتىمىز ۋە بۇ ئەزەلدىن مۇشۇنداق ئىدى، دەپ ئۆگەتتى. ھەرگىزمۇ بىزنىڭ زېمىنىمىز كېڭەيمىچىلىك نەتىجىسىدە بۈگۈنكىدەك كېڭەيگەن دېمىدى. دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ شۇنداق. خىتاينى چۈشەنمەكچى بولغان بىرىسى قاراپلا خىتاينىڭ بۈگۈنكى خەرىتىسىنى كۆرىدۇ ۋە ئۇنى ئەزەلدىن مۇشۇنداق ئىدى، دەپ ئوقۇيدۇ. ھېچكىم ئۇلارغا بۇ خەرىتىنىڭ بىر تارىخى بارلىقىنى ئېيتىمىغان».
ماگنۇس فىسكەسيۆ خىتاي ھازىرقى زامان دۆلەت ئۇقۇمىنىڭ ئاساسى «مىللىي دۆلەت»، ئۇ خىتايلارنى باشقا مىللەتلەردىن ئۈستۈن كۆرۈشتەك «خىتاي ئۈستۈنلۈكى» ئاساسىدا قۇرۇلغان، دەيدۇ.
«كوممۇنىستلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىن ئىلگىرى، ئۇلار ئىدېئولوگىيەسىنى «خەلقئاراچىلىق» ۋە جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش دەپ جاكارلىغان. ئۇلار ھەتتا خىتاي ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان خەلقلەرگە، جۈملىدىن تىبەت، ئۇيغۇر، مىياۋ قاتارلىق مىللەتلەرگە مۇستەقىللىقىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. بۇنىڭ ھۆججەتلىك پاكىتلىرى بار. 1949-يىلدىن كېيىن، ئۇلار ۋەدىسىدىن يېنىۋالدى. كوممۇنىستلار رەسمىي بايانلىرىدا يۇقىرىدىكى توپلۇقلارنىڭ ھەممىسىنى گېنېتىكىلىق ‹خىتاي› دەپ، ئۇلارنى دۆلەتنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى، دېدى. خىتايلار ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى قەغەزدە بولسىمۇ ئېتىراپ قىلغان، ھازىرقى تەرەققىياتتىن قارىغاندا، خىتاي ئەمدى بۇنىمۇ يوقىتىدىغان ئوخشايدۇ. ئۇلار ھازىر مىللىي رەھبەرلەرنى خىتاي رەھبەرلەر بىلەن ئالماشتۇرۇۋاتىدۇ، شەرقىي تۈركىستاندىلا ئەمەس، باشقا جايلاردىمۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىنى قوللىنىشىنى چەكلەۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ھەرىكەتلىرى خۇددى ئۇلار ئەتىلا بىز بۇ مىللەتلەرنى خالىمايمىز، ئۇلارنى يوقىتىمىز ۋە بىز ھەممىمىز بىرلا مىللەت خىتاي بولىمىز، دەپ جاكارلايدىغاندەكلا كۆرۈنىدۇ. دەماللىققا بولمىسىمۇ، ئاخىرقى نىيىتى شۇنداقتەك قىلىدۇ. ئەپسۇسكى، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە سىياسەت پىلانلىشىغا ياردەم بېرىۋاتقان خىتاي تەتقىقاتچىلارنىڭ ئورتاق كۆز قارىشى».
دوكتور ماگنۇس فىسكەسيۆ ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشى بىلەن نەتىجىلىنىۋاتقان ئىرقچىلىق ھەققىدە تۆۋەندىكىدىكىلەرنى دېگەن: «بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا ناتسىستلار ئۇسلۇبىدىكى مىللەتنى ساپلاشتۇرۇش يەنى خىتاي ئىمپېرىيەسىگە ۋارىسلىق قىلغان مىللەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى يوقىتىش مەقسەت قىلىنغان ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسى قوللىنىلىۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى خىتايدىكى دۆلەت ئىرقچىلىقى قاچان دۇنيا تەرىپىدىن ۋە ھەتتا خىتاي خەلقىنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن كەڭ ئېتىراپ قىلىنىپ رەت قىلىنمىغۇچە ئۇنىڭ يوقىلىشىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.»