پرېزىدېنت جو بايدىننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەكې سۇللىۋان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىلمىشلىرى سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ خىتايغا بەدەل تۆلىتىشكە تەييار تۇرۇشى كېرەكلىكنى بىلدۈردى.
سۇللىۋان 29-يانۋار ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ شىنجاڭدا نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقى، خوڭكوڭدا قىلىۋاتقان ئىشلىرى، تەيۋەنگە قاراتقان قوپاللىقى ۋە تەھدىتى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا، شۇنداقلا ئۇنى بەدەل تۆلىتىشكە تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك.»
ئۇ، ئامېرىكىنىڭ قانداق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي توختالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ۋاشىنگتوننىڭ بۇ مەسىلىلەردىكى مەۋقەسىنىڭ ئېنىق ۋە ئىزچىل بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
بايدېن ھۆكۈمىتى كىلىمات ئۆزگىرىش قاتارلىق مەسىلىلەردە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما سابىق پرېزىدېنت دونالد ترامپ خىتايغا قاراتقان قاتتىق چەكلىمە سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بايدىننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېن ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ تۇنجى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن. ئۇ، 27-يانۋار كۈنى مۇخبىرلارنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن چىقارغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارى» ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ‹ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ› دېگەن ھۆكۈمۈم يەنىلا ئەسلىدىكىدەك. ئۇنىڭدا ئۆزگىرىش بولغىنى يوق.»
ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 19-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا بايدىن ھۆكۈمىتى يەنە، خىتاي تەيۋەنگە ھەربىي تەھدىت سېلىشنى كۈچەيتكەن مەزگىلدە «تېئودور روزۋېلت» ناملىق ئاۋىئاماتكىسىنى تەيۋەن بوغۇزى ئارقىلىق جەنۇبىي دېڭىزغا ئەۋەتكەن ۋە تەيۋەننى قوللاپ كۈچلۈك بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تەيبېيگە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ «مۇستەھكەم» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.