ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان برۇكىڭس ئىنستىتۇتىنىڭ جون ل. تورنتون خىتاي ئىشلىرى مەركىزى «ئامېرىكانىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىگە نەزەر» تېمىسىدا بىر تور مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردى. مەزكۇر يىغىن بۈگۈن ئۇيغۇر ئېلىدا قانداق ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ؟ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىگە ئامېرىكا قانداق جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك؟ قايسى چارە ۋە ئىستراتېگىيەلەر بېيجىڭنى سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىيالايدۇ؟ ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ قولىدا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە يارايدىغان قانداق كوزۇرلار بار؟، دېگەن تېمىلار بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا سىياسەت، پەن-تېخنىكا ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر قاتنىشىپ سۆز قىلدى.
يىغىندا ئالدى بىلەن برۇكىڭس ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى جون ئاللېن ( John R. Allen) كىرىش سۆزى سۆزلىدى. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ خەلقئارا جامائەتنىڭ زور دىققىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى، بولۇپمۇ بۇنىڭ خىتاينىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىدە تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى، ئامېرىكانىڭ ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇ مۇسابىقىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشىنىڭ خىتايغا بېرىلگەن ئىنتايىن مۇھىم سىگناللىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن ئامېرىكانىڭ داۋاملىق ھالدا بۇ زۇلۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ يولىنى ئىزدىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ برۇكىڭىس ئىنستىتۇتىنىڭ بۇ مەسىلىدە ناھايىتى چوڭقۇر ۋە كەڭ كۆلەملىك تەتقىقاتلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، ئاممىغا ئوچۇق بۇ يىغىننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ئىزدىنىشلارنىڭ ئىنتايىن ئاز قىسمىغىلا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە: «بىز تەرەپسىز ۋە مۇستەقىل تەتقىقات ئورگىنى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تەتقىقاتلىرىمىز ئاساسىدا سىياسەت مەسلىھەتى بېرىمىز. بىزنىڭ قارىشىمىزچە شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقانلار بىزنىڭ كۈچلۈك يوسۇندا دىققەت قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ مەركىزىدىكى ئىنتايىن مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدۇر.» دېدى.
ئۇ ئامېرىكادا ئامما ئىچىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان تونۇشنىڭ ئارتىۋاتقانلىقى ھەم شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇ زۇلۇمنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ بېكىتىش، قانۇن چىقىرىش، جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ۋە بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، «بۈگۈنكى يىغىن ئارقىلىق بىز يەنە قانداق ئىشلارنى قىلالايمىز، دېگەنگە جاۋاب تېپىشنى ئارزۇ قىلىمىز»، دېدى.
بۇ يىغىن ئېچىلغان 24-فېۋرال كۈنى دەل رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىناغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان كۈنى بولغاچقا جون ئاللېن ئەپەندى سۆزىدە بۇ ھەقتىمۇ ئالاھىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى:
«مەن بۇ يىغىننى ئاڭلاۋاتقانلارغا 4-فېۋرال كۈنى رۇسىيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرى ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتنى كۆرۈپ بېقىشنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن. مەن بۇ باياناتنى بۇ ئىككى دىكتاتور رەھبەرنىڭ دۇنيانىڭ تەرتىپى ھەققىدە خەلقئاراغا قىلغان خىتابى دەپ قارايمەن. بۇ ئورتاق باياناتتىن كۆرۈنۈپ تۇرغىنىدەك، روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىغا خىتاينىڭ يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەنلىكىگە ئىشەنمەسلىك ئۈچۈن ھېچقانداق سەۋەبىمىز يوق. ئۇكرائىنادا مەيدانغا كېلىۋاتقان ئۆلۈم ۋە ۋەيرانچىلىقتا ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيىتى بار. مانا بۇ بىزنىڭ كۈچلۈك دىققىتىمىزنى قوزغاشقا تېگىشلىك بىر مەسىلىدۇر».
جون ئاللېن ئەپەندى سۆزىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن بۇ يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان لورا روسېنبېرگېر ( Laura Rosenberger) خانىمنى تونۇشتۇردى. لورا خانىم ئامېرىكا پرېزىدېنتنىڭ ئالاھىدە ياردەمچىسى ۋە ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ خىتاي ۋە تەيۋەن مەسىلىسى بويىچە ئالىي دىرېكتورى بولۇپ سۆھبەت يىغىنىدا ئۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۈن تەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. لورا خانىم سۆزىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە سالام بېرىپ مۇنداق دېدى:
«2010-يىلى مەن ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاننى بىۋاسىتە زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ئىنتايىن باي ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، يېمەك-ئىچمەكلىرى ۋە ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى بىلەن تونۇشتۇم. مەن شۇ چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېسىمغا قارشى زور چىدامچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدىم. سىلەر ۋە ئائىلەڭلار باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلارنى تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. شەخسەن مەن ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا ھەر دائىم سىلەر بىلەن بىرگە.»
لورا خانىم سۆزىدە يەنە «ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى ھەرگىز كۆرمەسكە سېلىشقا بولمايدۇ، ئۇ چوقۇم ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە مۇپتىلا قىلىنىشى كېرەك» دېدى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بايدېن-خاررىس ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە بۇ مەسىلىدە ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
لورا خانىم ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى سىياسەتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى جازالاش، مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈمىگە قارشى تەدبىر قوللىنىش ۋە ئىلغار پەن-تېخنىكىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە قوللىنىلىشىغا قارشى تۇرۇش ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەت ھالقىغان بېسىمىغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ بىر قانچە ئاساسلىق يۆنىلىش بويىچە مېڭىۋاتقانلىقىنى مىساللىرى بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
ئۇ شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ ماگنېتىسكىي قانۇنى قاتارلىقلار ئارقىلىق بۇ ۋەھشىيلىكتە قولى بارلارنى ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرى، ۋىزا چەكلىمىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق داۋاملىق جازالايدىغانلىقىنى، باشقا شېرىك دۆلەتلەر ۋە ئورگانلار بىلەن بۇ ھەقتە داۋاملىق ھەمكارلىشىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى كوللېكتىپ ئەيىبلەش ۋە جازالاشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى، دۆلەت مەجلىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ تۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن جازالاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لورا خانىم يەنە ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېننىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلار كۆپ قېتىم بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ۋە بۇندىن كېيىنمۇ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لورا خانىمنىڭ سۆزى ئاياغلاشقاندىن كېيىن يىغىننىڭ باشقۇرغۇچىسى يەنى مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ تەتقىقاتچىسى رايېن خاس ئۇنىڭدىن ئىنتايىن مۇھىم بىر سوئالنى سورىدى. ئۇ «ئۇكرائىنادا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ ۋەزىيەت ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك دىققەتنىڭ بۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولۇپ قالارمۇ» دەپ سورىدى. لورا خانىم بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:
«بىزنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەزىيەتكە بولغان دىققىتىمىز ۋە ئالاقىمىز ئۆزگەرمەيدۇ. ئۇ خۇددى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رىقابەتلىرىگە قارشى ئامېرىكانىڭ قىممەت قاراشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش يولىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىرىشچانلىقلىرىمىزغا ئوخشاش مۇقىمدۇر. پرېزىدېنت بايدىن بۈگۈن ئۇكرائىنادىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا توختالغاندا دېموكراتىيە بىلەن مۇستەبىتلىك ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش دەپ سۈپەتلىگىنىدەك بىز سۆزلىشىۋاتقان بۇ تېمىمۇ ئىنتايىن ئۆزگىچە بىر مەسىلە ۋە بىز بۇ مەسىلىگە داۋاملىق ھالدا يۈكسەك دەرىجىلىك دىققەت بىلەن مۇئامىلە قىلىمىز.»
رايېن خاس يەنە لورا خانىمدىن ئامېرىكانىڭ بۇ مەسىلىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى سورىدى. بۇنىڭغا جاۋابەن لورا خانىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى ئالاھىدە كۈچەيتىدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە خاتىمە بېرىشتىكى ئۈنۈملۈك يوللىغىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنى ئۆزى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەش تىرىشچانلىقىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى چۈنكى كوللېكتىپ ھەرىكەتنىڭ خىتايغا كۆرسىىتىدىغان تەسىرىنىڭ كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ شۇنداقلا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە جازا لاگېرلىرى تۈزۈمىنىڭ دۇنياغا كېڭىيىشى ۋە باشقا دىكتاتور ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن ئۈلگە ئېلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىمۇ مۇھىم مەسىلە دەپ قاراۋاتقانلىقى، شۇڭا يۇقىرى ئىلغار تېخنىكىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ئىشلاردا قوللىنىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، قىسقىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى توختىتىش ئۈچۈن كۆپ تەرەپلىمىلىك سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مەزكۇر يىغىنغا يەنە سۈنئىي ئەقىل ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تېخنىكا تەشەببۇسچىسى ناملىق تەشكىلاتنىڭ-تاشقى سىياسەت، بىخەتەرلىك، ئىستراتېگىيەلىك ۋە تېخنىكا مەركىزى تەتقىقاتچىسى جېسىكا بىراندت ( Jessica Brandt)، -ئىشچىلار ھوقۇقى بىرلەشمىسى تەتقىقاتچىسى جەۋھەر ئىلھام، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفېي رېچاردسون قاتارلىقلارمۇ قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.