پۈتۈن دۇنيانى ۋەھىمىگە سېلىۋاتقان تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ نۆۋەتتە تارقىلىشچان كېسەللىككە ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىلىۋاتقانلىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانىدى. لاگېرلارغا قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ئازابلىرىغا قوشۇلۇپ، لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلغان «ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تەدبىرلىرىگە ماسلىشىش ئۈچۈن ئېغىر ئاچارچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكى بۇ ھەقتىكى بەس-مۇنازىرىلەرگە يېڭى مەزمۇنلارنى قوشتى. بۇ ئەھۋاللارنى ئۇيغۇرلاردىن باشقا تاشقى دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلگۈچى ھەر ساھە كىشىلىرىگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى 26-فېۋرال كۈنى دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىردى.
ئالدى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئالاقە مۇدىرى لۇيىسا خانىم سۆز ئېلىپ، تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا پەيدا قىلغان سەلبىي تەسىرى ھەققىدە بۇ قېتىمقى ئاخبارات يىغىنىنى چاقىرغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. شۇنداقلا يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈۋېلىشىنى تەكلىپ قىلدى.
ئارقىدىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات سۆز ئالدى. ئۇ ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدىن تولىمۇ قاباھەتلىك ۋە راھەتسىز خەۋەرلەرنىڭ مەلۇم بولۇۋاتقانلىقىنى، ۋىرۇس ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىققان ھامانلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېردىكى قېرىنداشلىرىدىن ئەندىشىگە چۈشكەنلىكىنى، بۇنىڭ لاگېرغا تۇتىشىپ كەتسە قانداق بالايىئاپەتلەرگە سەۋەب بولۇشى ھەققىدە تەخمىنلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، ھازىر ئاشۇ خىل ئەندىشىلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ رېئاللىققا ئايلانغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
شۇ قاتاردا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر شاھىتلىرىدىن مېھرىگۈل تۇرسۇن سۆز ئېلىپ، ئۆزىنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەنلىرى ئاساسىدا لاگېرلاردىكى روھىي ۋە جىسمانىي قىيناقلارنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق تەسۋىرلەپ بەردى. ئۇ، بۇ ئازابلارنىڭ ئۇ جايلاردىكى كىشىلەرنى ئاللىقاچان تولىمۇ ئاجىز ۋە ھىمايىچىسىز بىر ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى تەرجىمان ئېلىس ئاندېرسوننىڭ ياردىمىدە ئىخچام ۋە تەسىرلىك بايان قىلىپ بەردى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئۈچۈن ئالايىتەن بوستوندىن كەلگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچى، ماساچۇسسېت تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى گېن تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور مايسەم مۇتەللىپوۋامۇ سۆزگە چىقىپ، ۋىرۇس مەسىلىسىدە نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىدىن پەۋقۇلئاددە ئەندىشە قىلىش لازىملىقىنى چۈشەندۈردى.
مايسەمنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلان قىلغان ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرى 80 نەچچە كىشى بولۇپ، بۇ ساندا كۆپلىگەن گۇمانلىق نۇقتىلار بار ئىكەن. يەنە كېلىپ جەنۇبىي كورېيە، ئىران، ياپونىيە، ئىتالىيە قاتارلىق جايلاردا يۇقۇمنىڭ ئەھۋالى بارغانسېرى ئېغىرلاۋاتقان ئەھۋالدا ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەركىزى بولغان جايلاردا يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا. ئۇ، شۇنچە كۆپ خىتاينىڭ ۋۇخەندىن ئۇيغۇرلار دىيارىغا قېچىپ بارغانلىقى ئېنىق تۇرسا، نېمە ئۈچۈن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى بۇنچە ئاز مەلۇم قىلىنىدۇ، دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئاللىقاچان يېرىم جان بولۇپ قالغان لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ بۇ ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرغۇدەك ھېچقانداق قۇۋۋىتى يوقلۇقىنى، لاگېرلاردىكى سوراقچىلار ۋە باشقۇرغۇچىلار بىردەك خىتاي بولغان ئەھۋالدا لاگېردىكىلەرنى ۋىرۇستىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جەزمەن لاگېرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ بىردىن-بىر چارە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ خادىمى ئېلس ئاندېرسون ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچىنى ياخشى بىلىشتەك ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىرۇس سەۋەبلىك ئۆيلەرگە قامىلىش ئەھۋالى، شۇنىڭدەك بۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان ئاچارچىلىق ئەھۋالى ھەققىدىكى قىسقا فىلىملار ھەمدە ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلار ھەققىدە يىغىن ئەھلىگە مەلۇمات بەردى.
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زىيالىيلارنىڭ بىر قىسمى نۆۋەتتە لاگېرلارغا قامالغان بولۇپ، ئەنە شۇلارنىڭ بىرى تارىخچى ئىمىنجان سەئىدىن ئىدى. ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى سەمىرە بۇ ھەقتە يىغىن ئەھلىگە مەلۇمات بېرىپ، ياش جەھەتتە خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان بۇ زىيالىيلارنىڭ لاگېرلاردىكى سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى بولمايۋاتقان ئەھۋالدا ئۇلارغا تاجسىمان ۋىرۇسى چاپلاشسا بۇنىڭ ئاقىۋىتى بەكمۇ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللەشكە يېقىندىن ھەمكارلاشقان ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى رەئىسى قۇززات ئالتايمۇ يىغىندا سۆز ئالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۈگۈن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەمەس، بەلكى بىر ئوغۇل سۈپىتىدە سۆز قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەچ، لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن دادىسى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ، دادىسىغا ئوخشاش مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ «تەربىيە» ۋە «خىزمەت» كە ھېچقانداق ئېھتىياجى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ مەجبۇرىي يوسۇندا «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى لاگېرلارغا قامىلىۋاتقانلىقىنى، يەنە بولۇپمۇ لاگېرلاردىكى مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالى ھازىر شۇنداق پاجىئەلىك بولۇۋاتقان ئەھۋالدا ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى ئۇلارنىڭ ھاياتىغا ئېغىر خەۋپلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەنمۇ ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولسا ئۆزلىرى «مەكتەپ» دەپ ئاتاۋاتقان بۇ لاگېرلارنى باشقا مەكتەپلەرنى تاقىغانغا ئوخشاش تېزدىن تاقىشى لازىملىقىنى كۆرسەتتى.
يىغىننىڭ ئاخىرىدا كۆپچىلىك بەس-بەستە سوئال سورىدى. ئۇيغۇر ۋەكىللەرمۇ تېگىشلىك يوسۇندا جاۋاب بەردى. بولۇپمۇ لاگېرلار مەسىلىسى ۋە ۋىرۇسنىڭ بىر-بىرىگە باغلىنىپ قېلىشى ھەققىدىكى سوئاللار كۆپرەك سورالدى.
يىغىندىن كېيىن بىز ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەققىدە سۆزلەشتۇق. ئۇ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
يىغىندا مەلۇمات بەرگەن ئۇيغۇر ئالىمە مايسەممۇ ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ لاگېرلارغا تارقىلىپ كېتىشى بەكمۇ خەتەرلىك بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
مەلۇم بولۇشىچە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى بارغانسېرى ئېغىرلاۋاتقان بولۇپ، بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئىشقا چۈشۈشى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى تېخىمۇ ئېشىپ مېڭىشى مۆلچەرلەنمەكتىكەن.