ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۆتكۈنچى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستىراتېگىيە كۆرسەتمىسى» گە كىرگەن

0:00 / 0:00

ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدېن 3-مارت كۈنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى تۇنجى «ئۆتكۈنچى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستىراتېگىيە كۆرسەتمىسى» نى ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستىراتېگىيەسىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنى شەرھىلىگەن. ئۇنىڭ «ئۆتكۈنچى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستىراتېگىيە كۆرسەتمىسى» دە خىتاي ئامېرىكانىڭ ئاساسلىق رىقابەتچىسى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. بۇ كۆرسەتمىگە ئۇيغۇر ئېلىمۇ كىرگۈزۈلگەن. بۇ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ «ئۆتكۈنچى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستىراتېگىيە كورسەتمىسى» دە تىلغا ئېلىنىشىدۇر.

23 بەتلىك كۆرسەتمىدە «خوڭكوڭ، شىنجاڭ، تىبەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسان قەدىر قىممىتىنى قوغدايمىز. بىز بۇ بارلىق مەسىلىلەردە ئوخشاش چۈشەنچىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق ھەرىكەت شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمىز،» دىيىلگەن. كۆرسەتمىدە يەنە ئاسىيادىكى ئىلغار دېموكراتىيە ھەمدە ئامېرىكانىڭ ھالقىلىق ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك شېرىكى بولغان تەيۋەننىمۇ قوللايدىغانلىقىنى، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى ئۇزۇن يىللىق ۋەدىسىدە تۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكادىكى بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئاقساراينىڭ «ئۆتكۈنچى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستىراتېگىيە كورسەتمىسى» دە خىتاينىڭ سىياسىي تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش يېتەرلىك توندا تەكىتلەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ «ئومۇمەن ياخشى بىر ئىستىراتېگىيە» ئىكەن.

ئامېرىكادىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، «كور ئانالىتىك تەتقىقات ئورنى» نىڭ مەسئۇلى ئاندرېس كور، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۆتكۈنچى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستىراتېگىيەسى» گە باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئومۇمەن ئېيتقاندا، بۇ ياخشى بىر ئىستىراتېگىيە باياناتى. بىراق مېنىڭ قارىشىمچە، بۇنىڭ ئەپسۇسلىنارلىق تەرىپى ئۇنىڭدا خىتاينىڭ سىياسىي تەسىرى مەسىلىسىگە يېتەرلىك ئۇرغۇ بېرىلمىگەن. خىتاينىڭ تەسىرى ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە كانادانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە كارخانا ساھەسىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن بولسىمۇ، بىراق ھۆججەتتە بۇ مەسىلىلەرگە ئورۇن بېرىلمىگەن.»

لېكىن بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۆتكۈنچى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستىراتېگىيە كۆرسەتمىسى» دە، ئامېرىكانىڭ ئىناۋىتى، يەر شارى خاراكتېرلىق يېتەكچىلىك ئورنىنى قايتا تۇرغۇزۇپ، خەلقئارا كۈنتەرتىپنى ۋە خەلقارا قائىدە-تۈزۈملەرنى خىتاينىڭ بەلگىلىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بەلگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ئۇنىڭدا خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ تەڭسىز مەنپەئەت تەلەپ قىلىپ، تاجاۋۇزچىلىق، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ھەرىكەتلەردە بولۇۋاتقانلىقى، خىتاي ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتى، قىممەت ئۆلچىمىگە تەھدىت سېلىۋاتقان بۇنداق ئەھۋالدا، ئامېرىكا چوقۇم خىتاينىڭ خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

«ئۆتكۈنچى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستىراتېگىيەسى» دە يەنە ئامېرىكانىڭ ئىتتىپداقشلىرىنى، خىتايغا قوشنا دۆلەتلەر ۋە سودا شېرىكلىرىنى قوللايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل سىياسىي تاللاش ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ئانالىزچى ئاندېرس كورنىڭ قارىشىچە، خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ھالقىلىق ئامىلى كونكىرېت ۋە كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئېلىش ئىكەن. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا ئېغىر ئىقتىسادىي ئىمبارگو يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئاندېرس كور مۇنداق دېدى: «بىز خىتايغا ئېغىر ئىقتىسادىي ئىمبارگو يۈرگۈزۈشىمىز، باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئىمبارگو يۈرگۈزۈشىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى تەسىر كۈچىنى تازىلاپ، تېخىمۇ كۆپ خىتاي كونسۇلخانىلىرىنى تاقىشىمىز، تېخىمۇ كۆپ بىرلەشمە تېخنولوگىيە تەرەققىيات پروگراملىرىنى بىكار قىلىشىمىز ھەم ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز لازىم.»

ئاندېرس كورنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا يەنە كونكىرېت تەدبىر سۈپىتىدە 2022-يىلى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكىشى ياكى بايقۇت قىلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ: «بىز ئولىمپىكنى قايتۇرۇۋېلىپ، ئۇنى باشقا دۆلەتكە يۆتكىشىمىز لازىم. بىز ئولىمپىكنى ۋانكوۋېرغا ياكى توكيوغا يۆتكىسەك بولىدۇ. لېكىن ئولىمپىك بېيجىڭدا ئوتكۈزۈلمەسلىكى كېرەك. ئەگەر بىز ئولىمپىكنى باشقا دۆلەتكە يۆتكىيەلمىسەك، ئۇ ھالدا بىز بايقۇت قىلىشىمىز لازىم،» دېدى.

لېكىن بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۆتكۈنچى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستىراتەگىيە كۆرسەتمىسى» دە، خىتاي بىلەن بولغان ئىستىراتېگىيەلىك رىقابەت ئامېرىكانىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلسە، ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشقا توسالغۇ ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «دەرۋەقە، ئامېرىكانىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇش بىزنىڭ خىتاي بىلەن ئىشەنچىلىك ۋە كۈچلۈك ئورۇندا تۇرۇپ، ھەمكارلىشىشىمىزغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. بىز بېيجىڭ بىلەن ئەمەلىي ۋە نەتىجە ئېلىش ئاساسىدىكى دىپلوماتىيەنى يولغا قويۇپ، خاتا چۈشەنچە ۋە خاتا چوت سوقۇش خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.»